logo

trugen jacn

تۇڭگان ئۆلىمالار: مەسچىتىمىزگە كەلگەن ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈلىدۇ، ئۇلار نازارەت ئىچىدە ناماز ئوقۇيدۇ

image

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئۇيغۇر ئېلىدە رامزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارنى يۈرگۈزگەن. ئىگىلىشمىزچە، ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىدىن بىر بولغان روزا تۇتۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ دىنىي پائالىيەت يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىلا چەكلىمىگە ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىمۇ قاتتىق توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىز بۈگۈن (26 – ئىيۇن) ئۈرۈمچىدە جۈمە نامىزى ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش، جۈمە ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇشتەك بىر قىسىم دىنىي پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۇلاق بېشى رايونىدىكى تۇڭگانلارنىڭ قەدىمىي مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان شەنشى مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسچىت ئىمامى، بىزنىڭ مەسچىت ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى، بۈگۈنكى جۈمە نامىزى ۋە شۇنداقلا تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ناھايىتى ياخشى. مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولدۇق. جۈمە نامىزىغا خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ جەمئىي ئۈچ – تۆت يۈز كىشى قاتناشتى. ئاخشاملىرى يەنە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتىمىز. ئۇنىڭغىمۇ ئادەتتە ئىككى يۈزدەك تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قاتنىشىدۇ.

شەنشى مەسچىت ئىمامى بىزنىڭ: «ھۆكۈمەت سىلەرگە روزا باشلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە قانداق ئۇقتۇرۇشلارنى تارقاتتى»، دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلار تەربىيىچىسى روزا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا ئىپتار قىلىش، زوھۇرلۇق يېيىش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ھەققىدە ھېچقانداق گەپ – سۆزن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىمامىدىن ئىچكىرىلەپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلىنىپ، جۈمە، تەراۋىھ نامازلىرى ئوقۇشىنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ۋە يۈرگۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ئىمام:«ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارغا ئۇچراپ باقمىدى. تۇڭگانلار دىنىي پائالىيەتلەردە ئەركىن» دېدى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ يەنە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خىتاي، ئۇيغۇر، تۇڭگانلاردىن تەشكىللىگەن يەتتە – سەككىز كىشىنىڭ پۇقراچە كىيىنىپ رامزان ئېيى كىرىش بىلەن جۈمە ۋە تەراۋىھ نامازلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، مەسچىتتە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسچىت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇللۇقىنى بايان قىلىپ:«بىخەتەرلىك خادىملىرى جۈمە ۋە تەراۋىھ نامىزىغا مەسئۇل، ئۇلار مەسچىت ئىچىدە تۇرۇپ كۆزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ناماز ئوقۇمايدۇ.» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن: «ئۇلار نىمىنى كۆزىتىدۇ؟»، دەپ سورىغىنىمىزدا ئىمام«ئۇلار يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى؟» دېدى. ۋە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىن«مەسچىتتىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى نامازغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆرەمدۇ؟» دەپ، سورىغىنىمىزدا، ئىمام قىلچە ئىككىلەنمەستىن:«شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى پەقەتلا شەنشى مەسچىتىگىلا قويۇلغانمۇ؟ – دېگىنىمىزدە ئۇ،:«بۇ خىل كۆزىتىش خادىملىرى پۈتكۈل ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە بار» دېدى.

بىز ئىمامدىن: «تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتىگە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىچىدىكى خىتايلار كىرسىمۇ بولامدۇ؟» دەپ سورىساق ئۇ، «بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز شۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ۋە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا بىر قەدەر يېقىن بولغان جەنۇبىي تىنچلىق يولىدىكى چىڭخەي مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ، مەسچىتنىڭ مەزىنى ياڭ بو بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىزدە مەزىن بۈگۈنكى جۈمە نامىزىغا ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلاردىن بولۇپ جەمئىي ئۈچ – تۆت يۈز كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، مەسچىتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىككى – ئۈچ كىشىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز مەزىنگە:«مەسچىتلەرگە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى قويغۇدەك ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى شۇنچە كەسكىنمۇ؟» دەپ سوئال قويغىنىمىزدا، مەزىن:«ئۈرۈمچىدە بىرەر ۋەقەمۇ چىقمىدى. خەتەرلىكمۇ ئەمەس. بەلكىم ھۆكۈمەت رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

«مەسچىتتىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى نامازغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشنى نىشان قىلىنغانمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مەزىن جاۋاب بېرىپ:«شۇنداق ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

بىز ئاخىردا ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان خان – تەڭرى جامىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى ھېچكىم قوبۇل قىلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tunggan-mesjid-uyghur-06262015191624.html

Share
1475 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.