logo

trugen jacn

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى بىر يېرىم يىلدىن بېرى ئادۋوكاتى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمەي كەلمەكتە. بۇ ئۇنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى. گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» دەرھال بىر قانچە دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىلھام توختىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ خېتىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارغا ئەۋەتكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈچۈن يېزىلغان بۇ مەكتۇپتا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى 7 ‏-ئايدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكى، شۇندىن بېرى ئۆتكەن 18 ئاي بويىچە ئىلھام توختىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقى، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلھام توختى مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

22 ‏-مارت كۈنى-مارت كۈنى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بۇ چاقىرىق مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇرۇپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا، ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق ھەم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە مەسئۇل بۆلۈمى باشلىقى جەن بىتتنېرنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا ۋە خەلقئارادىكى باشقا ئۇچرىشىشلىرىمىزدا تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 14-مارت كۈنى، جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان رەسمىي دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى گېرمان ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرىدىكى ئىنكاسنى قايتۇرغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە ياۋروپادا باشلامچىلىق رولى ئويناۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىز بۇنى قارشى ئالىمىز ۋە بۇنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىلھام توختى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى بىر قانچە يىل بولدى. ئۇ سىياسىي سەۋەب بىلەن ئادالەتسىز ھالدا تۈرمىدە ياتماقتا. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابى بىر ياقتىن ئىلھام توختىنىڭ گۇناھسىزلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز ۋە بۇنىڭ كۆپلەپ بولۇشى ۋە باشقا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە روھىي بېسىممۇ مەكتۇپتا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يىل 2‏-ئايدا تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇجيا ئەپەندى گۈزەلنۇر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن. مەكتۇپتا خۇجيا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزى نەقىل ئېلىنغان. خۇجيا ئەپەندى سۆزىدە، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان گۈزەلنۇر ۋە بالىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلىپ، بۇ ئائىلىگە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى، گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ يېگانە، ياردەمسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ گۈزەلنۇر ۋە بالىلارغا ئېغىر روھى بېسىم كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى مەكتۇبىدا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ھالدا ئىلھام توختىدىن ئۆچ ئېلىش، ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىيناش ئۈچۈن پىلانلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەمدى گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقىدىن قايتۇرۇلغان بۇ مەكتۇپقا ئاساسەن گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغىمۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە جامائەت پىكرى قوزغىغان ۋە ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش خەلقئارالىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ 2016-يىللىق «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن بولسا، 2017‏-يىلى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا ھەمدە يەنە گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. يېقىندا «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئامېرىكىدىكى «روبېرت كېننېدىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ۋە «جوسېف ۋە توبىي گىتىلېر مۇكاپاتى» قاتارلىق ئىككى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزات كۆرسەتتى. ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى جىمجىت يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ئۇنى دۇنياغا ئىنتايىن خاتا تەشۋىقات قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىش، ئۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارىلىپ ئېغىر جازالاندۇرۇلغانلىقىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ سەمىگە سېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىقلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە ھەم شۇنداقلا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/girmaniyede-uyghur-mesilisi-03282018233939.html

Share
5838 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.