logo

trugen jacn

چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش» توغرىلىق ھۆججەت چىقارغان

image (1)

 قۇتلان

2014-u0828-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25 – ئاۋغۇستتىكى«شىنجاڭ خەۋەر تورى» نىڭ  خەۋىرىگە قارىغاندا، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەت چىقىرىپ تارقاتقان.

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ناھىيە تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار تويلاشسا سىياسىي، ئولتۇراق ئۆي ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جەھەتتە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدىكەن.

ھۆججەتتە يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار توي خېتى ئالغان ھامان ئۇدا 5 يىلغىچە يىلىغا 10 مىڭ يۋەندىن مۇكاپات پۇلى ئالالايدۇ. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلار يەسلىدىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەقسىز ئوقۇيدۇ. ئەگەردە ئۇلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئېمتىھان بېرىپ كىرسە يىلىغا 3000 يۋەن، ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە كىرەلىسە يىلىغا 5000 يۋەن مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇيدۇ. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كۆتۈرگەندىن سىرت، قالغان قىسمىنىڭ 90% نى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىدە ئەر – ئايالدىن بىرىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بولمىسا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە قاراپ دەرھال مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.»

مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمىلەرنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدە بۇ يىل 21 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن چەرچەن ناھىيەلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى ئالدى.

ئۇ مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«شۇنداق، بۇ ھۆججەت يېقىندا چىقتى ھەمدە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئىدارىلەرگە تارقىتىلدى. مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. باشلىقلارنىڭ دېيىشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم بۇ ھۆججەتنى چىقىرىشتىن بۇرۇن چەرچەندىكى 99 پىرسەنت خەلقتىن پىكىر ئېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ رايى بويىچە بۇ ھۆججەتنى چىقارغانمىش…»

«بىزنىڭ بۇ ئىدارە ناھىيەنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ئورۇن. ناھىيەلىك پارتكوم بۇ ھۆججەتنى چىقىرىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىدارىنىڭ پىكرىنى ئالدىمۇ – يوق، بۇنى بىلمەيمەن. بەلكىم بىزنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى بىلەن سۆزلەشكەن بولسا كېرەك، لېكىن شەخسەن مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق!»

«بۇ ھۆججەت چىققاندىن كېيىن ئىدارىدە يىغىن بولدى. مەنمۇ يىغىنغا قاتناشتىم. مۇشۇ يىغىندا ئاڭلىدىممۇ ياكى باشقا بىر يىغىندا ئاڭلىدىممۇ ھېچ ئېسىمدە يوق. ئاڭلىشىمچە، چەرچەن ناھىيەسىدىن باشقا ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيەلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز – ئارا تويلاشسا ھۆكۈمەت مۇكاپاتلايدىغان ئىچكىي سىياسەت بارمىش…»

«مەن مىنكاۋخەن (خەنزۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇرمەن). مەن تېخى يېقىندا ناھىيەمىزنىڭ مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشتۈم. ئاساسلىق ۋەزىپەم ئىدارىنىڭ ئارخىپ ۋە ھۆججەتلىرىنى رەتلەش ھەمدە ئاممىۋىي لۇشيەنگە دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. راستنى دېسەم، خەنزۇ تىل يېزىقىغا پۇختا بولساممۇ، لېكىن ئۇيغۇرچىنى تازا بىلمەيمەن. شۇڭا ئىدارىدىكى چوڭ ۋە مۇھىم ئىشلاردىن ئانچە خەۋىرىم يوق.»

«مەن شەخسەن ئۆزۈم بالامنىڭ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشىنى خالىمايمەن. چۈنكى بىز ئىسلام دىنىدىكى مىللەت، ئەمما ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا بۇ ئىشلارغا ھېچنېمە دېيەلمەيمىز. بۇ ھەقتە مېنىڭ سىزگە دەيدىغانلىرىم شۇنچىلىك. مەن يېڭىلا بۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشكەن ئاددەتتىكى كادىر. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىدارە باشلىقىمىزغا تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/milletler-08292014001929.html

Share
1950 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.