logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر خانىم: مەكتەپ ئىلھامنىڭ مائاشىنى توختاتتى، نازارەت ۋە روھى بېسىم ئوغلۇمنى يۈرەك ئاجىزلىقىغا گىرىپتار قىلدى

Güzelnur2

 مېھرىبان

گۈزەلنۇر خانىم 15-ماي كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ئېرى ئىلھام توختىنىڭ مائاشىنى رەسمىي توختاتقانلىقى ۋە 8 ياشقا تولمىغان چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇشى بۇ ئائىلىگە ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچىلارنىڭ ئىلھام توختىنى نارەسىدە بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتقۇن قىلىشى ۋە تۆت ئايدىن بۇيان كارىدوردا يېتىپ-قوپۇۋاتقان نازارەتچى ساقچى بالىلاردا قورقۇنچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن بالىلار كېچىلىرى يىغلايدىغان ھالەتكە كەلگەن. دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقى كېسىلىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان ئېغىر روھى بېسىم سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خەلقئاراغا ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، بۇ ئائىلە ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ۋە روھى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، مەكتەپ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ 25-ئاپرېل كۈنى ئۇنى چاقىرتىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەكتەپتىن بېرىلىدىغان مائاشىنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئىلھام ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا شەخسىي قۇرغان «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار يەنە ئىلھام توختىنىڭ 20 نەچچە يىللىق خىزمەت ئىستاژى ئۈچۈن باشقا تۆلەم پۇل بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەقەت ئىككى بالىنىڭ بېقىش ھەققى ئۈچۈن خەلق ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان 2000 سوم خەلق پۇلىنىڭ 5-ئايدىن باشلاپ قوشۇمچە بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە نۆۋەتتە ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمدىن باشقا يەنە ئىلھام ئەپەندىنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىمۇ، بۇ ئائىلىنى پاراكەندىچىلىككە سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چوڭ ئوغلىنى بىر ئايدىن بۇيان مەكتەپكە ئاپارماي، دوختۇرخانىدا ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ داۋالىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوختۇرنىڭ ئوغلى ھەققىدىكى دىئاگنوزى توغرىلىق توختالغان گۈزەلنۇر خانىم، ئىلھام ئەپەندىنىڭ نارەسىدە بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلىشى ۋە ئۇلارنى 24 سائەت نازارەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ كېچىسى كارىدورغا كارىۋات قويۇپ ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇخلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ بالىلاردا ئېغىر روھى بېسىم پەيدا قىلىپ، بالىلار كېچىسى ئۇخلاۋاتقىنىدا قارا بېسىپ يىغلاپ ئويغىنىدىغان بولۇپ قالغاندىن باشقا يەنە، چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەرنىڭ بۇ ئائىلىگە كەلتۈرگەن ھەر خىل بېسىملىرىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى ۋە ئادۋوكات ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام ئەپەندى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا تۆت ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، دائىرىلەر ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئادۋوكاتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماي كەلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۇنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ قانۇنىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە

ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن 2014-يىللىق «گولدىمىش ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بولۇپ، 5-ماي كۈنى نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جەۋھەر ئىلھاممۇ ئۆز نۇتقىدا، دادىسى تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە روھى بېسىم كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىككى ئۇكىسىنىڭ تېلېفوندا دادىسىنىڭ گېپى چىقسىلا يىغلىشى، ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ قاتتىق ئېزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05152014153100.html

Share
2046 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.