logo

trugen jacn

گۈزەل ئەسلىمە بىر ئەسىرگە نىشانە _____ 100كىشىلىك كاتتا يىغىلىش



2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆرۈككە جايلاشقان «دۆڭكۆرۈك مەززىلىك تائاملار ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى»دا كاتتا بىر يىغىلىش بولدى. ئۇ بولسىمۇ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يولغا قويغان «تۆھپىكارلار» پىروگراممىسىنىڭ 100سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاڭلىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش ئىدى. ئەلۋەتتە، پائالىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن مەزكۇر پائالىيەتكە ھەرخىل رەۋشتە ئىشتىراك قىلغانلار بىردەك ھالدا پائالىيەتنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمايتتى. چۈنكى «تۆھپىكارلار» پروگراممىسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ رەڭدار ھاياتى ئارقىلىق ياش ئەۋلاتلارنى ئىزدىنىش روھىغا باي ھاياتقا باشلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىروگراممىدا بىزنىڭ ئۇشبۇ 100يىللىق يېڭى ئەسىرىمىزگە نىشانە بولالىغىدەك 100كاتتا تۆھپىكارىمىز تونۇشتۇرۇلغان 100سان پىروگراممىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان 100كىشىلىك يىغىلىش ئىدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان 100مۇنەۋۋەر تۆھپىكار ئەزىزلەر قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئالاھىدە تەكلىپ ئېتىلگەن رەھبەرلەر، كارخانىچىلار، ئالاھىدە مىھمانلار ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن مىھمانلار بولۇپ، 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇلاپ ئاڭلىتىشى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەت بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىش باسقۇچى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى باسقۇچقا ئۈرۈمچى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورلىرىدىن ئەكبەر ئابدۇللا بىلەن گۈلزەپەر خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى، كېيىنكى باسقۇچقا ئۈمۈدلىك ياش توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي بىلەن ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىراكتىكانت مۇخبىرى قۇربانگۈل ئىسمائىل لار رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەت تۆھپىكارلارغا بولغان چۇڭقۇر تىلەكلەر ئىلكىدە ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى يۈكسەك ھاياجانغا سېلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەت باشلىنىش بىلەنلا ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى ئەسئەت ئېزىز سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نادىر پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان «تۆھپىكارلار» پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، خاراكتىرى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى شۇنداقلا تۆھپىكارلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن تۆھپىكارلار ۋەكىلى، شائىر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن ئەھمىدى سۆزگە چىقتى. ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات ۋە تۆھپە ھەققىدىكى كىشىنى ئويغا سالىدىغان تەپەككۇر دۇردانىلىرى سورۇنغا يەنە باشقىچە ھاياجان ۋە يۇقىرى كەيپىيات ئاتا قىلدى.
توساتتىن قىزغىن چاۋاكلار ئىلكىدە سەھنىدە بىرسى پەيدا بولدى. بۇنچە قىزغىن كەيپىياتقا مۇيەسسەر بولغان كىشى چاچلىرى ئاقارغان، ماڭلايلىرىنى قورۇق باسقان بىرسى ئەمەس، بەلكى تېخى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق باھارگۈل، يەنى «تۆھپىكارلار» پىروگراممىسىنىڭ ئاپتورى ئىدى. ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا مەيداننى گاھ چۇڭقۇر سۈكۈت، گاھ قىزغىن ئالقىش قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ « مەن بۇرۇندىن ئىشىنىدىغان ۋە شەكسىز ھەقىقەت بولغان بىر ھېكمەت بار، ئۇ بولسىمۇ <بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولالمايدۇ>. بىلىش ئىنسان قىممتىنىڭ ئۇلى. ئىنسانىيەتنىڭ مەيلى قايسى ئەسىرىدە بولمىسۇن ئىلىم ۋە ئىزدىنىشكە ئۆزىنى ئاتىغانلار ھامان قەدىر-قىممەتتە، ئىززەت-ھۆرمەتتە يۇقىرى بولۇپ، دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ شۇنداقلا ھەقىقەتلىك قەلىبلەرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قەلىب تۆرلىرىمىزدە مۇناسىپ سىمالارغا ئىگە ھەر بىرىڭلاردەك ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن «تۆھپىكارلار» پروگراممىسى مۇناسىۋىتىدە بىر قانچە يىللىق ھاياتىمنى ئۆتكۈزەلىگەنلىكىمگە تولىمۇ ئىپتىخارلىنىمەن» دېگەن جاراڭلىق خىتابلىرى بىلەن مەيدان ئەھلى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان بولسا؛ « مەن كىچىكىمدىن ئاتامنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچىرىغان. ئاتام ئەمەلىيەتتە بىر ئادەتتىكىلا ئادەم. ئەمما ئۇنىڭ ئەنە شۇ «ئادەتتىكى» سالاھىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن «ئادەتتىكىدىن تاشقىرى» پەزىلەتلىرىنىڭ مېنىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ ئورنۇمغا تۇتاشقانلىقىدىن شەكلەنمەيمەن……. ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى ئاددىيلىق ئىچىگە يۇغۇرۇلغان ئىزدىنىش ۋە ئىشتىياق مەندە ئىزدەنگۈچىلەرگە، بىلگەنلەرگە بولغان بىر خىل ھۆرمەت ۋە ئىنتىلىشنى قوزغاتقان» دېگەن سۆلىرىدىن، مەيدان ئەھلى دىيارىمىزنىڭ چەت قىرغاقلىرىدا، قۇملۇق –بوستانلىقلىرىدا ئۈن-تۈنسىز ياشاپ، ھەر بىر قەدەملىرىدىن يۈكسەك بىر ئالىجانابلىقنى ئاپىرىدە قىلىۋاتقان ئەنە شۇ نامسىز تۆھپىكارلارنى ھۆرمەت تۇيغۇلىرى بىلەن يادىغا ئېلىشتى. ئاخىرىدا«تۆھپىكارلار» پروگراممىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زور ئۈمىد ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن باھارگۈل سەھنىدىن گۈل ۋە قىزغىن ئالقشلار بىلەن ئۇزىتىلدى.
ۋەتەن مەڭگۈلۈك تېما! بۇنىڭدەك كاتتا ۋە ئەھمىيەتلىك سورۇندا بۇ تېمىدىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شىنجاڭ بۇلبۇلى، 100تۆھپىكارنىڭ بىرى، ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشاننىڭ «ۋەتەنگە مەدىھيە» ناملىق ناخشىسى بىلەن پائالىيەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئاپتورى باھارگۈل «تۆھپىكارلىق بىر كېچىلىك چۈشتىن كەلمەيدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ ئاقارغان چېچىڭلار، قورۇق باسقان ماڭلىيىڭلار ۋە ئىلىم تەپتىدە نۇرلانغان كۆزۈڭلارنىڭ مەھسۇلى، ۋەھالەنكى بىز شۇنىڭغا لايىق ھىچنېمە قىلىپ بېرەلمىدۇق» دەپ سۆزلىگەن ئىدى. ئەمما پائالىيەتتە تۆھپىكارلارنىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش، ياشلارنىڭ قەلبىگە چۇڭقۇر ھاياجان سالغان بىر كۆرۈنۈش بولدى. پائالىيەتنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولغان بىر كۆرۈنۈش تۆھپىكارلار ۋەكىللىرىدىن بولغان 11نەپەر تۆھپىكارغا تون كەيدۈرۈش مۇراسىمى ئىدى. بىر ئەسىرگە تالىق بولغان ھاياتلىرى بىلەن بىزگە يۆلەك بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بۇ ئەزىزلەرنىڭ قىسقىرىغان قەدەملىرى سەۋەبلىك سەھنىگە يۆلەپ چىقىلغان كۆرۈنۈش ھەممىدە ئۇلارغا بولغان چۇڭقۇر بىر سېغىنش ۋە قىيماسلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، سورۇن ھەم ھاياجانغا ھەم ياشلانغان كۆزلەرگە شاھىد بولدى. تون ئاددى نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆز ئاددى بولسىمۇ، ئەمما قىممىتى، تۈسى يۈكسەكتۇر. مانا بۇ يۈكسەكلىككە ھاجى ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، جاڭ خۇڭچاۋ، باقى ھاجى ، ھۈسەنجان جامى، بوغدا ئابدۇللا، پاشا ئىشان، ھوشۇر ئىسلام، غازى ئەھمەد، خالىدە ئىسرائىل، مۇھەممەد رەھىم قاتارلىق تۆھپىكارلار ۋەكىللىرى نائىل بولدى.
«تۆھپىكارلار» پروگراممىسىنىڭ ئاپتورى باھارگۈلنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، «ئۆز بۈيۈكلىرى بىلەن ئارىلىشىش ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان بەخىت ئەمەس» دېگەن ئاڭ ئىلكىدە ئۆز بۈيۈكلىرىنىڭ ئىززىتىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىلھام، ھاياجانلارنى ئېلىش مەقسىتىدە ياشلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۈشبۇ داستىخاندا، بۇ بۈيۈكلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە يەنە بىر قىممەتلىك دەرسنى قالدۇردى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلاردىكى ساخاۋەت دەرسى، ئىلىم كۆچەتلىرىگە بولغان مۇھەببەت دەرسىدۇر. خەلقئاراغا داڭلىق رەسسام، جۇڭگو رەسساملار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى غازى ئەھمەد، ئاتاقلىق رەسسام، جۇڭگوچە رەسىم سىزىش ماھىرى تۇردى ئىمىن، ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك قاتارلىق تۆھپىكارلار شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە ئاتاپ، ئۆزى سىزغان ۋە يازغان خەت-رەسىملەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈشبۇ ئەسەرلەر نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى. داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكىنىڭ «ئىلىمدىن ئارتۇق مەرتىۋە يوق» دېگەن مەزمۇندىكى ئەرەبچە يېزىلغان خېتى 20 مىڭ يۈەن، تۇردى ئىمىن ئاكىنىڭ «تۇققان يوقلاش» ناملىق رەسىمى 10مىڭ يۈەن، ئابدۇشكۈر كىرەم كۆكنىڭ مەنزىرە رەسىمى 6مىڭ يۈەنگە سېتىلىپ، شۇ سورۇندىلا رەسساملار ۋە سېتىۋالغۇچى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ قولى بىلەن 11نەپەر ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىلدى.
پائالىيەتتە يەنە ھەرخىل سەنئەت ۋە سىرىك نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. تۆھپىكارلار ۋەكىللىرىدىن جاڭخوڭچاۋ، ئابدۇللا يولۋاس،ئىمىن ئەخمىدى قاتارلىقلار سۆز قىلدى. پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر يىتەكچىسى ئازات سۇلتاننىڭ كىشىنىڭ قەلىب تارىنى چېكىدىغان قىممەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەھمۇت كاشىغەرىيىنىڭ مەقبەرىسىگە ئاسقان لەۋھەسىدىكى «بوۋا سىز ياندۇرغان ئىلىم مەشئىلى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!» دېگەن سۆزى بۇ قېتىم مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋە كۈچ چىقارغان بارلىق ياشلارنىڭ ئەنە شۇ ئەجدادلىرىغا، جۈملىدىن كۆز ئالدىدىكى بوۋا سۈپەت تۆھپىكارلىرىغا بەرگەن ئادىمىيلىك ۋەدىسى بولۇپ قالدى!
پائالىيەتكە تەكلىپ ئېتىلگەن 100تۆھپىكارنىڭ تىزىملىكى:
1. ھېيتەم ھۈسەيىن
2. بۇغدا ئابدۇللا
3. پاشا ئىشان
4. خالىدە ئىسرائىل
5. ئەخەت تۇردى
6. ئەنۋەر ئابدۇرېھىم
7. ئابلىز شاكىر
8. ئابلىز ئابدۇرېھىم
9. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم
10. ھوشۇر ئىسلام
11. قۇربان بارات
12. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن
13. ساھىبجامال دۆلەت
14. ئىمىن ئەخمىدى
15. مۇھەممەدئېلى زۇنۇن تەشنائىي
16. ئەخمەت ئىمىن
17. ئابدۇشۆكۈر كېرەم كۆك
18. ئوسمانجان ساۋۇت
19.مىرسۇلتان ئوسمانوف
20. ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
21. مەمتىمىن ھوشۇر
22. ئۆمەرجان رەھىم ئوغلانى
23. جالالىدىن بەھرام
24. غەيرەتجان ئوسمان
25.تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان
26. كۈرەش رەجەپ
27. راھىلە داۋۇت
28. ئارسلان ئابدۇللا
29. رادىل ئابلا
30. كامىل تۇرسۇن
31. ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى
32. راخمان مامۇت
33. ئابدۇقادىر توختى
34. تۇرسۇن يۇنۇس
35. جاڭ خۇڭچاۋ
36. شازادەم مۇقىيىت
37. ئەن جەنفىڭ
38. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
39. مۇھەممەد باغراش
40. مۇھەممەد رېھىم
41. ئەخمەتجان قۇربان
42. ۋاڭ مېڭ
43. زەكىيە خانىم
44. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات
45. روزى ئابدۇۋەلى
46. ئوبۇلقاسىم ھاشىم
47. تۇرغان شاۋۇدۇن
48. موللاھاشىم تۇردى
49. تۇردى ئىمىن
50. فىردەۋىس ئەزىزى
51. باقى ھاجى يۈسۈپ
52. دىلمۇراد تۇردى
54. رىسالەت ناسىر
56. رابىيە مۇھەممەت
57. ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
59. ئەخمەت ھامۇت
61. سادىق ھاجى ساتتار
62. ئاپرىل سەمەت
63. قاسىم سىدىق
64. ئوسمان ئىسمائىل تارىم
65. ياسىنجان كېرەم
67. پەرھات ئابىت چوغلان
68. غازى ئەمەت
69. ئابدۇكېرەم راخمان
70.ئابلەت نۇردۇن
71.مىجىت ساۋۇت
72.مەتتۇرسۇن ئېلى
73. ھۈسەنجان جامى
74. سۇلتان ھاشىم
75. ئابدۇۋەلى ھاپىز
76. ئابدۇراخمان ئايۇپ
77. ئاۋۇت تۇختى
78. مۇنىرە غۇپۇر
79. پەخرىدىن ھېسامىدىن
80. ئىمىنجان ئەھمىدى باسىت
81. ئابدۇشۈكۈر تۇردى
82. ئابدۇرېھىم ئابدۇكېرىم
83. نۇرمۇھەممەد دۆلەتى
84. ھاجى ئەكبەر ئەيسا
85. پەرھات جىلان
86. ئەسقەر ھېسامىدىن
87. ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات
88. جۇ جيەنخۇا
89.ئادىل مۇھەممەت تۇران
91. مەخمۇت ھامۇت
92. ئەخمەت رىشىت
93. ئابلەت مەجۈن
94. ئىبراھىم پەخرىدىن
95. ئىنايەت قۇربان
96. ئادىل ھوشۇر
97. ئەنىۋەر مۇھەممەت
98. مەمەتتۇرسۇن يالغۇزەك
99. زۇنۇنقىز ئىلاخۇن
100. نىياز كېرىم شەرقىي
پائالىيەتكە قاتناشقان ئاخبارات ۋاستىلىرى :
1. شىنجاڭ گېزىتى
2. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
3. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
4. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى
5. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
6 . ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
7. ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى
8. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
9. تەڭرىتاغ تورى
10. ئۇلىنىش تورى
پائالىيەتكە ئالاھىدە ياردەم بەرگەن ۋە قاتناشقان
شىركەت-ئورۇنلار:
1. گۇچۇڭ ناھىيە غالىب سودا – سانائەت چەكلىك شىركىتى
2. شىنجاڭ گۈل قەقە يېمەكلىك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى
3. شىنجاڭ لىللا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
4. شىنجاڭ ئەلدوست بىيو – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
5. شىنجاڭ تېببىي جەۋھەر بىيو – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
6. شىنجاڭ مىراج يېمەك – ئىچمەك چەكلىك شىركىتى
7. شىنجاڭ شادلىق سودا – سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
8. شىنجاڭ ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
9. پىدا كىتابخانىسى
10. ئىزچى ئاياقلىرى
11. فەرغانە تاتلىقلىرى
12. سابا ئىستۇدىيەسى
13. ئۈرۈمچى مۇئەللىم ئېلىكترون پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
14. شىنجاڭ ئابىدە بىيو – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
مەنبە: ئۇلىنىش تورى
Görüntünün olası içeriği: 7 kişi, oturan insanlar, masa ve iç mekan
Görüntünün olası içeriği: 1 kişi
Share
5090 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.