logo

trugen jacn

گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلماقتا

10-دېكابىر كۈنى تارقىتىلىدىغان «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتا.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندىلەرنىڭ بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىللىق «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش ھارپىسىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرغان. ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋايمار شەھىرىگە ئالدىن تەكلىپ قىلىپ، بۇ يىللىق مۇكاپات ساھىبى ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىلىق لېكسىيە سۆزلەش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرماقتىكەن.

مەلۇمكى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 2016-يىللىق «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ يىل ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا، خەلقئارا لېبىراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا شۇنداقلا «ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت شەھىرى» دەپ نام ئالغان ۋايمار شەھىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ئىلھام توختىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارالىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىدىن بىئارام بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايلاردا ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2017-يىللىق «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ ئورۇنسىز تەلىپى رەت قىلىنىپ، مەقسىتى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، خاككېرلار ئارقىلىق تور ھۇجۇمى قوزغاپ، «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ تور بېتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ۋايمار شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، بۈگۈن ۋايماردىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ساھەگە، يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇلار گېرمانىيەنىڭ كېلەچەكتىكى خوجايىنلىرى. ئاۋازىمىز بۇلار ئارقىلىق كەڭ ساھەلەرگە تارقايدۇ. ئەلۋەتتىكى، بىز ئىلھام توختىنى خەلقئارا مۇكاپاتلارغا نائىل قىلىش، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› بىلەن ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇۋاتىمىز. بۇ يالغۇز ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدۇر. بىز ئىلھام توختى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىمىز. بۇ ھەقتىكى پىكىر-تەلەپلىرىمىزنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل خانىمغا قەدەر بىلدۈردۇق. ‹ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى› نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. بىزنىڭ بۇ يولدىكى خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ. ۋايمار شەھىرى بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن ۋايمار خەلقىگە تونۇتتى. يەنە كېلىپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىمىز بولىدۇ.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى لېكسىيىسىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى قىزىققانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ لېكسىيەسىنىڭ خاتىمىسىدە، ئۆزىنىڭ بۇ ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئۇ شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/girmaniyede-ilham-toxti-tonushturulmaqta-12082017234926.html

Share
1537 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.