logo

trugen jacn

گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى-1

htfk

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھۇجۇمچىلار گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ ۋە ئېتىزىدىن قايتىپ ئېلىپ بارغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، 14 ‏- فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ئۆمەر ئابدۇراخمان، مەمتىمىن ئابدۇراخمان ۋە ئەخمەت ئېلى قاتارلىق 3 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىن 2 سائەت بۇرۇن پارنىكقا سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئېتىزلىققا بارغان ئۆمەر ئابدۇراخمان ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئېتىز بېشىدىن قايتقان. ئۇ، بۇ ئەھۋالنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان دوستى ئەخمەت ئەلىگە بىلدۈرگەن. ئەخمەت ئېلى بىلىكىدىكى ئوكۇلنى يۇلۇپ تاشلاپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە يەنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان پۇرسەتتە بۇ 3 سەپداش موتسىكلىت بىلەن گۇما بازىرىدا پەيدا بولۇپ، مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا باج ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ۋە ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ ئايالى قاتارلىق 6 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلگەن. ھۇجۇمچىلار نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، بىر كۈن ئاۋۋال يېڭى بازار كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز توپلىشىپ ناماز ئوقۇشى، بۇ ئىبادەتنى كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قوپاللىق بىلەن توسۇشى ۋە ساقچى چاقىرىپ كېلىشى سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئەتىكى پروگراممىمىزدا بېرىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/guma-weqesi-02222017154530.html/story_main?encoding=arabic

Share
1040 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.