logo

trugen jacn

گۇاڭجۇدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق دەپ تۇتقۇن قىلىنغان

 

 image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپ «شىنجاڭ سىنىپى»نىڭ 133 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 10 نەپىرى 6‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. مەكتەپ ۋە يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق مەخپىي تۇتقان ۋەقە يېقىندا تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالدى.

6‏-ئاينىڭ 16‏-كۈنى، گۇاڭدۇڭ گوئەن قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گې يوڭشى گۇاڭجۇ 1‏-قاماقخانىسىدا يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تاڭ جىڭلىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدۇ. مەھبۇس تاڭ جىڭلىڭ ئادۋوكاتىغا گۇاڭجۇ 75‏-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا «شىنجاڭ سىنىپى»دا ئوقۇۋاتقان 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تېررورلۇققا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ قاماقخانىغا سولانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تاڭ جىڭلىڭنىڭ ئادۋوكاتىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇللا ئىسىملىك بىر قەشقەرلىك ئوقۇغۇچى بالا ئۇلارنىڭ كامىرىغا سولانغان. ئابدۇللا تاڭ جىڭلىڭگغا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىغا قاتنىشىپ، 2‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغان 10 ئوقۇغۇچىنىڭ 8 نەپىرى ئوغۇل، 2 نەپىرى قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ «تېررورلۇق»قا چېتىشلىق قانداق كونكرېت ۋەقە ياكى ھادىسە سادىر قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75‏-ئوتتۇرا، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى،1‏-قاماقخانا، 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپ قاراشلىق تيەنخې مائارىپ ئىدارىسى، تيەنخې شۆبە ساقچى ئىدارىسى ۋە شىڭخۇا ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما سوئالىمىز جاۋابسىز قالدى.

پەقەت گۇاڭجۇ 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل شىڭخۇا ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمىلا بۇنداق ۋەقە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما تەپسىلىي ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى : «بۇ ئىش بىزنىڭ پونكىتقا ئېنىق ئەمەس. بۇ ئىش يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىش. شۇڭا، بۇ بىزنىڭ پونكىتىمىزغا مەلۇم ئەمەس. بايام دېدىمغۇ سىزگە، بۇ ئىشنى بىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى قىلىۋاتقان ئىش دەپ. شۇ بىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى قىلىۋاتىدۇ. خۇڭپۇ بىزنىڭ باشقۇرۇش رايونىمىز. ئەمما بۇ دېلونى كونكرېت تيەنخې ج خ شۆبە ئىدارىسى بېجىرىۋاتامدۇ ياكى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىشلەۋاتامدۇ، بۇ ماڭا ئايان ئەمەس» دېدى.

مۇخبىر: سىلەر تيەنخې ج خ شۆبە ئىدارىسىگە قارايسىلەرغۇ. دېمەك، سىز بۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلىسىز، ئەمما كونكرېت ئەھۋالنى بىلمەيسىز. چۈنكى، 75‏-ئوتتۇرا سىزلەرنىڭ باشقۇرۇش رايونىڭلاردا، شۇڭا سىلەر بىلىسىلەر، شۇنداق چۈشەنسەم بولامدۇ»

ساقچى-: 1 «شۇنداق بىز تيەنخې شۆبە ئىدارىسىگە قارايمىز. كونكرېت ئەھۋال ماڭا مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئىشنى پونكىتىمىزدىكى ھەر بىر ساقچى بىلمەيدۇ. ئۇ بىزنىڭ پونكىت ئىشلىگەن دېلو ئەمەس.

مەن شۇنى دەپ قوياي، بىرىنچى، بىزنىڭ ساقچى پونكىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا 75-ئوتتۇرا دەيدىغان بىر مەكتەپ بار. ئىككىنچى، سىز بايام ئېيتقان شىنجاڭ سىنىپى بولامدۇ ياكى باشقا سىنىپ بولامدۇ، ئىش قىلىپ، كونكرېت قانچە ئادەم، نېمە ئىش بولغان بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىزنىڭ ساقچى پونكىتى ياكى بىزنىڭ ساقچىلارنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۈچىنچى، سىز بايام سورىغان دېلونىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىغا كەلسەك، بىز دېلونى ئىشلىمىدۇق. ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئىدارىسى ئىشلىگەن. شۇڭا، ئۇنى مەن بىلمەيمەن.

شۇنىڭ بىلەن بىز، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى تەشۋىقات باشقارمىسىغا تېلېفون قىلىشىمىزنى، ئۆزىنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «مەن سىلەرنىڭ تيەنخې رايونىدىكى 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى سوراپ باقاي دېگەنتىم، ئاڭلىسام بۇ ئىشنى تيەنخې ج خ شۆبە ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلغان ئوخشايدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.

ساقچى‏-2 مۇنداق دېدى: «بۇ گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمىز. سىز قايسى ئورۇن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقامسىز. 75‏-ئوتتۇرا دېدىڭىزمۇ! قاچان يۈز بېرىپتىكەن بۇ ۋەقە؟ سىز كىم بولىسىز، مۇخبىر دېدىڭىزمۇ. ئەگەر سىز مۇخبىر بولۇپ كونكرېت ئەھۋالىنى ئىگىلەيمەن دېسىڭىز، سىز بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىڭ. كونكرېت ئەھۋال ھەققىدە بىزنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىمىز يوق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى تېز كۆپەيتىشكە كىرىشكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 2015‏-يىلى ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»غا 9800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان.

گۇاڭجۇ 75‏- ئوتتۇرا مەكتىپى بولسا 2011‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىشقا باشلىغان. مەزكۇر مەكتەپنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا 133 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى – د ئۇ ق «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ ئېچىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. مەزكۇر تەشكىلات دۈشەنبە كۈنى گۇاڭجۇدا 10 نەپەر «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىسىنىڭ ۋەقەسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئوچۇق -ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: «ھەر دائىمقىدەك، خىتاي ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش بولسا، پاكىتنى، ئەمەلىي ئەھۋالنى ۋە ئىشنىڭ جەريانىنى يوشۇرىدۇ. بىز د ئۇ ق ھەر قانداق ۋەقەنىڭ پاكىتلىق، ئېنىق، داكۇمېنتلىق بولۇشىنى، ھەمدە ۋەقەنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

خىتاينىڭ 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۇنى جىمجىت يوقىتىۋېتىشىنى ھەرگىز بولدى قىلمايمىز. ئۇ تېررورلۇققا چېتىلغان بولسا، چىرايلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي قانۇنى بىلەن بىر سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى كەمسىتىشنىڭ تىپىك ئالامىتى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىچكىرىگە ئەكېتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار پروگراممىسىغا د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇندىن تارتىپ قارشى تۇرۇپ كەلگەن. چۈنكى، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئىككىنچى، خىتاينىڭ بۇ پروگراممىسى ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇل. گۇاڭجۇدىكى بۇ ۋەقە ئۇنىڭ تىپىك كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆزى ئېلىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ كېتىشى ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىشنىڭ ئالامىتى.»

گۇاڭجۇ 1‏-قاماقخانىسىدىكى ئوقۇغۇچى ئابدۇللانىڭ كامىردېشى تاڭ جىڭلىڭ بۇرۇن بىر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئىدى. ئۇ بۇ يىل 1‏-ئايدا «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قاماق جازاسىنى گۇاڭجۇ 1‏-قاماقخانىسىدا ئۆتەۋاتقان ئىدى. تاڭ جىڭلىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇللانىڭ دادىسى قەشقەردىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitayda-uyghur-06202016144116.html

Share
1433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.