logo

trugen jacn
07 نويابىر 2014

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە 2-قېتىملىق سوتنىڭ تەييارلىقىنى ئاڭلاتتى

7fcb9067-2660-4305-ae80-2954aa06a96d

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. سوتتىن كېيىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، قايتا سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى يېقىنقى ئەھۋالى ۋە 2-قېتىملىق سوتنىڭ تەييارلىقىنى ئاڭلاتتى

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمىگە قارىتا سۇنغان نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 2-قېتىملىق سوت ئېچىشنى قارار قىلغان. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ۋە ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە 2-قېتىملىق سوتنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىغان

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ئادۋوكات لى فاڭپىڭدىن ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇت، قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە قارىتا يېزىلغان 100 نەچچە بەتلىك نارازىلىق ئەرزىنى تاماملىغانلىقىنى، ئادۋوكاتتىن ئىلھام ئەپەندىگە ئەۋەتىلگەن قىشلىق كىيىملەرنى تۈرمە دائىرىلىرى يەنىلا قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىر مەھبۇس ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىنى «قانۇن دۆلىتى» دەپ ئېلان قىلىپ، «قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇش»نى تەكىتلەۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ مائاشى توختىتىلىپ، بالىلار ئۈچۈن ئىقتىساد قىلىپ قويغان 850 مىڭ سوم خەلق پۇلىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئېرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، يۈرەك ئاجىزلىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ داۋالىنىش ئارقىلىق بىرئاز ياخشى بولغانلىقى، ئەمما ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا يەنىلا كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۆزىگە ۋە بالىلارغا يەنىلا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاڭلاتتى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلھام توختىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر كۈنى سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11032014154619.html

Share
1788 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.