logo

trugen jacn

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت-1

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت

(1) ئامېرىكا كونسېرۋاتىزىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە تۆت ۋەكىللىك شەخس

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن جەۋلان

ئىلاۋە: يېقىندا ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، سابىق پارلامېنت باشلىقى نيۇت گىنگرىچ (Newt Gingrich) نىڭ «ترامپ بىلەن خىتاينىڭ ئېلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىش» (Trump vs. China: facing American’s greatest threat) ناملىق يېڭى كىتابى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، گىنگرىچنىڭ بۇ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى دەۋر كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنى چۈشىنىش كېرەك.

زىيارەت قىلغۇچى: ۋاڭ ۋېي («ئۈمىد ساداسى» ئىستانسىسىىنىڭ مۇخبىرى)

[2019-يىلى 4- نويابىر] نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، دېموكراتچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي كۆز قاراشلىرى ۋە غايىسى ئوخشىمىسىمۇ، بۈگۈنكى خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش چىقىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزدېنتى مايك پەنس 24- ئۆكتەبىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايغا «ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي رەقىب» دەپ ئېنىقلىما بەردى.
يېقىندا ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، سابىق پارلامېنت باشلىقى نيۇت گىنگرىچ «ترامپ بىلەن خىتاينىڭ ئېلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىش» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى، خىتاي قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ خىرىس پەيدا قىلدى، دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى قوللانغان تەدبىر ۋە پىلانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ كىتابى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گىنگرىچ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تەۋە سىياسىي ئەرباب بولۇپ، 1995-يىلدىن 1999-يىلغىچە ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئامېرىكا پارلامېنتى تارىخىدا ئەڭ ھوقۇقلۇق پارلامېنت باشلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2012-يىل جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىچىدىن پرېزىدېنت نامزاتى بولغان. ئۇ يەنە تارىخچى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسەت ۋە ئامانلىق ئىشلىرىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كونسېرۋاتىپ داھىيلارنىڭ بىرىدۇر.
«ئۈمىد ساداسى»نىڭ تەجرىبىلىك رىياسەتچىسى فاڭ ۋېي گىنگرىچنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، بۇ بىر يۈرۈش ماقالە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. گىنگرىچنىڭ بۇ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى دەۋر كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنى چۈشىنىش كېرەك.
بۈگۈنكى ئامېرىكا كونسېرۋاتىۋىزمى گۈللەندى، بۇنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى: ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىدۇر
300 بەتلىك بۇ كىتابتا نېمە دېيىلگەن؟ بۇ كىتاب بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى گىنگرىچنىڭ قانداق ئادەملىكىنى دەپ ئۆتكۈم بار. نۇرغۇن دوستلار بىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن دوستلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بىلىدىغانلارمۇ ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى، 1994-يىلدىن 1999-يىلغىچە ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما مەن بۇ يەردە گىنگىرىچنىڭ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىملىقىنى سۆزلىمەكچى.
ھازىر ئامېرىكىدا مۇنداق مۇھىم بىر ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى. بۇنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىدۇر. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاساسەن دېگۈدەك كونسېراۋاتىپلىق سىياسەت يۈرگۈزدى.
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى ئەنئەنىچىلىك بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پرىنسىپىدىن كەلگەن
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى دېگەن نېمە؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كونسېرۋاتىپ (conservative) دېگەن سۆز «ئەنئەنە، ئەنئەنىچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئامېرىكا ئەنئەنىچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا دېگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئەنئەنىسى ئېنىق، ئۇنىڭ ئەنئەنىسى دۆلەت قۇرۇلغان چاغدىكى پرىنسىپتۇر. بۇ دۆلەت بىر يۈرۈش يېتەكچى پرىنسىپلارنى تۈزگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى. بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ پرىنسىپقا كىم ئېنىقلىما بېرىدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پرىنسىپىدا بۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن، ئۇ بولسىمۇ ئەخلاق ئىلاھتىن، يەنى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن؛ ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت قۇرغۇچىلار پرېتىسسىئان مۇخلىسلىرى بولۇپ، خرستىئان دىنىنىڭ پەرۋەردىگارى ئادەم بولۇشنىڭ بىر يۈرۈش پرىنسىپلىرىنى، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئەخلاقنى بېكىتىپ بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسىنىڭ قارىشىچە، خرىستىيان دىنىنىڭلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق ھەق دىنلارنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى ئوخشاشتۇر. دېمەك، بارلىق ھەق دىنلارنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىدۇر.
ئىككىنچىسى: ھۆكۈمەت تەشكىللەش پرىنسىپى. بۇ ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش پرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى كىچىك بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشلارنىلا باشقۇرىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى شىتاتلىق ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت باشقۇرىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى چەكلىك بولۇپ، قانۇن-نىزامدا بېكىتىلگەن ئىشلارنىلا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ؛ ھوقۇق خەلقتە بولىدۇ، دېگەندەك بىر يۈرۈش تەشكىلىي پرىنسىپلار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۈچىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي پرىنسىپى. بۇ پرىنسىپ ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادام سىمىس ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي پرىنسىپ بولۇپ، بازار ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ھەم ئۆزىنى تەڭشەيدۇ، ھۆكۈمەت ئىقتىسادنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا خالىغانچە قول تىقالمايدۇ. يۇقىرقى ئۈچ پرىنسىپ كونسېرۋاتىزمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدۇر.
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى يېرىم ئەسىر ئىلگىرى گۈللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تۆت مۇھىم ۋەكىللىك شەخس مەيدانغا كەلدى
كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىنىڭ يېقىنقى بىۋاسىتە ئىپادىسى ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىدۇر. كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان يەنە بىر شەخس رونالد رېگاندۇر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۈگۈنگىچە ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى گۈللىنىپ، تۆت ۋەكىللىك شەخس مەيدانغا كەلدى. بۇلاردىن رېگان بىلەن ترامپ كىشىلەرگە تونۇشلۇق. قالغان ئىككى شەخسنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمىسە كېرەك، ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ئۇلاردىن بىرسى 1960-يىللاردىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېررى گولدۋاتېر (Berry Goldwater)، ئۇ بىرىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى 80-يىللاردىكى پرېزىدېنت رونالد رېگان، ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا چىققىنى 90-يىللاردىن بۈگۈنگىچە ياشاۋاتقان، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى نيۇت گىنگرىچ، ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا بۈگۈنكى پرېزىدېنت دونالد ترامپ. ئەگەر بىز بۇ تۆت شەخسنى چۈشەنسەك، كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا گىنگرىچنىڭ بۇ يېڭى كىتابى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە سۆزلىگۈم بار، ئەمما بۇنى سۆزلەش ئۈچۈن يەنە ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى ھەققىدە سۆزلىمەي بولمايدۇ.
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى تەرەققىياتى ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆزلىسەك تېما چوڭىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشى ھەققىدە سۆزلەي.
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمى نېمىشقا گۈللىنىدۇ؟ ئۇ ئەسلىدىلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پرىنسىپى ئەمەسمىدى؟ 1930-يىللاردا ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىپ، دۆلەت قىيىن كۈنگە قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن فرانكلىن روزۋېلىت دەيدىغان بىر پرېزىدېنت چىقىپ، بۇ كىرزىسنى ئوڭشايدۇ، ھۆكۈمەتكە پۇل خەجلەتكۈزىدۇ. ھۆكۈمەت نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سالىدۇ، نۇرغۇن ئادەمنى ئىشلىتىدۇ، يەنى بۈگۈنكى خىتايغا ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن ئىقتىسادنى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ.
روزۋېلىت ئامېرىكىنى ئاساسىي قانۇن ۋە پرىنسىپتىن چەتنىگەن «توغرا سىياسەت» يولىغا باشلىدى
خىتايدىن كەلگەنلەر «روزۋېلىت ھۆكۈمىتى توغرا قىلدى، چۈنكى ئۇ ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلدۇردى» دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى بۈگۈنكى كونسېرۋاتىپلار «ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلدۇرغىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى» دەپ قارايدۇ.
روزۋېلىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا چوڭ ھۆكۈمەت ھالىتىگە كىردى. ھۆكۈمەت چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، پاراۋانلىقنى يولغا قويدى، ئاشلىق بېلىتى تارقاتتى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشىغا كۆڭۈل بۆلدى، پاراۋانلىق ئۆيلىرىنى سالدى… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى روزۋېلت ھۆكۈمىتى قىلدى. ئۇ دەسلىپىدىلا ئۆز ۋاقىتىدىكى «توغرا سىياسەت» دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى.
روزۋېلت ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ترومان (Truman) ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، روزۋېلىتنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن تەختكە چىققان ئېيزىنخاۋېر (Eisenhower) مۇ ئاساسەن روزۋېلىتنىڭ يولىنى تۇتتى. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك بولۇش، ھوقۇقى چەكلىك بولۇش دەستۇرى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانىدى. ئەمما ئامېرىكىلىقلار بۇنى مودا ھېسابلاپ، بۇ سىياسەتمۇ بولىدىكەنغۇ، ئىقتىسادىمىز ياخشىغۇ، دەپ يۈرۈشتى. مۇشۇنداق چەتنەش ۋە ئېزىقىش دەۋرى گولدۋاتېر ئوتتۇرىغا چىققىچە داۋاملاشتى.
گولدۋاتېر ۋە ئۇنىڭ «كونسېرۋاتىپلارنىڭ ۋىجدانى» ناملىق كىتابى: كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىدىكى بىرىنچى ۋەكىللىك شەخس
بېررى گولدۋاتېر ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىدىكى بىرىنچى ۋەكىللىك شەخستۇر. ئۇ ئارىزونا شىتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر سايلىغان تۇنجى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، بەش نۆۋەت ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 30 يىللىق سېناتوردۇر (يەنى كېڭەش پالاتا ئەزاسىدۇر). ئۇ 1960-يىلى «كونسېرۋاتىپلارنىڭ ۋىجدانى» (The conscience of a Conservative) ناملىق 140 بەتلىك كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كونسېرۋاتىزم ئامېرىكىنىڭ قىبلىنامەسىدۇر. ئۇنىڭدىن خىجىل بولماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز، ھازىرقى «توغرا سىياسەت» كىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمىنىڭ ئەڭ باشتا ھۆرمەتلەيدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدۇر، ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.» قىسقىسى، ئۇ كونسېرۋاتىزمنىڭ بىر يۈرۈش غايىسىنى مەردانىلىق بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. گولدۋاتېرنىڭ بۇ كىتابى ئۆز ۋاقتىدىكى بىر ئەۋلاد ياشلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۈگۈنكى باش قەھرىمانىمىز نيۇت گىنگرىچ ئەنە شۇلارنىڭ بىرسىدۇر. شۇ ۋاقىتتا ئۇ 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گولدۋاتېرنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن.
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمنىڭ مەشئىلى رونالد رېگانغا تۇتقۇزۇلدى
گولدۋاتېرنىڭ غايىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا كونسېرۋاتىزملىق ئاڭ ۋە غايە بىر ئاز يەكلەنگەن، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مودا بولۇۋاتقىنى يېڭى سىياسەتتىن كېيىنكى يېڭى ئەركىنلىك ئىدى. گولدۋاتېر 1964-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋەكىل بولۇپ پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما غەلىبە قازىنالمايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ پەقەت 6 شىتاتتىلا ئۇتۇق قازىنىپ، 44 شىتاتتا ئۇتتۇرىۋېتىدۇ، بۇ چوڭ مەغلۇبىيەت ئىدى. شۇ يىلى پرېزىدېنت كېننىدى قەستلىنىپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت جونسون ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۈچ يىلدا ئۈچ پرېزىدېنتنى ئالماشتۇرىدۇ. سايلام نەتىجىسىنى گولدۋاتېر قوبۇل قىلالمايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ چاغدا كونسېرۋاتىزم بىر قىسىم جايلاردىلا گۈللىنىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ئاران ئالتە شىتاتتا غالىبە قازىنالايدۇ. گولدۋاتېر گەرچە سايلامدا غەلىبە قازىنالمىغان بولسىمۇ، سايلامنىڭ ئۆزى نەتىجە قازىنىدۇ، نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟
پرېزىدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى، سىياسىي سەھنىدە ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن بىر ياش «تاللاش ۋاقتى» (A time for choosing) دېگەن تېمىدا بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلەيدۇ، بۇ نۇتۇق قالتىس ئېسىل بولۇپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ نۇتۇق گولدۋاتېرنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم قىلالمايدۇ، ئەمما نۇتۇقنى ئاڭلىغان كىشىلەر «ۋاھ، بۇ ياشنىڭ تەپەككۇرى نېمانچە ئېنىق!» دەپ ماختىشىدۇ. ئىككىنچى يىلى كالىفورنىيەدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇنى شىتات باشلىقى سايلىمىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. نەتىجىدە ئۇ بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ، 1967- يىلى شىتات باشلىقى بولىدۇ، ئاندىن سىياسىي ساھەدە تېخىمۇ تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇ كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان رونالد رېگاندۇر.
گولدۋاتېر ئامېرىكىنىڭ كونسېرۋاتىزم مەشئىلىنى رونالد رېگانغا تۇتقۇزىدۇ. ئۇنداقتا رېگان قانداق قىلدى؟ دىققتىڭلار ماقالىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.
مەنبە:
http://www.soundofhope.org/gb/2019/11/04/n3310326.html

Share
9756 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.