logo

trugen jacn

ھاشاردىن قايتىشىدا يارىلانغان سەمەت ئەبەيگە ھۆكۈمەت ئەمەس، ئەل – جامائەت ئىگە چىقتى

b2347cae-bd42-4ba0-925a-fc103c8acdf0

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0522-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، دېھقان سەمەت ئەبەي بۇ يىل 17 – ئاپرىل كۈنى ھاشاردا بېسىپ ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگەتكەن ۋە كۇنىنىڭ قالغان قىسمىدا ئائىلە، بالا – چاقسى ئۈچۈن ئىشلەش مەقسىتىدە توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئىشلەمچىلەر بازىرىغا قاراپ ئاتلانغان. يول ئۈستىدە موتوسىكلىتى ئۆرۈلۈپ جىگىرى ئېغىر زەخمىلەنگەن ۋە بىر پۇتى سۇنغان. ئۇنىڭ بېشىغا بۇ ئېغىر كۈن كەلگەندە مەزكۇر ھاشارنى ئورۇنلاشتۇرغان يۇلتۇزباغ يېزىلىق ۋە توقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان.

يارىدار سەمەت ئەبەينىڭ قولۇم – قوشنىلىرى، بالىسىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى، قېيىن ئەھۋالنى كۆرگەن دوختۇر سېستىرالار، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ۋە مەسچىت جامائەتلىرى چەكلىك ئىمكانلىرى دائىرىسىدە ياردەم قىلغان. ئەمما بۇ ياردەم دولقۇنىمۇ يېزا ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى تەسىرلەندۈرەلمىگەن؛ دائىرىلەر ھاشاردىن قايتىشىدا يارىلانغان سەمەت ئەبەي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن تا بۈگۈنكە قەدەر ھال سوراپمۇ قويمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hashar-yaridar-05222015231846.html

Share
2110 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.