logo

trugen jacn

گۇاڭجۇدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى

201503250807china1

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىنباۋ گېزىتى، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدىكى بىر 10 قەۋەتلىك سودا سارايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

25 – مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 3 نەپەر پىچاقلىق كىشى بۇ سودا سارايغا كىرىپ، كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنى يارىلاندۇرغان. ئارقىدىن ئۇيغۇرلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى بۇ 10 قەۋەتلىك بىنا ئۈستىگە چىقىپ ئۆزىنى پەسكە تاشلاپ ئۆلگەن. بىرى نەق مەيدانغا كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ۋە يەنە بىرى تىرىك قولغا چۈشكەن. مەزكۇر ۋەقە خىتاي تور بەتلىرىدە نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن كەڭ مۇنازىرە قىلىنغان ۋە بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېخى باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېنىق دەلىللەنمىدى.

خىتاينىڭ ئىكككى قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىل بولغان 6 – مارت كۈنى گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە، 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى يارىلانغان، ئەينى چاغدا خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىپ، يەنە بىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/guangzhou-hujum-03252015201059.html

又有新疆人广州火车站砍人 刀手堕毙

Share
1538 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.