logo

trugen jacn

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

3753129lhamtohti

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلغان سوتتا، ئۇ «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

بۇ سەۋەبتىن بۈگۈن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى رادىئومىزغا بۇ نامايىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى دېموكرات خىتايلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئەيىبلەندى. ئۇلار، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن بۇ جازانىڭ قانۇنىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي بولسا ئۆز باياناتىدا، ئىلھام توختىدەك تىنچ يول بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلغان، مەسىلىلەرنى قەلەم بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر زىيالىينى بۇنداق ئېغىر جازا بىلەن جىمىقتۇرۇش خىتايدا مۇقىملىق ياراتمايدۇ، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، ئىلھام توختى سوتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بىر ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچى ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نامايىش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان قوللىشىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-namayish-09262014174134.html

Share
1254 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.