logo

trugen jacn

گۇما كونا بازاردا ساقچىلارغا قارىتا ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، جۈمە كۈنى يەنى 13‏-فېۋرال كۈنى بېلىگە بومبا تاڭغان بىر نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا قارىتا ئۆزىنى پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ۋەقەدە 8 ساقچىنىڭ 30 غا يېقىن ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى ئاۋۋال ساقچىلاردىن بىر نەپىرىنى قۇچاقلاپ سۆرىگەن ۋە باشقا ساقچىلار سەپدىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن توپلىشىپ كەلگەندە بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ سانى ئېنىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، جۈمە كۈنى قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەندى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە گۇما كونابازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا كەچ سائەت 9لاردا يۈز بەرگەن، 20 ئەتراپىدا ساقچى ماشىنىسى شۇ كېچىسى گۇما ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا يارىدارلارنى توشۇش ۋە كۆزىتىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/guma-adem-bomba-02162015163430.html

Share
1261 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.