logo

trugen jacn

گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا قاتناشقان بىر ئاھالە: قىسمىتىمىز شۇ گۇماندارلاردىن پەرقلىق بولمىدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاش پۇرچاقچىدىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا پۇرچاقچى يېزىسىدىن يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن 4000 چە كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى پۇرچاقچىدا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورچىلارنى ئىز-قوغلاپ زەربە بېرىش ئوپېراتسىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. شۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدە ئۆزى ۋە ئۈچ ئوغلىنىڭ 13 كۈن كالتەك تۇتۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بىر پارتىيە ئەزاسى، بۇ يىلقى تۇتقۇندا، ئاھالىلەرنىڭ شۇ قېتىملىق خىزمىتىنىڭ قىلچىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2014-يىلى خوتەننىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا بىرقانچە قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارىتا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈزبەرگەن. خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشتا، يەرلىك خەلقنى سەپنىڭ ئالدىغا ئىتتەرگەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بەرگەن بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئوپېراتسىيە داۋامىدا خىتاي قوراللىق كۈچلىرى گۇماندارلارنى ئاياق قۇدۇقلا كەنتىدە قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلاردىن 9 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن، بىر نەپىرىنى ئەسىر ئالغان. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ گۇماندارلارنىڭ ئورىنىنى بايقاشتا يەرلىك ئامما تەمىنلىگەن 70 نەچچە ئۇچۇردىن پايدىلانغان؛ ئىز قوغلاش ۋە قورشاش ھەرىكىتىگە 30 مىڭ كىشىلىك ئامما ئىشتىراك قىلغان.

بۇ قېتىم ئەنە شۇ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن پۇرچاقچى يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، خىتاينىڭ ئەنە شۇ ئىز-قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خىتاي تەرەپتە تۇرغۇزۇلۇپ رول ئالدۇرۇلغان، پۇرچاقچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ، بۇ يىلقى تۇتقۇن ۋە قايتا تەربىيەلەشتە خۇددى ئۆزلىرى ئىزىنى قوغلىغان گۇماندارلارغا ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارەت ۋە زەربە ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

پۇرچاقچىدىكى مەزكۇر قانلىق ۋەقە ھەققىدە 2014-يىلى رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ياشلار، رامىزان مەزگىلىدە ئۆي تەكشۈرۈپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلغان خىتاي ساقچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى يانتاياقلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە بەزىلەرگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ئاشكارىلىنىشىچە ئەنە شۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە زەربە يېگەن، ئەمما ئامان قالغان كەنت سېكرېتارى ھېلىھەم، ئاياق پۇرچاقچى كەنتىدە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

يۇقىرىدا پۇرچاقچى يېزىسىدا گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇش رول ئالغان ئاھالىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە، ئەنە شۇ گۇماندارلارغا ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/wetenperwer-aqiwiti-10102017142225.html

Share
1456 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.