ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
شۆھرەت ھوشۇر
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن 10 – ماي قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. بازارلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى دۇۋا بازىرىنىڭ 4 – كەنتىدىكى سايلىقىتا قوي بېقىۋاتقان بىر مالچى، سايدا سۇ ئېلىۋاتقان بىر گۇمانلىق كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئەھۋالنى كەنت مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان، كەنت مەسئۇلى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ سايلىقنى قورشاۋغا ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىدىن مەزكۇر سايلىقتا قورشاۋغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى، قورشاۋنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ تەسلىم بولۇشقا چاقىرىلغان – چاقىرىلمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس، ئەمما ۋەقەدە ئاز دېگەندە 8، كۆپ بولغاندا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا، دۇۋا بازىرىنىڭ سىرتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز بۇ ۋەقەدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، گۇمىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە يېتەكچى رول ئويناۋاتقان، بۇ ناھىيىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە ياكى بىر چاپارمەنى ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىغان بىر خىتاي ساقچى تېلېفونىمىزغا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بەردى.
ئەلپازىدىن بىر دۆلەت خادىمىغا خاس كەيپىياتنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان بۇ خادىم، گەرچە سوئاللىرىمىزنىڭ نەق ئۆزىگە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، دۇۋىدا شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
بۇ خىتاي يەنە، خىتاينىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما چەتئەل مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاۋازىدىن ئۇيغۇرغا قارىتا غەزەپ – نەپرىتى پارتلاپ تۇرغان بۇ خادىم، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز ئارقىدىن دۇۋا بازىرىغا قوشنا بولغان يەنە بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە بەزى مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن گۇمادا يۈز بەرگەن 10 – ماي قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما گۇماندارلارنىڭ راستىنلا بىر پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ياكى بىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى سەپەرچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ياكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-weqesi-06222015202239.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER