logo

trugen jacn

گۇمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نوپۇس ئېنىقلاش ئىشىغا سېلىنماقتىكەن

image (1)

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىق پارتكوم ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى نوپۇس ئېنىقلاش ياكى ئارخىپ تۇرغۇزۇشتەك ئىشلارغا سالغان.

ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا زورلاپ تېڭىشتەك بۇ ئەھۋال شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردا نارازىلىق پەيدا قىلغان. گۇما ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇمكى، نوپۇس ئېنىقلاش ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئىشى ئەسلىدە ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. ھالبۇكى، ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق پارتكوملار ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ساقچىخانىلارنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەقەتلا «مۇقىملىق» قا كاپالەتلىك قىلىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش ۋەزىپىسى يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئىدارىلەردىكى خىزمەتچىلەرگە يۈكلەپ قويۇلغان.

گۇما ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدىغان بىر ياش ئوقۇتقۇچى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يازلىق ۋە قىشلىق تەتىلدە نورمال دەم ئالالمىغان. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا كەنتتىكى ئاھالىلەر تەقسىم قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ رويخېتىنى تۇرغۇزۇش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئېنىقلاش، ئۆلگەنلەرنى تىزىملاش، باشقا يۇرتلارغا كەتكەنلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىنغان.

مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەزىپە ئەسلىدە ساقچىخانىلارنىڭ خىزمەت تەۋەلىكىدىكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن يېزىلىق پارتكومنىڭ قارارى بولغاچقا ھېچكىم نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدىكەن. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا نوپۇسى ئاز كەنتلەر بولسا بىردىن مەھەللىنى، نوپۇسى كۆپ كەنتلەردە 70 تىن 100 گىچە ئائىلىنى بۆلۈپ بەرگەن. ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس نوپۇس دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ ئايلارچە بۇ ئىش بىلەن ئاۋارە بولىدىكەن. ئاندىن ئۇلار تىزىمغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقچى تورىغا يوللايدىكەن. ئەگەر ئىشلىگەن نوپۇس تىزىملىكى ساقچى تورىدىن ئۆتمىسە، ئۇلارنىڭ ئىشى ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، باشقىدىن ئىشلەيدىكەن.

بىز گۇمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بايانى ئارقىلىق دەلىللەش ئۈچۈن گۇمىنىڭ مۇجى ۋە چودا يېزىلىق ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، ساقچىخانا خادىملىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز ئاخىرىدا گۇما ناھىيەسىنىڭ موكويلا يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى گۇمىدا 2 يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل ۋاقتىنى نوپۇس ئېنىقلاش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ساقچى خادىمى مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ ئىش راست! ئىككى يىلدىن بۇيان ساقچىخانىلار ‹مۇقىملىق› ساقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. سىز ئېيتقاندەك نوپۇس ئېنىقلاش ئىشى ئەسلىدە ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان ‹مۇقىملىق› خىزمىتى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇۋاتقان بولغاچقا، باشقا ئىشلارغا ساقچىخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى يېتىشمىدى. ياردەمچى ساقچىلارنى توختىماي قوبۇل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئادەم كۈچى يەنىلا يېتىشمەيۋاتىدۇ. يېزىلىق پارتكوملار بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، نوپۇس ئېنىقلاش ئىشىغا ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ساھەدىكى خادىملارنى سەپلەۋاتىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر مەكتەپ ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن 5 ئارتۇق خىزمەتچى خادىم ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس ئېنىقلاش ئىشىغا سەپلەندى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/oqutquchi-nopus-tekshurush-12102015153109.html

Share
2040 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.