logo

trugen jacn

گېرمانىيە ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇن: خىتاي ساقچىلىرى مېنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىكى خىتاي ساقچىلىرى ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خوتەندە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوغلىنى ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغۇزسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ماسلاشمىسا خوتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نابۇت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

بۇ پروگراممىمىزنى نۆۋەتتە گۇما ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىۋاتقان بىر تۇتقۇننىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان دادىسىغا ئۈندىداردا قالدۇرغان سۆزى بىلەن باشلايمىز. بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدە خىتاب قىلىنىۋاتقان كىشى- ئوسمان تۇرسۇن‏. ئۇ، 22 يىلنىڭ ئالدىدا گېرمانىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئانا ۋەتىنىدە كىچىك قېپقالغان 3 ئوغلى مەمەتئەلى، مەمەتئىمىن ۋە مەمەتتۇرسۇن بىلەن ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەدە بىر قېتىم كۆرۈشكەن. ئۈچ ئوغۇل دادىسى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا يەتكەندىن كېيىن، نورمال تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ يىلى ئانا يۇرتىغا قايتقان. بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندا، بۇ ئۈچ ئوغۇل تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدە دادىسىغا گەپ قىلىۋاتقان كىشى ئەنە شۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ چوڭى مەمتئەلى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئاۋاز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش جەريانىنى دادىسى ئوسمان تۇرسۇن مۇنداق بايان قىلىدۇ:

سوئال: ئوغلىڭىزنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا بىر سۆزلىشىش بولغانلىقى مەلۇم بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: توغرا، شۇنداق. بۇ بەك ئۇزۇن جەريان، ئەڭ يېقىنقىسىنى دېسەم خىتاي ساقچىلىرى مېنى دۇبەي، ھىندونېزىيە، خوڭكوڭ ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرىگە كېلىشىمنى ۋە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغان ھەمكارلىشىدىغان ئىشى بارلىقىنى، بولمىسا خوتەندىكى بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى دېدى؛ مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ مەمەتئېلى ئىسىملىك بۇ چوڭ ئوغلۇمنى ماڭا تېلېفون ئاچقۇزدى. ئۇ يۇقىرىقى گەپلىرىنى دەۋاتقاندا يېنىدا ساقچىلار بارلىقىنى بىلىپ قالدىم.

سوئال: قانداق بىلدىڭىز؟

جاۋاب: مەن ئوغلۇمغا تېلېفون قىلىپ، مەن خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەن يەرگە بارالمايدىغانلىقىم ۋە ئۇلار كۈتۈۋاتقان ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى دېگىنىمدىن كېيىنلا، تېلېفوننى ساقچىلار قولىغا ئالدى ۋە ماڭا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. . ..

سوئال : ساقچىلارنىڭ شۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ، يوللاپ بېرەي:

خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىت سۆزلىرى:

مەلۇم بولغىنىدەك، 22 يىلدىن بېرى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن بولغان بۇ ماجىراسى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىر جەريان. دېيىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئوسمان تۇرسۇننى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال، يەنى بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنىڭ لاگېردا سولىنىپ ياتقان 24 ياشلىق كەنجى ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئوسماننى لاگېردىن قويۇپ بېرىپ، گېرمانىيەدىكى دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يولغا سالغان. ۋەقەنىڭ داۋامى كېلەركى قېتىملىق پروگراممىمىزدا داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-05292018143238.html

Share
1323 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.