logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر خانىم: مەن ئازابلاندىم، ئەمما پۇشايمان قىلمايمەن

 

 قۇتلان

تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك گۈزەلنۇر خانىم، ئېرىڭىز ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ساقچى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ياكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئەھۋاللار بولدىمۇ؟

گۈزەلنۇر خانىم: ياق، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچكىم مېنى ئىزدەپ باقمىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ ئىزدىمىدى. مەنمۇ ئۇلارنى ئىزدەپ دەرد تۆكمىدىم. ئېرىم ئىلھام تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئىشلىگەن ئوقۇغۇچى بالىلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل 3 – ئايدا يېڭى مەۋسۈم باشلىنىشى بىلەن تۇتۇلغان ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بالىلىرىمىزغا ئىگە بولۇڭلار دەپ ئېلتىماس قىلدى. ھالبۇكى، مەكتەپ رەھبەرلىكى بىز ئىگە بولالمايمىز. بۇ بالىلارنىڭ تۇتۇلۇشى مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئىلھام توختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بۇ ئىشقا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئارىلىشالمايمىز دەپتۇ. ئۇلار ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىگە چىقالمىغان يەردە ماڭا ئىگە چىقاتتىمۇ!؟ شۇڭا مەنمۇ مەكتەپتىكى ھېچ بىر باشلىقنى ئىزدەپ باقمىدىم.

مۇخبىر: ئىلھام توختى ئىشلىگەن ئىنىستىتۇتتىكىلەرنىڭ سىزگە بولغان پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟

گۈزەلنۇر خانىم: شۇنداق، ئۆزگىرىش بولدى. ئېرىم ئىشلىگەن ئىنىستىتۇتنىڭ باشلىقى ئايال، ئۇندىن باشقا يەنە بىر ئەر باشلىقمۇ بار. ئۇلار بىزگە قوشنا ھويلىدىكى بىنادا ئولتۇرىدۇ. ئىلگىرى بالىلىرىمنى يەسلىگە ئېلىپ ماڭغاندا ئۇلار يولدا ئۇچراپ قالاتتى. ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشۈپ، بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. ئەمما ئېرىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ماڭا ياكى بالىلىرىمغا سالام قىلمايدىغان بولدى. يولدا ئۇچراپ قالسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشكە پىسەنت قىلمىدىم. ئۇلار گەپ قىلمىسا، ئالدىغا بېرىپ يالۋۇراتتىممۇ؟

مۇخبىر: مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئالىي مەكتەپ. ئېرىڭىز تۇتۇلۇپ كېتىلگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزگە ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ، بۇنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟

گۈزەلنۇر خانىم: ئوقۇغۇچى بالىلار بۇرۇنقىدەك بىزنى ئىزدەپ تۇرىدۇ. ئۆيىمىزگە ئىلگىرى كىرىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەمدە بالامغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدىغان بالىلار ھازىرمۇ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن ھالەتتە. ئاز ساندىكىلەر ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئېرىم ئىلھامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغانلارمۇ بار، ئەمما ئىلگىرىكى قىزغىنلىقىنى يوقاتقان، يولدا ئۇچراپ قالسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. مەنمۇ ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە پىسەنت قىلمايمەن.

مۇخبىر: ھازىر بالىلىرىڭىزنىڭ روھىي ھالىتە قانداقراق؟

گۈزەلنۇر خانىم: چوڭ ئوغلۇمغا بۇ ئىش بەك قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇ كۈنى مەن بالىلارغا ئەتىگەنلىك تامىقىنى تەييارلاپ بېرىپ ئىشقا كەتكەن ئىدىم. ئېرىم چوڭ ئوغلۇم بىلەن ئۆيدە قالغان ئىدى. ساقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بالامنىڭ ئالدىدىلا ئېرىمنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرگەن پېتى تۇتۇپتۇ. ئوغلۇم بۇ ئىشتىن قورقۇپ داڭ قېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ئىزچىل نورمال بولماي قالدى. مەن بۇ ئەھۋالنى بۇرۇنمۇ دېگەن. دوختۇرغا كۆرسەتسەم، بالاڭ قاتتىق روھىي بېسىمغا دۇچ كەپتۇ، يۈرەك رېتىمى ئادەتتىن تاشقىرى تېزلىشىپ كېتىپتۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە ياخشى ئەمەس. مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ دەپ تەكلىپ بەردى. مەن بالىلىرىمغا ياخشى بولسۇن دەپ ئاتا – ئانامنى بېيجىڭغا چاقىرىتىپ كەلدىم. چوڭ ئوغلۇم ھازىر 1 – سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ. تەتىل بولۇشىغىلا ئۇنى ئاتا – ئانامغا قوشۇپ يۇرتقا يولغا سالىمەن. مەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن بېيجىڭدا قالىمەن.

مۇخبىر: ھەممىگە مەلۇم. ئېرىڭىز ئىلھام توختى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەيلى كەسپىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى تەسىرى جەھەتتىن بولسۇن، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مەسئۇلىيەتچان بىر ئوقۇتقۇچى. ئائىلەڭلاردىمۇ ياخشى بىر ئەر شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان بىر ئاتا. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ قانۇنى يول قويغان مۇمكىنچىلىك ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ھەق گەپ قىلغانلىقى، ئۆز مىللىتىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. بۇ سەۋەبلىك ئېرىڭىزمۇ، سىزمۇ ھەم بالىلىرىڭىزمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. سىز ئىلھام توختىنىڭ ئايالى شۇنداقلا بەدەل تۆلىگۈچى بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئېرىڭىزنىڭ تۇتقان يولىنى توسسۇپ باققان چاغلىرىڭىز ياكى ئائىلىڭىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەردىن ئۆكۈنگەن چاغلىرىڭىز بولدىمۇ؟

گۈزەلنۇر خانىم: راست گەپنى قىلسام مەن ئازابلاندىم، لېكىن پۇشايمان قىلمىدىم. مەن ئىلھام بىلەن توي قىلىدىغان چاغدىلا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇربىز» تورىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دېگەندەك «ئۇيغۇربىز» تورى 2005 – يىلى قۇرۇلدى. ئۇ ماڭا كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە غايىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، بەلكىم بۇ يولدا كۈتۈلمىگەن قىسمەتلەرگە يولۇقۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېنىق دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ پىكرىنىڭ ئورۇنلۇق ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۆز غايىسى ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ئەر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ئىدىم. ئېرىم تۇتۇلۇپ كېتىلگەن 6 ئايدىن بۇيان مەن ئازابلاندىم، ئۇنىڭ تۈرمىدە قانداق قىينىلىۋاتقانلىقى، قورسىقىنىڭ ئاچ – توقلۇقى ۋە باشقا بېسىملارنى ئويلاپ ئازابلاندىم، لېكىن پۇشايمان قىلمىدىم. چۈنكى مەن ھازىرغىچە ئىلھامنى خاتا قىلدى، قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلدى دەپ ئويلىمايمەن. ئۇلار دەۋاتقاندەك «تېررورلۇققا قۇتراتتى» دېگەندەك تۆھمەتلەرگىمۇ ئىشەنمەيمەن. ئىلھام ھېچقاچان قانۇنسىز ئىش قىلغان ياكى سۆزلىگەن ئەمەس. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىش – ھەرىكىتى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى قانۇن دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ياكى ئائىلىمىزنىڭ بۇ قىسمەتلىرىدىن ئۆكۈنمەيمەن ھەم پۇشايمانمۇ قىلمايمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-tohti-xanimi-07042014191636.html

Share
1662 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.