logo

trugen jacn

چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ۋە باي ناھىيىىسدە كۆرگەنلىرى

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

بايدىكى كۆمۈر كاندا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان. ئەمما ئۇلار يەرلىكتە ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن باشقا ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئانچە خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان.

ئاقسۇ بايدا كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تۇنجى بولۇپ رادىئومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ۋە «نيۇ – يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى شۇ جايغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان. ئەمما ئۇلار ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى، ھەممە يەرگە توشۇپ كەتكەن ساقچى – ھەربىيلەرنى ۋە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرى توم مىتشەل ئاقسۇدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئالدى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇسىنىڭ ھازىر ئومۇمى نوپۇسنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ بۇنىڭغا ئاقسۇدىكى 21 ياشلىق ۋە 65 ياشلىق ئىككى خىتاي كۆچمەننى مىسال قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ تېخى بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا شەنشى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىدىن شىنجاڭدا كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، 65 ياشلىق ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆزىگە بۇ يەردە يۇرتى شەندۇڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى يازغان.

مۇخبىر ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىغان. ئارىدىكى ياشتا چوڭراقى مۇخبىرغا «ئۇلار مېنى كۆرسىمۇ ئۆلتۈرمەيدۇ، ئۇلار ئادەتتە ياش خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن» دېگەن.

مۇخبىر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار ئومۇمەن دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن خۇرسەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە سۆزلەشكەن بىر ئۇيغۇر ياش مۇخبىرغا «ھەممىلا يەردە ئېتىشقا تەييار تۇرغان قوراللىق ساقچىلارنى كۆرۈش مېنى خاتىرجەم قىلمايدۇ، ئەكسىچە مەن قورقۇنچ ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ كارغا كەلگىنى يوق 2009 – يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ چاتاقلار چىقىپ كەتتى» دېگەن.

«نيۇ – يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرى ئانجرۇ جەيكوب باي ناھىيىسىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، بايدا ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك تۈزۈملىرى قاتتىق چىڭىتىلغان بولۇپ، ھەممە يەرگە كۆمۈر كاندىكى ۋەقەنى سادىر قىلغان ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش بۇيرۇقلىرى چاپلانغان، ساقچىلار تولۇق قوراللانغان ۋە كېچىدە كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن. يەرلىك ئاھالىلەر مۇخبىرغا بىر قانچە كۈندىن بۇيان تىكئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ قاتىللار يوشۇرۇنۇپ يۈرۈۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان جىلغا ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، بولۇۋاتقان مۇشۇنچىۋالا ھەرىكەتكە قارىماي، ۋەقە ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنمىغان، بايدىكى خەلقمۇ ۋەقەدە زادى نېمە بولغانلىقى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەن. بىر خىتاي مېھمانخانا خىزمەتچىسى مۇخبىرغا «بىز نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىر ھېسابتا بىلمىسەك بىز ئۆزىمىزنى بىخەتەررەك ھېس قىلىدىكەنمىز» دېگەن.

يەنە بىر مېھمانخانا خىزمەتچىسى مۇخبىرغا ئەتراپتا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ساداقىتىگە ئىشەنگىلى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە «بايدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ساقچىلارمۇ بار، ئەمما ئۇلارمۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ مىللىتى بولسا كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر مەنمۇ يۇرتۇم سىچۈەندە بولسام يۇرتداشلىرىم مېنى قوغداپ قالغان بولاتتى» دېگەن.

مۇخبىر مانا مۇشۇنىڭدەك مىساللارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئاقسۇدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئۆز – ئارا ئىشەنمەسلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، ئىككى مىللەتنىڭ ئورتاق تەرەپلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، يېزىلاردا ھەتتا ئىككى مىللەتنىڭ بىر – بىرىنىڭ تىلىنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاقسۇدىكى بىر ئۇيغۇر ياش بولسا مۇخبىرغا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن شىكايەت قىلىپ «بەزەن ئەتراپىمغا قاراپ خىتايلارنىڭ شۇنداق جىقلاپ كەتكىنىنى كۆرگىنىمدە ئۆز يۇرتۇمدا تۇرۇپ ئۆزۈمنى خۇددى ياتتەك ھېس قىلىپ قالىمەن» دېگەن.

خەلقنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئەكسىچە، ئاقسۇدا چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولغان ما يەنفىڭ ئىسىملىك كادىر بولسا مۇخبىرغا «مەنچە سەن بۇ يەردە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنتايىن ئىتتپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن» دېگەن لېكىن يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇخبىر ئانجرۇ جەيكوب ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ياتۇقۇزۇلغان دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلىپ بارغان بولسىمۇ، مەيلى يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بولسۇن ياكى دوختۇرلار بولسۇن ھەممىسى ۋەقە ھەققىدە سۆزلەشتىن ئۆزىنى ئەپ قاچقان.

ئانجرۇ جەيكوب زىيارىتى داۋامىدا يەنە، باي ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق تىجارەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئازادلىق يولىدىكى نۇرغۇن دۇكان، ئىش يەرلىرىنىڭ تا كۈن چۈش بولغۇچە ئىتىك تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. مېھمانخانا خىزمەتچىسى شيۇڭ مۇخبىرغا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىقتىساد ياخشى بولماي، بايدىكى سېمونت زاۋۇتى، پولات ۋە كۆمۈر كانلىرى تاقىلىپ كەتكەن بولغاچقا نۇرغۇن خىتاي دۇكاندارلار ۋە ئىشچىلارنىڭمۇ بۇ يەرنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەچ «بايدا بۇ ۋەقە يۈز بەردى، مەنچە ئەمدى بۇ يەرگە شىركەت ۋە تىجارەتچىلەر ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-bay-weqesi-10232015230240.html

Share
1481 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.