logo

trugen jacn
17 ماي 2014

گۇما ناھىيىسىدىكى بىر ساقچىخانا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

 

 شۆھرەت ھوشۇر

سەيشەنبە كۈنى تاڭئاتار مەزگىلىدە يەنى سائەت 1 ئەتراپىدا، گۇما ناھىيىسىدىكى مۇجى يېزىلىق ساقچىخانىغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى دانە بومبا تاشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بومبا 1 كىلومېتىر ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى ئويغاتقۇدەك دەرىجىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بوش قورۇغا تاشلانغىنى ئۈچۈن، پەقەت ئىككى نەپەر خادىم يارىلانغان.

ھۇجۇمچىلار بومبىنى تاشلىغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. ساقچىلار نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ھۇجۇمچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش ياكى زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

ئەتىسىدىن باشلاپ، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئەخمەت ئىسمائىل ۋە مەمەت ئىسمائىل قاتارلىق 7 نەپەر گۇماندار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

نۆۋەتتە گۇما ناھىيىسىدىمۇ كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ۋە ئادەم تۇتۇش داۋام قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/guma-bomba-05162014165831.html

Share
1555 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.