logo

trugen jacn

گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرى: ئىلھامنى قەپەزگە سولىدى

 

ئالدىنقى شەنبە جۇڭگۇ بېيجىڭدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلھام توختى زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا بارماقچى بولغاندا بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، ئۆيىگە قايتۇرۋېتىلگەن. يولدا ئىلھام توختى ئۆزىنى «مەن قەپەزگە سولانغان ئۇيغۇرمەن» دېگەن ئىدى.

0,,5089460_4,00

ئىلھام توختى(Ilham Tohti)

(گېرمانىيە ئاۋازى خەنزۇچە تورى) ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئىلھام توختى بىر كۈن ئىلگىرى زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا بارماقچى بولغاندا بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ ئون نەچچە سائەتكىچە ئوخشاش بولمىغان ئۈچ گۇرۇپپا خادىملار تەرىپىدىن سوئال – سۇراق قىلىنغان، سوراق قىلغۇچىلار ئۆز سالاھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. كېيىن مەجبۇرى ئۆيىگە قايتۇرۋېتىلگەن. ھېچكىم چىگرادىن چىقىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن. ئىلھام توختى بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەنقىدلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى، تىبەت يازغۇچى ۋېي سې تىۋىتتىردا ئىلھام توختىنىڭ «مۈشكۈلاتى» ھەققىدىكى خەۋەرنى تارقاتقان بولۇپ، ئىلھام توختى بىلەن تېلىفۇندا ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پايتەخت ئايرودرومى نازارەت ئىشخانىسىنىڭ E4w106 ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلگەنلىكىنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:40 دىن كەچ سائەت 9:10 غىچە شىنجاڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىدىن كەلگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايرىم – ئايرىم ئۈچ گۇرۇپپا ساقچى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، سۆھبەت ئەسناسىدا ساقچىلار ئىلھام توختىنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، يېمەكلىك بەرمىگەنلىكىنى، بەك قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىنى… كېيىن ئۇنى «قەپەسكە» سولىۋەتكەنلىكىنى (ئۆيىگە قايتۇرۋەتكەنلىكىنى) ئۆز پېتى ئاشىكارىلىغان ئىدى. ۋېي سېنىڭ قارىشىچە ئىلھام توختىنىڭ پاسپورتى، ۋىزىسى بولغان ئەھۋالدىمۇ چىگرىدىن چىقالماسلىقى بىر تاسادىبىيلىق ئەمەس، بۇ دەل ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتتىن ئىبارەت.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىلھام توختى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر يىللىق زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىققان قىزى تۇنجى قېتىم دادىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، كېيىن قويۇپ بىرىلگەن، نۆۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ قىزى بىخەتەر ھالدا ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شىتاتىغا يىتىپ بارغان. ئەمما ئايروپورت تاموژنا خادىملىرى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقىغا ئەھۋالدىن قىلچە خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسى، «ئۇيغۇر بىز تورى»(www.uighurbiz.net) نىڭ قۇرغۇچىسى. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «ئۇيغۇر بىز تورى»نى ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن، ئىلھام توختىنى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىپ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولۇپ، كېيىن يازغۇچى ۋاڭ لى شىيوڭ قاتارلىقلارنىڭ مۇراجىتى بىلەن قويۇپ بىرىلگەن ئىدى.

0,,4460303_4,00

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەردى.

«بۇ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى»

ئىلھام توختى گېرمانىيە ئاۋازىغا ئەينى كۈندىكى سوراق تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرۈپ، سوراق قىلغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، ئۆزىنى تۇتۇپ قىلىشتىكى سەۋەبى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپ قېتىم سورىغان بولسىمۇ سوراق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋاب بىرىشنى رەت قىلغانلىقىنى، پەقەت جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى ئىكەنلىكىنىلا دەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىلھام توختى شۇنداق دەيدۇ: «مەن تەكرار سورىدىم، ئەينى چاغدا ئارقىدىنلا بىر ئەتىرەت باشلىقى كېلىپ (ئۇنىڭ نېمە ئەترەت باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن) يانفونۇمنى تارتىۋالدى، ھەتتا كومپيۇتېرىم ۋە چامادانىمنى ئاختۇردى، بەرگىلى ئۇنىمىسام مەجبۇرى ئېلىۋالدى. ئۇ “بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇيرۇق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن، بىز پەقەت بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز” دېدى.»

ئىلھام توختى سوراق جەريانىدا ئۆزىگە ئىنسانى مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقىنى، سوراقچىلارنىڭ ئۆزىنى ھاجەتخانىغا بارغۇزمىغانلىقىنى، سوراق ئۆيىدە خەقنىڭ كۆز ئالدىدىلا نازارەت ئاستىدا ھاجىتىنى راۋا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 لەر بولغاندا ياشقا چوڭ بىر سوراقچىنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى، مۇسۇلمانچە بولمىغان تەييار چۆپنى تاشلاپ بېرىپ، قايناق سۇمۇ بەرمىگەنلىكىنى، ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنىڭمۇ رەت قىلىنغانلىقىنى ئاشىكارلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سوراق جەرياندىكى ئىنسانى بولمىغان مۇئامىلىلەر مېنىڭلا ئەمەس مېنىڭ مىللىتىمنىڭمۇ ئىززەت-ئابرويىغا چېتىلىدۇ». شۇڭلاشقا ئۇ قىزى بىلەن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئىسەدەپ يىغلاۋاتقان قىزىغا يىغلىماسلىقنى، مەغرۇر تورۇشنى ئېيتقان. «ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق كۆپ ساقچى بار ئىدى، ساقىچىلارنىڭ مۇئامىلىسى بەك قوپال بولغاچقا قىزىم قورقۇپ يىغلاپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا شۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلدىم، نورمال ئەھۋالدا بۇنداق بۇنداق سۆزنى قىلالامدىن قىلالمامدىن بىلمەيمەن، بۇ دەۋردە مەن ۋە قىزىملا ئەمەس، مېنىڭ مىللىتىممۇ دەل مۇشۇنداق ئۆز قەدىر-قىممىتى بىلەن مەغرۇر تۇرۇشى كېرەك.»

ئىلھام توختى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى چىگرادىن چىقارغۇزماسلىقتىكى سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ بۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ تىبەت يازغۇچى ۋېي سې ۋە باشقا سەزگۈر دەپ قارىلىۋاتقان خەنزۇ ئەربابلارغا ئوخشاشلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چىگرادىن چىقىش كىرىش «قارا تىزىملىك» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلەن، ئۇندىن باشقا مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە بىر قاتار ئاممىۋى ۋەقەلەرگە بايان قىلغان پىكىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ مىللەت كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر ئۇلار سىزنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ياكى ئۆچ ئادىمى دەپ قارىسا سىز نېمە دېيىشىڭىز ياكى دېمەسلىكىڭىز، نېمە قىلىشىڭىز ياكى قىلماسلىقىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۇلار سىزنى چەكلىيەلەيدۇ. ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ، ئۇلارغا باھانىنىڭ كېرىكى يوق.» دېدى.

0,,5761780_4,00

2010-يىل شىنجاڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»گە بىر يىل بولغان ۋاقىت، ئۈرۈمچى كوچىسىدىكى ساقچىلار

«ئۇلار بىزنى قەپەسكە سولىدى»

ۋېي سې تىۋىتتىردا «ئىلھام توختى قەپەستىكى قۇشقا ئوخشاپ قالدى، لېكىن قەپەستىكى قۇش يەنە تىركىشىدۇ، ئېلىشىدۇ» دەپ يازغان. ئىلھام توختى بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۆزۈمنى قەپەسكە سولۇنۇپ قالغاندەكلا ھېس قىلىمەن، شى جىنپىڭ ھوقۇق قەپەسكە سولانغان دېگەن ئىدى،لېكىن ئۇلار قانداقسىگە ئۆزىنى قەپەسكە سولىۋاالسۇن، بىزنى قەپەسكە سولاپ قويىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە «ئىگەللىشىمىزچە تىبەتلەر ھازىر پاسپورتنى ئېلتىماس قىلىش يولى بىلەن ئالالمايدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان. ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى، بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تۇرۇپمۇ پاسپورت ئىلتىماسى كەينىگە سۈرۈلۈپ ھەل بولماي كەلگەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى “دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەستىقلىمىدى” دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇيغۇرلا بولسىڭىز، شىنجاڭغا ئەۋەتىپ تەستىقلايدىغانلا ئىش بولسا بېيجىڭ ج خ تەرەپ باشقۇرمايدۇ » دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئىلھام توختىنىڭ قارىشىدا، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەيلى تىبەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى دائىرىلىرى مىللەتلەر سىياسىتىدە بېسىمنى بارغانسىرى كۈچەيتىۋاتىدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسىنى بۇ خىل قاتتىق بېسىم ئاستىدا كۈنسىرى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ۋە تىبەتتە ياشاۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەر خۇددى ئۈمىد يوق يىگانە ئارالغا ئوخشاپ قالدى. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى، پوزىتسىيىسىگە بەزەن ھەققەتەن چىداي دەپمۇ چىداپ بولغىلى بولمايدۇ.»

ئاپتور: ۋۇ يۈ  تەھرىرى: لى يۈ

ئابدۇمىجىت تەرجىمە قىلغان

مەنبە: گېرمانىيە ئاۋازى

 http://dw.de/p/17XZM

 

Share
2184 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.