logo

trugen jacn

گۇاڭشىدا تۇتۇۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

6528551154hindistanpakistanatma

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىدىكى پىڭشياڭ بازىرىدا تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭ 17-18 نەپىرى ئايال ۋە بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاي ئاخباراتى ۋىيېتنامغا ماڭغان 22 «دىنىي رادىكال» غا پىستىرما قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بىراق بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 22 ئۇيغۇرنىڭ ئاز دېگەندە 9 نەپىرى ئايال، ھەر بىر ئايالنىڭ 1-2 دىن ئۇششاق بالىسى بار. لېكىن خىتاي ئاخباراتى ئاياللارنى ۋە ئۇششاق بالىلارنى تىلغا ئالمىغان. نۆۋەتتە، ئايال ۋە بالىلار پىڭشياڭ شەھەرلىك يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پونكىتنىڭ خۇاڭ فامىلىلىك بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاياللارنى ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ئۆتكەن يەكشەنبە پىڭشياڭ شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى شىنجاڭلىق 21 ئۇيغۇرنى تۇتقان. ئۇلار ھازىر سىلەرنىڭ يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟
خۇاڭ ئەپەندى: شۇنداق، ئۇلار بىزنىڭ بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ سانى 10 ئەتراپىدا.

مۇخبىر: بىز ئۇلارنى 21 كىشى، دەپ ئاڭلىغان، ئۇنداق بولسا قالغانلار قەيەردە؟
خۇاڭ ئەپەندى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇششاق بالىلارمۇ بار. ئېنىق سانى زادى قانچىلىك مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم. ئىش قىلىپ ئۇلار بىزنىڭ بۇ يەردە. ھەر بىر ئايالنىڭ 1-2 دىن، بەزىلىرىنىڭ 3 دىن بالىسى بار. بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللار. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەركەكلەر يوق.

مۇخبىر: ئەرلەر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟
خۇاڭ ئەپەندى: ئەرلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. بىزنىڭ بۇ يەردە 9 ئايال تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدىغۇ، دەيمەن. شۇنداق 9 ئايال. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇششاق بالىلار.

مۇخبىر: ئەرلەرچۇ، ئەرلەرگە نېمە بولدى؟ ئاڭلىساق ساقچىلار بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىپتۇ، دەيدۇ؟
خۇاڭ ئەپەندى: مەن بۇنى بىلمىدىم. مەن بۇنداق ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. ھازىر ساقچىلار بۇ ئاياللارنى سوراق قىلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئۇلارنى شىنجاڭدىن كەلدى، دەيدۇ، ئۇلار نەگە بارماقچىكەن؟
خۇاڭ: ئۇلارنىڭ نەگە بارماقچى بولغانلىقىنى بىلىمىدىم. لېكىن بىزنىڭ پىڭشياڭ ۋىيېتنامغا چېگراسىدا. مەن ئۇلارنىڭ پاسپورتى بار-يوقلۇقىنى بىلمىدى. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى مەن تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن. بۇرۇن يۈز بېرىپ باقمىغان. بۇ بىزنىڭ 1-قېتىم ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىشىمىز. بۇ يەردىكى ئۇششاق بالىلارنىڭ ئىچىدە تېخى ئايىغى چىقمىغان بالىلاردىن تارتىپ، 1-2 ياشلىق، 7‏- 8 ياشلىق بالىلارمۇ بار. 9 ئايال بار، ئۇلار مۇشۇ بالىلارنىڭ ئانىلىرىغۇ، دەيمەن.

مۇخبىر: ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟ شىنجاڭغا قايتۇرامسىلەر ياكى باشقىچىرەك بىر تەرەپ قىلامسىلەر؟
خۇاڭ: ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن خەۋىرىم يوق. بۇ ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن. ئۇلار ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ سوراققا باغلىق. مەن بۇنى بىلمەيمەن. سوراقنى پىڭشياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى قايسى ناھىيە، قايسى يېزىدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم. ئۇلارنى چاقىرىپ بېرىشكە تېخى بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سىز ئۆزىڭىز كېلىپ سوراپ كۆرسىڭىز بولاتتى. ئۇلارنى چاقىرىپ بېرەي، دېسەم، ئۇلارغا ساقچىلار قاراۋاتىدۇ، ئۇلار چاقىرىپ بېرىشكە يول قويمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلارنىڭ ياتىقى، يېمەك-ئىچمىكى؟ يېمەك-ئىچمەكنى سىلەر بېرەمسىلەر ياكى ئۇلار ئۆزى ھەل قىلامدۇ؟
خۇاڭ: مەن ئۇلارنىڭ تامىقىنى قانداق ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم. بىراق بىزنىڭ بۇ يەر ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى ئېغىز ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆينىڭ كۆلىمى خېلى بار، قىسىلمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس. ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق. ئاياللار ۋە بالىلارنى قوشقاندا ئۇلار جەمئىي 17-18 كىشى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئاياللار بىلەن ئەركەكلەر ئايرىۋېتىلدى. بىزنىڭ يىغىۋېلىش ئورنىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللار.

مۇخبىر: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇلاردىن بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىپتىغۇ؟
خۇاڭ: مەن بۇنداق ئىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ يەرگە يىغىۋېلىنغانلارنى كۈتۈش، ئۇلارنى يۇرتىغا يولغا سېلىش. سىز دېگەن ئىشلار ج خ ئىدارىسىنىڭ دائىرىسىدىكى ئىشلار، بىزنىڭ دائىرىمىزدىكى ئىش ئەمەس.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ پىڭشياڭدا تۇرۇپ، تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ؟ سىز ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي، سىياسىي مەسىلىسىنى بىلەمسىز؟
خۇاڭ: بىزنىڭ پىڭشيادا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بار. بىراق مەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، دىن، سىياسىي جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى بىلىپ كەتمەيمەن. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇلارنى دىنىي رادىكال، دەپ يېزىشىغا كەلسەك، مەن بۇنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: بۇ يەردىكى ئاياللار-بالىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟
خۇاڭ: قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرسا ياتاق بار، بالىلار ئوينايدىغانغا ئويۇنچۇقلارمۇ بار. ھۆكۈمەت ئۇلارنى شىنجاڭغا قايتۇرامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ، بۇنى مەن بىلمىدىم. مەن بۇ يەرنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى، يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئالاقە قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلمىدىم. بۈگۈن، ئۇلارنىڭ بۇ يىغىۋېلىش پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا 3 كۈن بولدى.

يۇقىرىقىدىكى سۆھبەت خىتاي ئاخباراتى خىتاي چېگرا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ گۇاڭشى پىڭشياڭدا بىرىنى ئېتىپ تاشلاپ، 21 بىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللار» نىڭ ئەھۋالى. بۇ سۆھبەت پىڭشياڭ ناھىيەلىك يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىنىڭ خادىمى خۇاڭ ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پروگراممىنى ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/musapir-uyghur-12252014154054.html

Share
1589 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.