logo

trugen jacn

چەرچەندە بىر تۈمەن ئادەم ھاشارغا سېلىنماقتا

uygur2

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چەرچەن ناھىيىسىدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان چەرچەن ناھىيىسىگە قاراشلىق ئىدارە، ئورگان ئىشچى خىزمەتچىلىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا، كەنت دېھقانلىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن قەھرىتان قىشقا قارىماي يول ياساش، قۇم توسۇقى ياساش قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلانغان.

مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن دەرۋەقە ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئون مىڭچە ئىشچى-دېھقانلارنى 5-فېۋرالدىن باشلاپ، 12-فېۋرالغىچە نۆۋەت بىلەن ھاشار شەكلىنى ئالغان بۇ خىل ئەمگەككە سالغانلىقى مەلۇم بولدى، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن يەنە، ئەمەلىيەتتە چەرچەندە مەخسۇس قۇم توسۇق ياساش قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھاشار ئەمگىكىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

چەرچەندە كۆپىنچىسى دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان ئون مىڭ كىشىلىك ھاشار قوشۇنى، ئۆتكەن ئىككى ھەپتە قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقىغا قارىماي ھاشار ئەمگىكىگە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان چەرچەنلىك كىشىنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى نامىدىكى بۇ خىل ئەمگەك 17 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلدىكى ئەمگەك ئوخشاش جايدا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ھاشارغا قاتناشتۇرۇلىدىغان ھاشارچىلار كۆلىمى بارغانچە كېڭەيتىلىپ بارماقتا ئىكەن ۋە ۋەزىپە شەكلىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ئەمگەككە قاتناشمىغانلار ئىلگىرى جەرىمانىگە ئوخشاش ئىقتىسادى جازاغا ئۇچرىغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا يەنە سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتە پاسسىپلىق سانىلىپ دائىرىلەرنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ئىنكاسقا ئاساسەن ئىزدىنىپ باقتۇق، چەرچەن تورىنىڭ خىتايچە قانىلىدا، دەرۋەقە چەرچەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 5-فېۋرالدىن باشلاپ 12-فېۋرالغىچە، ناھىيىدىكى ئون مىڭ ئەتراپىدا ئىشچى، خىزمەتچى ۋە دېھقانلارنى قۇم توسۇق ياساش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش نامىدا ئەمگەككە ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چەرچەننىڭ يەر كۆلىمىنىڭ 38% تىن كۆپرەكىنى قۇملۇقلار ئىگىلەيدۇ، قۇملۇق كۆلىمىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دائىرىلەر چەرچەندە 2008-يىلىدىن باشلاپ قۇم توسۇق قۇرۇلۇشى يولغا قويغان بولۇپ، 17 يىلدىن بۇيان ئاممىنى قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئەمگەكلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ جەريانىدا چەرچەندە 12 كىلومېتىرلىق تور توسۇق ۋە 80 مىڭ مو ئورمانلىق بەرپا قىلىنغان.

چەرچەن دائىرىلىرى بۇ يىل مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە يەنە 3 مو يەرگە قۇم تىزگىنلەش قومۇشلۇقى، يەنە 2مو يەرگە يانتاقلىق ۋە ئىھاتە ئورمانلىقى ياساشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار 5 يىللىق قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن ئاجراتقان. چەرچەن دائىرىلىرى ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئۈچۈن ئون مىڭ كىشىلىك ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىش باشلىغان.

چەرچەن ناھىيىسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال خىزمەتچى، گەرچە ئۆزى بۇ قېتىم قۇم توسۇش قۇرۇلۇشىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، بۇ خىل ئەمگەكنىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاساسەن دېھقانلارنىڭ ھاشارغا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەكلىماكان قۇم بارخانلىرىغا تۇتاشقان چەرچەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇملىشىش سۈرئىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېزلىشىپ، قۇم بورانلىق ھاۋا كۆپ كۆرۈلىدىغان، قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر جايغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنداق بولۇشىنىڭ، بىڭتۇەننىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانسىز يەر ئېچىش ھەرىكىتىدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش بورىنى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نېفىت ۋە كان بايلىقلىرىنى كۆپلەپ شىددەت بىلەن ئېچىش ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوفمۇ بۇ نۇقتىلارنى تەكىتلىگەندىن باشقا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئون مىڭ كىشىلىك ھاشار ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەھدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي زۇلۇم دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/cherchen-hashar-02192015145837.html

Share
1528 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.