logo

trugen jacn

گۇما ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى

300px-Location_of_Pishan_within_Xinjiang_(China)

گۇما ناھىيىسى شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تىغىنىڭ شىمالى ئىتىكى، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ھىندىستان كونتۇرۇللۇقىدىكى كەشمىر رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، خەنزۇ، تاجىك، قىرغىز قاتارلىق 12 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چىگرا ناھىيە.  چىگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 54.5 كىلومىتىر بولۇپ، مەركىزى شەھەر ئۆرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1800 كىلومىتىر كىلىدۇ. پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 41 مىڭ 700 كۇۋادىرات كىلومىتىر، تەۋەلىكىدە 16 يىزا-بازار، بىر كوچا باشقارمىسى بار. 315-دۆلەت تاشيولىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا 7 تۈزلەڭ يىزا-بازار ۋە 9 تاغلىق يىزا-بازار جايلاشقان، يەنە ئۇرۇقچىلىق مەيدان ۋە پىيالما يىزا ئىگىلىك ئۈنۋىرسال تەرەققىيات رايونى بار. گۇما ناھىيىسىنىڭ بوستانلىقلىرى ناھايتى تارقاق، يەر شەكلى موكىسىمان بولۇپ، جەنۇپتىن شىمالغىچە ئۇزۇنلىقى 423 كىلومىتىر، شەرقتىن غەرىپكىچە كەڭلىكى 67.5-144.5 كىلومىتىر، 169 مەمۇرى كەنت 54 پارچە بوستانلىققا جايلاشقان. 2009-يىلى يىل ئاخىردىكى ئومۇمى نوپۇسى 229 مىڭ 200، بۇنىڭدىن يىزا ئىگىلىك نوپۇسى 179 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار %97.7، خەنزۇلار %1.4، باشقا مىللەتلەر %0.9 نى ئىگەللەيدۇ. تىرىلغۇ كۆلىمى 453 مىڭ مو بولۇپ، تىرىقچىلىقتا بۇغداي، قوناق ئاساس قىلىنىدۇ. ئانار، ياڭاق، ئۈرۈك قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە ئورمان مىۋىچىلىك بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن.

http://uy.ps.gov.cn/psgk/2012/13282.htm

Share
1785 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.