logo

trugen jacn

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى بېيجىڭدا خىتاي ئۆكتىچىلەرنى قوبۇل قىلغان

1477971557851583_480_320

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى سىگمار گابرىل چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى گېرمان ئەلچىخانىسىدا بىر تۈركۈم خىتاي ئۆكتىچىلەرنى قوبۇل قىلغان.

رويتىرىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى خۇجيا، تور يازغۇىچىسى مۇ رۇڭشۈې قاتارلىقلار بار بولۇپ، مىنىستىر بۇلارنى «خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىنى باشتىن كەچۈرگەنلەر» دەپ تەرىپلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كۆرۈشكەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارىسىدا تۈرمىدىكى بىر ئادۋوكاتنىڭ ئايالى بار بولۇپ، ئۇ خىتاي دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا تۈرمىدىكى ئادۋوكاتلارنى قويۇۋېتىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ۋە يازما شەكىلدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ سەزگۈر بىر تېمىغا ئايلانغان، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قارىتا كونتروللۇق ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارىتا تازىلاش ھەرىكەتلىرى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمان مىنىستىر يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر مىنىستىرلىقتىكى خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-oktichi-11022016165936.html

Share
819 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.