logo

trugen jacn

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق سىستېمىسىدىكى

uyghur yeziqi ile ilgili görsel sonucu


تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىش قائىدىلىرى

چىنار

تىنىش بەلگىلىرى پۈتۈن يېزىق سىستېمىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ بىر تەشكىلىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېزىق تىلىدا خاتىرىلەنمەكچى بولغان بىر مەزمۇننى ئېنىق ۋە توغرا ئىپادىلەپ بېرىشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە جانلىق تىلدىكى نوتۇقنىڭ مەزمۇنى ۋە سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنى يېزىق تىلىغا ئالماشتۇرۇشتا ھەم ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاسىتە.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق سىستېمىسىدا تۆۋەندىكى تىنىش بەلگىلىرى قوللىنىلىدۇ:

چېكىت .

سوئال بەلگىسى ؟

ئۈندەش بەلگىسى !

پەش ،

چېكىتلىك پەش ؛

قوش چېكىت :

قوش تىرناق « »

يالاڭ تىرناق < >

تىرناق ( )

سىزىقچە –

سىزىق – 

كۆپ چېكىت …

تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنى ئوقۇغاندا تىنىشنى ئىپادىلەش – ئىپادىلىمەسلىككە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ:

1 – تۈركۈمدىكىلەر: چېكىت، سوئال بەلگىسى، ئۈندەش بەلگىسى، پەش، چېكىتلىك پەش ۋە قوش چېكىت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ خىلدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بەزىلىرى پەقەت بەلگىلىك بىر قۇرۇلمىدىن كېيىن تىنىش بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بەزىلىرى تىنىش بولۇشنى ئىپادىلەشتىن سىرت قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدىكى بىرلىكلەرنىڭ ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ھەم ئىپادىلەيدۇ.

2 – تۈركۈمدىكىلەر: قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق، تىرناق، سىزىقچە، سىزىق  ۋە كۆپ چېكىت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ خلدىكى تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا ئاساسەن شەرتلىك بەلگە رولىنى ئوينايدۇ. بۇ تۈركۈمدىكى بەزى تىنىش بەلگىلىرى شەرتلىك بەلگە رولىنى ئويناپلا قالماستىن يەنە گرامماتىكىلىق ۋاسىتە رولىنى ھەم ئۆتەيدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق سىستېمىسىدىكى تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسلىق (قۇرۇلما) پرىنسىپى، مەنە پرىنسىپى ۋە ئىنتوناتسىيىلىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن قوللىنىلىدۇ. سىنتاكسىسلىق (قۇرۇلما) پرىنسىپى مۇئەييەن بىر پۈتۈن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر پۈتۈن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدىكى تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىسىدا پەش ياكى چېكىتلىك پەش بەلگىلىرىنى قوللىنىش ئەھۋاللىرى. مەنە پرىنسىپى مۇئەييەن بىر پۈتۈن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ياكى مۇئەييەن بىر پۈتۈن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدىكى تەركىبلەرنىڭ گرامماتىكىلىق مەنىسىگە ئاساسەن تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بايان جۈملە، سوراق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن تېگىشلىك تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش ئەھۋاللىرى، جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا سىزىقچە بەلگىسىنى ئىشلىتىش، جۈملىدىكى ئىزاھ ئېنىقلىغۇچىنىڭ ئالدى – كەينىدىن سىزىق بەلگىسىنى ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى. ئىنتوناتسىيە پرىنسىپى ئايرىم بىر تەركىب ياكى مۇئەييەن بىر پۈتۈن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ قانداق ئىنتوناتسىيە بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، خىتاب تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتىلغان تەركىب (سۆزلەر) دىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، بايان جۈملە، سوئال جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن تېگىشلىك تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش ئەھۋاللىرى. بەزىدە تىنىش بەلگىلىرى يېزىقچىلىقتىكى ئادەت ۋە ئېھتىياج يۈزىسىدىن قوللىنىلىشى ھەم مۇمكىن. يەنە بەزىدە قائىدە (تەلەپ) بويىچە تىنىش بەلگىلىرى قوللىنىش لازىم بولغان قۇرۇلمىلاردا ئەكسىچە ئادەت بويىچە ئىشلەتمەسلىك ئەھۋاللىرى ھەم ئۇچرايدۇ.

1. چېكىتنىڭ ئىشلىتىلىشى

چېكىت بىر جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تىنىش بەلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

1.1. بايان جۈملە ۋە ئاتاش جۈملىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ بۇ كىتابنى كۇتۇپخانىدىن ئارىيەت ئالدىم.

+ ئۇ شۇنچىلىك ئازابلاندىكى، كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى.

+ تۈن، جىمجىت.

+ 1911 – يىل. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى، قارىغايزارلىق ياپ – يېشىل جىلغا.

+ – سەن دېگىنە، – دېدى ئەسقەر ئاغىنىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ.

ھازىر يېزىقچىلىقتا دىئالوگ (ئەمەلىيەتتە كۆچۈرمە جۈملىلەر) ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۈندەش ۋە سوئال جۈملىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا بايان جۈملە بولسىمۇ مۇتلەق ھالدا «پەش» قويۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن:

– بەللى قىزىم، ياخشى ئوقۇساڭ بىر ئىش تەۋرىتىدىغاندەك تۇرىسەن، – دېدى.

بۇ ناتوغرى ئەھۋال. ئەگەر دىئالوگدىكى جۈملىدىكى تارماق جۈملە بايان جۈملە بولسا، تارماق جۈملىدىن كېيىن «پەش» قويۇلۇشى، ئەگەر دىئالوگ بايان جۈملە بىلەن تاماملانغان بولسا «چېكىت» قويۇلۇشى لازىم. مەسىلەن:

– ھارغانسەن، پۇت – قولۇڭنى يۇغىن، تاماق يە، بىر سائەتتىن كېيىن سۆزلىشىمىز. – دېدى – دە، چىقىپ كەتتى.

1.2. توۋەن ئىنتوناتسىيىلىك بۇيرۇق جۈملە، مەسلىھەت، ئىلتىماس ھەمدە ئارزۇ ئۈمىدنى ئىپادىلەيدىغان ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.

+ مەن بىلەن بىر كۆرۈشسۇن.

+ خوش، ئامان بولۇڭلار.

1.3. رەت تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان ساناق ساندىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

                         بىرىنچى باب

1. قانلىق دەريا

2. ئېلىشانىڭ راۋابى

3. قۇتلۇق خەۋەر

1.4. قىسقارتلىپ يېزىلغان ئىسىم – ڧامىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇلدۇ. مەسىلەن:

+ ل. مۇتەللىپ كىچىك چېغىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشقان ئىدى.

1.5. يىل، ئاي ۋە كۈن رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ .1 .10 .1949

1.6. ئونلۇق كەسىرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ 1.5، 2.5

1.7. باب – پاراگراڧنى رەقەم بىلەن ئىادىلىگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

4. ئاقار جىسىملار مېخانىكىسى

1.4 شىمالىي دېڭىزنىڭ سۈيىنى توسۇۋېلىش

2.4 ھاۋا نەيچىسى ئارقىلىق نەپەس ئېلىش

3.4 ….

2. سوئال بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى

سوئال بەلگىسى بىر جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تىنىش بەلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

2.1. ھەر خىل قۇرۇلمىدىكى سوئال جۈملىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئۇ كىم؟

+ غۇلجىغا بارمايدىغان بولدىڭىزمۇ؟

+ بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ، ئۇقمامدۇ؟

+ سەن كىنوغا بارامسەن، يوق؟

+ جاڭجۇڭ جانابلىرى جاللاتلىقتا شا مەخسۇتتىن ئۇستىراق ئىكەنلا، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

+ دەۋران ماڭا يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق؟

– ئەسقەر قېنى؟ – دەپ سورىدى ئانىسى.

2.2. ئاپتور مەلۇم بىر مەسىلىنىڭ قويۇلىشىغا گۇمان پوزىتسىيە تۇتسا ياكى بىر مەسىلە نامەلۇم بولسا، يېزىقتا شۇ ئورۇنغا سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. (سوئال بەلگىسى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.)

+ مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كېڭەيتتىم.

+ شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىتىرىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.

+ خەلقنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوشۇنلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق قەھرىمانلاردىن لى زىچىڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە لى چېن (؟– 1649 – يىللار)، لى لەي خېڭ (؟– 1664 – يىللار) ۋە جاۋ شيەنجۇڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە لى دىڭ گو (؟– 1662 – يىللار) قاتارلىقلار بار ئىدى.

3. ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئۈندەش بەلگىسى بىر جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تىنىش بەلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

3.1. كۈچلۈك ھېس – تۇيغۇنى بىلدۈرىدىغان ئۈندەش جۈملىدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئاتا – ئانىلار ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ بالىلار ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نەقەدر چوڭ – ھە!

+ ياشىسۇن تىنچلىق!

+ مەزىن: (قادىرغا) ھەي، دەۋزىخى بەدبەخ! …

+ خۇداغا ئامانەت، بالام!

+ خالايىق، ئاڭلىمىدىم، ئىشىتمىدىم دېمەڭلار! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! كۆك بېشىغا تاپان ھەققى تولۇق تۆلەنسۇن! كىمكى ئۆستەڭ چېپىشقا چىقمىسا، قاتتىق جازالىنىپ، نومغا پالىنىدۇ! خالايىق …

3.2. بۇيرۇق جۈملىدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ سىز دەرھال جەڭ مەيدانىغا قايتىڭ!

+ ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشسۇن!

+ – كۈرەش، نىكاھ خېتىنى تاپشۇر! – دېدى سودىيە بۇيرۇق قىلىپ.

3.3. تېكىستتىكى كۈچلۈك ھاياجان بىلەن ئېيتىلغان قاراتما سۆز ۋە ئۈندەش سۆزلىرىدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ تۇرغان: قېرىنداشلار! بۇ زالىمدىن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك! ئىنتىقام ئالايلى!

+ ھۆرمەتلىك كىتابخان! گۈلقىز بىلەن ئەمدى قىسسىمىزنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا دىدار كۆرۈشىشىڭىز مۇمكىن.

+ پاتەمخان: توۋا! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟

              4. پەشنىڭ ئىشلىتلىشى

پەش ئاساسەن مۇئەييەن بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدىكى تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ قوللىنىلىشى تۆۋەندىكىچە:

4.1. سۆز بىرىكمىسى ۋە ئاددى جۈملىدىكى تەڭداش تەركىبلەر ھەمدە قوشما جۈملىدىكى تارماق جۈملىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن پەش ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ گۈزەل جىلغا، زۈمرەت ئېقىن

+ مەدەنىيەت، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى

+ ئەخمەت، سەمەت، ۋە مۇھەممەتلەر يىغنىغا كەتتى.

+ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ: رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، كومىتېت ئەزالىرى.

+ نادىر ئىككىمىزنىڭ ياش قۇرامىمىز، بوي – تۇرقىمىز، سەرگۈزەشتىلىرىمىزمۇ ئوخشاش ئىدى.

+ زىلەي ياشلىق چاغلىرىنى، تۈنجى قېتىم ئەخمەتكە مۇھەببەت رىشتىسى باغلانغان پەيتلىرىنى سېغىنىشلىق بىلەن ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى.

+ گۈلخانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئادەملەر قۇرال – ياراقلىرىنى  يېنىغا تاشلاپ قويۇپ، ئىرغاي چىۋىقلىرىدىن ياسىۋالغان زىقلىرىدا كاۋاب پىشۇرۇپ، ئويۇن – چاقچاق  بىلەن خاتىرجەم ئولتۇرۇشاتتى.

+ كۆيۈمچانلىقى ۋە ھېچنەرسىدىن ئېرىنمىگەنلىكى ئۈچۈن جەڭچىلەر ئۇنى ئەڭ شەپقەتلىك، مېھرىبان ھەمشىرىمىز دەپ ھۆرمەت قىلاتتى.

+ مەن كەلگۈچە، ئۇ كېتىپ قاپتۇ.

+ كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.

+ ئۇ كۈلۈمسىرىدى، لېكىن كۆڭلى سۇنۇق ئىدى.

+ مەلۇم بولدىكى، بۇ قىز مورى تاغلىرىدا ياشايدىغان ھاللىق بىر چارۋىچىنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەن.

+ مەكتەپكە بارامسەن، يوق؟

+ بۇ كىتاب سېنىڭمۇ، ئەمەس؟

+ ھېلىقى دىقماق بالا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى: – سىزنى چۆچۈتۈپ قوياي دەپ بەندىڭنى كۆزلەپ تەپكەن ئىدىم، – دېدى تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن، – تېگىپ كەتتى، ئەپۇ قىلىڭ.

+ ئىشلىسەڭ، چىشلەيسەن.

+ بارسام، باراي.

4.2. ئىككى جۈملە ياكى ئابزاسسنى باغلاپ كەلگەن باغلىغۇچىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئوقۇتقۇچى سوئال سورىدى. بىراق، ئوقۇغۇچى جاۋاب بەرمىدى.

+ باغلاردا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، خامانلاردىن توشۇلىۋاتقان مارجاندەك بۇغدايلار دېھقان قەلبىگە ھوزۇر بېغىشلىدى. ئۆيلەردە شادلىق، چىرايلاردا كۈلكە، باغ ۋە ئېتىزلاردا ناخشا … مانا بۇ يېزا ئاۋاتلىقى، مەمۇرچىلىقى.

+ لېكىن ھەممىدىن ئاۋات يەر ھېلىقى ئەللىك مو شورلۇق بولۇپ قالدى. تاۋۇزلۇقنىڭ يولى توپىلىق، لېكىن ئاۋات….

(ئەسلەتمە: ئاددى جۈملىدىكى بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچىنىڭ ئالدى كەيندىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن: سەن ياكى ئەخمەت بارامدۇ؟)

4.3. قاراتما سۆز، ئىملىق سۆز (ئۈندەش ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلغان)، ياكى قىستۇرما سۆز جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدىن؛ ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى چېتىدىن؛ ئاخىرىدا كەلسە، ئالدىدىن پەش قويۇلدۇ. مەسىلەن:

+ قەدىرلىك ئانا، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

+ نەچچە زامانلار بولدى، بىرەر قېتىم كۆرۈپ كېتەيمۇ دېمىدىڭ. قىزىم، يولۇڭغا قاراپ كۆزۈم تېشىلىپ كېتەي دېدى.

+ نەگە باردىڭ، دىلشات؟

+ قىسقىسى، ئاۋۇت مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان تاپا – تەنىلەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.

+ سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى قاتارغا قويۇلغان ئىدى.

+ پاھ، نېمىدىگەن ئېگىز تاغ بۇ!

+ قاسىمغۇ بۇ، ھوي!

ھەئە، مەن شەھەردىكى بىر ناۋاينىڭ شاگىرتى، ئۆزۈم ئەسلى سەھرالىق، ئۇستام ئوبدان ئادەم. كۆنۈكۈپ قالدىم.

+ – ھە، سادىقمۇ سەن؟ تونۇيالمايلا قاپتىمەن.

+ – ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دەرھال بارىغانلىقى بىزگە ئېنىق.

+ – شۇنداق، دادام ئۇخلاپ قالغان، سەھرادىكى دوستلىرىم بىلەن خوشلىشىپ كىردىم.

+ – رەھمەت، گېنېرال جانابلىرى، دېگەنلىرىدەك بولسۇن.

+ – ماقۇل، تۈرمە سوغۇق بولۇشى مۇمكىن، كىيىملىرىمنى ئېلىۋالاي.

4.4. تارماق جۈملە باش جۈملىنىڭ ئارىسىدا كەلسە، ئىككى چېتىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ساڭا ئوخشاش ئىرادىسىز ئادەملەر، قىزلار مىيىقىدا كۈلۈپ قويسىلا، شامدەك ئېرىپ كېتىدۇ.

4.5. ئىزاھ ئېنىقلىغۇچى (ئورۇنداش) ئەگەر باشقا تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ( سىزىق ياكى تىرناق بەلگىلىرى بىلەن) ئايرىلمىغان بولسا، پەش بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:

+ يەر شارى، تۆت چوڭ ئوكيان، ئالتە قىتئەدە ئۇرۇش ۋەھىمىسى …

+ بۇ بالا، ئۇكام، بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇيدۇ. 

+ مۇھەممەت، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى، دەرسنى ئۆتۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ.

4.6. كۆپ خانىلىق ساننى خانىلارغا ئايرىغاندا پەش ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ 1,000,000

5. چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىشى

5.1. ئاددى تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن مۇرەككەپ تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ( كۆپ قاتلاملىق تەركىبلەرنىڭ) ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. (چېكىتلىك پەش ئىككىنچى قاتلامدا كۆرۈلىدۇ.) مەسىلەن:

+ كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە،شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.

+ بۇرادىرىم تۆمۈر دەيدۇكى، ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنىنى قوشسا، بىر قازان ئاش بولىدۇ؛ قىسمەت ئاكام مەسۇدىخان ئايلام باش قوشسا، كارامەت بەلەن توي بولىدۇ.

+ ئۆلەي دېسە، جان تاتلىق؛ يېمەي دېسە، نان تاتلىق ئىكەن؛ جان باقماق ئەلا ئىكەن. …

5.2. بىر نەچچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئاددى جۈملىدىمۇ چېكىتلىك پەش قوللىنىش ئەھۋالىمۇ ھەم ئۇچراپ قالىدۇ. مەسىلەن:

+ شۇڭا، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى مائارىپ باشقارمىلىرى، شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى مائارىپ بۆلۈملىرى ئارقىلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىلىنى تەيىنلەش؛ ھەربىي سەپكە قاتنىشىۋاتقان ياكى باشقا خىزمەتلەرگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى پىلانلىق ھالدا مائارىپ سېپىگە قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق تەشكىلىي ئىشلارنى قىلدى.

+ 74 – ماددا ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ تەشكىلاتىغا تەۋە مال – مۈلۈك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلكىدۇر. ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) قانوندا كوللېكتىپ مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار؛

(2) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى؛

(3) كوللېكتىپ ئىلكىدىكى بىنالار، سۇ ئامبارلىرى، ئېرىق – سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئەسلىھەلىرى؛

(4) كوللېكتىپ ئىلكىدىكى باشقا مال – مۈلۈكلەر؛

6. قوش چېكىتنىڭ ئىشلىتلىشى

قوش چېكىتنىڭ قوللىنىشى چېكىتكە ئوخشاش بولۇپ، بايان ئىنتوناتسىيىسى بىلەن تاماملانغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ڧۇنكسىيىلىك رولى يېزىقتا ئىزاھلاش ( تولۇقلاش) نى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. قوش چېكىتنىڭ قوللىنىشى توۋەندىكىچە:

6.1. جۈملىلەر توپلىمىنىڭ كېيىنكى جۈملىسى (ياكى جۈملىلىرى) ئالدىنقى بىرىنچى جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ (ئىزاھلاپ) كەلسە، ئالدىنقى بىرىنچى جۈملىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

+ خۇشتارخان يەنە ئېتىز سەھنىسىدىن كېلىدىغان مۇزىكا ئاۋازىنى بېرىلىپ تىڭشىدى: نەدىندۇر ناخشا كېلەتتى، ئاللىقەيەرلەردىن قىقاس – چۇقان، ئۆستەڭ بويلىرىدىن قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرى، خامان تەرەپتىن ئاياللارنىڭ كۈلكىلىرى كېلەتتى.

+ مېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى: – سىز مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئازار يېدىڭىز، – دېدىم.

6.2. سۆز بىرىكمىسىدىن كېيىن ئۇنى ئىزاھلاپ كېلىدىغا تەركىبلەر كەلسە، شۇ سۆز بىرىكمىسىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئون ئىككى تاغ: قاراقى، قوراي، تاشار، ئېدىر، باغداش، خوتۇنتام، شوبول، باي، ئاراتۈرۈك، نوم، تۈركۈل ۋە نېرىنىكىر دېگەن يەرلەردىن ئىبارەت.

+ قوبۇل قىلىش تەرتىپى:

1. ئاپتورلارنىڭ ئەۋەتكەن ئەسىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ھەجىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ.

2. ئۆمىكىمىز سەھنىلەشتۈرۈشكە بولىدۇ دەپ قارىغان ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سەنئەت خادىملىرى بىلەن بىرگە ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئاپتورنىڭ ياتاق، كاماندروپكا پۇلىنى ئۆمەك ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

6.3. پۈتۈن تېكىستنىڭ بېشىدا كەلگەن تۆۋەن ئىنتوناتسىيىلىك قاراتما سۆزدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ھۆررمەتلىك كىتابخانلار:

شۇنداق غەزەللەرنى ياڭرىتىپ، بىپايان دالىلاردا كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن كارۋانلار يۈرۈش باشلىغان چاغلاردا بەلكى سىز تېخى تۇغۇلمىغان، ياكى تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ، «تالچىۋىقنى ئات ئېتىپ» ئويناپ يۈرگەن بولغىيدىڭىز. …

6.4. سەھنە ئەسىرىدىكى پېرسوناژدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلۇپ، دىئالوگدىن ئاجرىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ غۇنچەم: مانا سىزگە تاۋار ياغلىق، گۈل ئورىۋېلىڭ. مانىڭدا ھەر قېتىم تاماكا چەككەندە، تىككەن كىشىنى ئەسلەپ قويارسىز.

+ نۇرۇم: رەھمەت. سىز نېمىشقا ئاۋارە بولىدىغانسىز.

6.5. ئاپتورنىڭ ئىسىم – ڧامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىرگە كۆرسىتىلگەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم – ڧامىلىسىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ زۇنۇن قادىرى: «غۇنچەم»

6.6. بىرەر نەرسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسالنىڭ ئالدىدا «مەسىلەن» سۆزى كەلسە، بۇ سۆزدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئادەملەرنىڭ كەسپى ۋە ھۈنەرلىرىگە قاراپ قويۇلىدىغان لەقەملەر، مەسىلەن: ئابدۇل قاسساپ، سىدىقجان موزدۇز.

7. سىزىقچىنىڭ ئىشلىتىلىشى

سىزىقچە كۆپۈنچە گرامماتىكىلىق ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. سىزىقچىنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

7.1. جۈپ سۆزنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ بالا – قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس،

   پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ.

7.2. مۆلچەر ساننىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ مەن ئىزدەپ بەش – ئالتە ىېتىم باردىم.

7.3. رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە ساندىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئۇ 2 – سىنىپتا ئوقۇيدۇ.

+ لۇتىپۇللا مۇتەللىپ 1922 – يىل 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى نىلقا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

7.4. تەكرار ئېيتىلغان سۆزنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئۇ راۋابنى چېلىپ – چېلىپ ھاردى.

+ نېمە – نېمە، ئادەمنى زاڭلىق قىلما.

+ ۋاي – ۋۇي، نېمىدىگەن كۆپ ئادەم بۇ!

+ ئاتا – ئانام قان – قان يىغلاپ، زار – زار قاقشاپ قالدى.

7.5. سۆزگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ھە، دە (تە)، يا (يە)» ئۇلانمىلىرىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ بۇ نېمىدېگەن مەنزىرىلىك جاي – ھە!

+ تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ – دە.

+ سىز يېقىندىن بېرى تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ – يا؟

+ گۈلخانغا ئىسىتما سېلىۋاتەمسەن – يە؟

6) كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ قۇر ئاخىرىغا كېلىپ قالغان بوغۇمىدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

تەرەققىـ –                                                                              تىرىــشـ –

ـيـات                                                                                     ـچـانلىق

              7) بۇيرۇق پېئىلنىڭ كەينىدىن ياكى قوشۇمچىنىڭ ئالدى – كەينىدىن  قوشۇمچە ياكى سۆز ئۇلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ كە لـ -، – ـچـان، بـىـ 

             8. سىزىقنىڭ ئىشلىتىلىشى

سىزىق كۆپۈنچە گرامماتىكىلىق ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. سىزىقنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

8.1. جۈملىدىكى ئىزاھ ئېنىقلىغۇچىنىڭ ئالدى – كەينىدىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ بىزنىڭ مەكتەپتە –  ئىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە– ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇيدۇ.

8.2. تەڭداش تەركىبلەر بىلەن ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزنى (ياكى ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزنىڭ ئورنىدا كەلگەن سۆزنى) بىر – بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن سىزىق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ نۇرۇم: … بۇ كۆز يەتمەس ئېتىزلارنىڭ بۇغداي، تېرىقلىرىنى كىملەر ئوردى، كىم ئۆستۈردى، قوش ھەيدەش، كەتمەن چېپىش، ئورما ئورۇش، ھارۋا ھەيدەش – مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇسۇل ئويناشمۇ، شاڭيوكا! …

+ بۇ بىر ئېغىز ئۆينىڭ بىر چېتىدە ئوتۇن، كۆمۈر، يەنە بىر چېتىدە ئەسكى جۇۋا، بەندىڭ، سۈپۈرگە، گۈرجەك، تاختا بېشىدا كىتابلار، موللامنىڭ ئەتراپىدا جازا قۇراللىرى – سۇنۇق ۋە باغلاقلىق تاياقلار تۇراتتى.

8.3. زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ ياكى ساننىڭ ئارىسىغا سىزىق قويۇلۇپ، «- دىن\- تىن، -غىچە\- قىچە\- گىچە\- كىچە» لەرنىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

+ 1959 – 1960 – يىللىق ئوقۇشنىڭ دەسلىپىدىلا خەنزۇچىدىن ھېچنېمە بىلمەيدىغان ئەنۋەر كەسىپكە دائىر ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بولۇپ قالدى.

+ لەنجۇ – شىجاڭ تاشيولىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى.

+ ئۈرۈمچى – ئاقسۇ – قەشقەر – خوتەن ئارىلىقىدا ھاۋا يولى ئېچىلدى.

8.4. ئەدەبىي ئەسەردىكى دىئالوگنىڭ ئالدىغا ھەمدە دىئالوگ بىلەن ئاپتور سۆزىنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ – ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئادەم قويمىدىمۇ؟

   – قويدى.

   – ئۇ قانداق ئادەمكەن؟

   – بىلمەيمەن.

+ – بۈگۈنكى ئىسسىقتا ئۆرۈك تازا پىشىدۇ، – دېدىم.

   – بىراق كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىلا غورا ئىكەنسىز. – دېدى باھار كۈلۈپ.

+ – خوش ئۇستام، بۇ يەرنى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ – سورىدى ھەمرا كۈلۈمسىرەپ.

   – ئوتتۇرىسىنى باغ، چۆرىسىنى تاغ قىلايمىكىن دەۋاتىمەن. قانداق دەيسىز، ھەمراخان. – دېدى چاقچاق قىلىپ مەتنىياز.

+ – «بۆزچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ» دېگەندەك، بىزگە قالغان ئىش شۇنداق بولماي نېمە بولىدۇ دەيسىز. …

8.5.  نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۈملە ياكى ئابزاسنىڭ ئاپتورىنى كۆرسەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم- ڧامىلىسىنىڭ ئالدىدىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئەگەر قىلمىدى ئەل ھىمايەت ساڭا،

ئۆزۈڭدىن كېرەكتۇر شىكايەت ساڭا.

– ئەلىشىر ناۋايى

8.6. بىرەر ئەسەر ياكى پائالىيەتنىڭ مەلۇم شەيئىگە بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ ئەسلەيمەن

– ل. مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

8.7. ئەسەرنىڭ قوشۇمچە تېمىسىنىڭ ئالدىدىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ شىنا قىز

–  سۈنئىي ئورۇقلاندۇرغۇچى

9. قوش تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش تىرناق كۆپۈنچە گرامماتىكىلىق ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. قوش تىرناقنىڭ قوللىنىشى تۆۋەندىكىچە:

9.1. جۈملىدىكى كۆچۈرمە سۆز، كۆچۈرمە سۆز بىرىكمىسى ۋە كۆچۈرمە جۈملە قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ مەن ھازىر شۇنچە خار بولۇپ قالغان بولساممۇ، خەلق مېنى نېمىشقا «سەن» دېمەي، «سىز» دەيدۇ. چۈنكى مەن دادامنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ، ئانچە – مۇنچە قارا خەت تونۇپ قالغان ئىدىم. قارىغىنا، شۇنىڭمۇ ھۆرمىتى بولىدىكەن.

+ « ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، ئەھۋالنىڭ تېگى – تەكتىنى  بىلمىگەن بەزى ئادەملەر ئۇنى «شەمشىدىن سەۋدايى» دەپ زاڭلىق قىلىدىغان بولدى.

+ مۇنداق ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلغان مەسچىتكە كىشىلەر ھېسابسىز كۆپ كېلەتتى ۋە ئۆزلىرىنى «مەن دېگەن پالانى ئالىمنىڭ كىتابخانلىقىغا بارغان» دەپ ماختىنىشاتتى.

9.2. بىرەر سۆزنى ئاتاپ كۆرسەتكەندە ياكى بىرەر سۆز ئەسلى مەنىسىدە ئىشتىلمىسە، بۇ سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا ئۈچىنچى شەخستە «سى» قوشۇلىدۇ.

+ تۇرپاننىڭ «كىشمىش ئۈزۈمى» دۇنياغا مەشھۇر.

+ ئىسمايىل سوپۇمنىڭ لەقىمى «ئوۋچى».

+ ۋاڭنىڭ دوغىلىرى يېزىمۇ – يېزا ئات چاپتۇرۇپ، ئېگىز – پەس ۋارقىراپ يۈرۈپ «يارلىق» يەتكۇزدى.

9.3. ئەسەر، گېزىت – ژۇرنال، زاۋۇت – كارخانا، ئىدارە – جەمئىيەت ناملىرى، دۇكان ناملىرى قاتارلىق مەخسۇس ناملار ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنىڭ ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

بۇنىڭ ئىچىدە مەن قىزىقىپ ئوقۇيدىغان «چاھار دەرۋىش»، «تۇتى نامە»، «مىڭبىر كېچە»، «ئابۇ ئەلى ئىبن سىنا»، «شاھى ماران» دېگەن كىتابلار بار ئىدى.

+ ئۇ «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.

+ مەتنىيازمۇ «ئالغا» كوپىراتىپىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

+ «ئاۋانگارد» ئاياق كىيىم كارخانىسى

+ «سەردار» رېستورانى

+ «تيانشان» تۈرلۈك ماللار دۇكىنى

+ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا «جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى.

10. يالاڭ تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى

جۈملىدىكى قوش تىرناق ئىچىدە يەنە قوش تىرناق ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

+ – ۋاي قوۋۇرغامەي، «چىراقپايدا چاي ئىچكەن <چېچەن> نى كۆردۈم» دېەەندەك، ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭما؟ ئۇقۇپ قوي،كېرىم، ئۇ دېگەن پەن! – دېدى رازىيە.

+ مەن «<يېشىل ھايات> توپلىمى ھەققىدە قىسقىچە تەسىراتلىرىم» دېگەن ئوبزورنى ئوقۇدۇم.

11. تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى

.11.1 جۈملىدىكى تولۇقلاش،ئىزاھلاش مەنىسىدە كەلگەن سۆز، سۆز بىرىكمىسى، ئىزاھ ئىنىقلىغۇچى (ئورۇنداش)  ۋە جۈملە باشقا  تىنىش  بەلگىلىرى بىلەن ئايرىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا،تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.   مەسىلەن:

+ كىشىلەر ئۇنى تۆمۈرمۇجاڭ ( ياغاچچى) دەپ ئاتايتتى.

+ ئۇ يەتتە گەز (بەش مېتىرغا يېقىن) رەخت سېتىۋالدى.

+ ئاتاقلىق چوڭ موللاملار (ئۇلار دامۇللا ياكى ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى.) بۇ يەردە ئەرەبچە، پارىسچە مەشھۇر كىتابلارنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.

+ بىر پۈتۈن ئوندىن ئالتە (1.6)

+ (نيۇتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)   F= ma

11.2. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ژانىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:

+ خۇراز ۋە مايسا ( مەسەل)

11.3.  كىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتكەندە تىرنىاق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ ل. مۇتەللىپ (1922 – 1945) تالانتلىق شائىر.

11.4. نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ مېنىڭ ئويۇمچە، كىشىلەرئۈچۈن چۈشەنچە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن. (چۈنكى ئوخشاش بىر ئىشنى ھەر خىل ئادەم ھەر خىل چۈشىنىدىكەن.)

(زۇنۇن قادىرى: «خاتىرىلەر»)

+ سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇر ئوتىدا مەن بىر قاينام تۇرسام،

ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.

(ل. مۇتەللىپ)

11.5. سەھنە ئەسىرىدە پېرسوناژنىڭ ھېسسىياتى، ھەركىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ زورىخان: (ئاڭلىماسقا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققنىا. (نۇرۇم باققا چىقىدۇ.)

+ شاڭيو: بولدى، ئاۋارە بولمىسىلا، مېنىڭ چايغا تاۋىم يوق. (ئورنىدىن تۇرىدۇ.)

12. كۆپ چېكىتنىڭ ئىشلىتىلىشى

12.1. كۆپ چېكىت تېكىستىكى قىسقارتىلغان قىسىمنى، نوتۇقتىكى سۈكۈتنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

+ ئىككىسى چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، موللا نىياز ھەققىدە ئۇزۇن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. …

+ قارا كۆزلىرى، ئىنچىكە قاشلىرى، بوستاندەك ئۇزۇن كىرپىكلىرى … سۈزۈك ئالمىدەك چىرايىغا ماسلاشقان بۇ قىز خۇددى چۆچەكلەردىكى ھۆر پەرىگە ئوخشايتتى.

+ … يۈسۈپ خاس ھاجىپ جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئون ئۈچ مىڭ مىسرادىن ئارتۇق ئۆلمەس داستاننى يېزىپ قالدۇرغان.

+ دادامدىن كۆڭلۈڭ قالسا، مەندىنمۇ كۆڭلۈڭ قالدىمۇ؟ …

+ تۇرغان: قېرىنداشلار! بۇ زالىمدىن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك. ئىنتىقام ئالايلى! …

+ ئوقۇسا، ئوينىسا، كۈلسە، يايرىسا، … نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە!

+ شاڭيو: نېمە گەپ، بۇ قانداق ئىش؟ يېشىڭلار بۇنى! (پاتەمخاننى يېشىدۇ.) ھەي جەددال، قىز قېنى، سېنى كىم باغلاپ قويدى؟ 

پاتەمخان: …

شەرۋان: ھەي لالمى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ (تېپىدۇ.)

پاتەمخان: …

12.2. سۆزلىگۈچى كىشىنىڭ ھاياجانلىنىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن نوتۇقنىڭ ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ چىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

+ ئامانقۇل تۆمۈر خەلپىگە قاراپ، «را … زى … بول … ئاكا!» دېدى – دە، كۆزىنى يۇمدى.

+ جەڭچىلەر «ئۇررا … ئۇررا …» دەپ ۋارقىرىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.

+ يولداش، توختاڭ … مېنى يۆلەڭ … كېسەلنى تەكشۈرۈپ باقاي …

13. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىلىشى

13.1. ئەگەر جۈملىدە ھەم سوئال ھەم ئۈندەش مەنىلىرى بىرلىكتە كەلسە، ئاۋۋال سوئال بەلگىسى، كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

+ شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

+ نېمە داستان، نېمە ئىجاد، تەپەككۈر، نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۋۇر؟!

13.2. قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق ۋە تىرناقنىڭ ئىچىدىكى تەركىبكە تەئەللۇق بولغان تىنىش بەلگىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلەرنىڭ ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

+ مانا ئەمدى بىر – بىرىگە  بىيىت ئېيتىپ، چاي تۇتۇش، ئالما تۇتۇش، گۈل چاي، يۇرت سايلاش، «تام تېشىپ تېرىق ئاپتۇ، مۇز تېشىپ بېلىق ئاپتۇ.» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدىغان «داد پادىشاھىم» لارغا ئوخشاش ئويۇن – تاماشىلار باشلىنىپ كەتتى.

+ پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپ، تەختكە چىققاندىن كېيىن، دەرغەزەپ «جاللات!» دەپ ۋارقىرىدى.

+ بەزىلەر «بۇ قانداق گەپ؟ ئۇنى نېمىشقا ساقلايسىلەر؟» دېسە، بەزىلەر «بۇ مۇرتەتنى تىرىك قويماقچىمۇسىلەر؟» دەپ ۋارقىرايتتى.

+ توختى مەندىن خېلىلا يۇقىرى جايدا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلىدەك (قاتاردىكى يىگىتلەر ئۆزلىرىنى شۇنداق دەپ ئاتىشىدۇ.) مەغرۇر ئولتۇراتتى.

                                                                                                                                    2010- يىل

Share
2776 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.