logo

trugen jacn

گۇما بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى گۇماندارلىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گۇما ناھىيىسىدە 10-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاش ۋە گۇماندارلارنى ئادىل سوتلاشقا چاقىرغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپتىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئەمما رادىيومىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، بولۇپمۇ گۇماندارلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئېنىقلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندارلاردىن كۆكتېرەك يېزىسىغا تەۋە بولغانلار مەخمۇت، مەمتىمىن ۋە ئابلەت قاتارلىق 4 كىشى بولۇپ، ئۇلار 23-كەنتنىڭ قۇمئېرىق مەھەللىسىدىن ئىكەن. خىتاي تەرەپ بۇلارنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەنلەرنىڭ ئالدىغا 300-400 مىڭ يۈەن، ئارقىسىغا 20-30 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، ۋەقەگە چېتىشلىق ئومۇمىي گۇماندارلار سانىنىڭ 10 نەپەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆكتېرەكتىن باشقا يېزىلاردىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ھازىرغا قەدەر كۆكتېرەكلىك گۇماندارلاردىن 3 نەپىرى تۇتۇلغان، يەنە بىر نەپىرى ئىزدەلمەكتە. ئەمما كۆكتېرەكتىن باشقا يېزىلاردىكى گۇماندارلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا، ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئاز دېگەندە 17 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-partlash-09292016150245.html

Share
1445 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.