logo

trugen jacn

گۇمىدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ۋە نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى تاڭئاتاردىن ئاۋۋال، گۇما ناھىيىسىدىكى مۇجى يېزىلىق ساقچىخانا قورۇسىغا ئىككى دانە بومبا تاشلاپ، ئىككى نەپەر ساقچىنى يارىلاندۇرغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى ئالاقزادە قىلغان 3 نەپەر گۇماندار، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ ۋە مۇجى يېزىلىرىدا مۆكۈنۈپ تۇرغان يېرىدە قورشاۋغا ئېلىنغان.

ئۇلارنى قورشاشقا، نەچچە يۈزلىگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىدىن باشقا، كەنتتىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىلەرمۇ سەپەرۋەر قىلىنغان. كەنت باشلىقلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇجى يېزىسىنىڭ لەڭگەر ۋە ھاسا كەنتلىرىدە قورشاۋغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر گۇماندار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان. ھاسا كەنتىدىكى بىر قومۇشلۇقتا مۆكۈنۈپ ياتقان گۇماندارنى بىر سائەتچە تەسلىم بولۇشقا قىستىغان ساقچىلار ئاخىرىدا قومۇشلۇققا ئوت قويغان. ئوت دەستىدىن قومۇشلۇقتىن سىرتقا ئېتىلىپ چىققان گۇماندار يەنىلا قولىدىكى پىچاقنى تاشلىمىغان. گۇماندارلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى جاسارىتى خىتاي ساقچىلىرىنى ئالاقزادە قىلسا، ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-pidaiy-05192014154027.html

Share
1846 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.