logo

trugen jacn

چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

dry-white-wine0

بۈگۈن، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسەللەس زاۋۇتى قۇرغان چېن نەيباۋ ئىسىملىك بىر خىتاي سودىگىرى تونۇشتۇرۇلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەسلى جياڭسۇلۇق بولغان بۇ كۆچمەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگىلى ئۇزۇن بولماي تۇرۇپلا تەييار بىر مۇسەللەس زاۋۇتىنى سېتىۋالغان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ زاۋۇتنى كېڭەيتكەن. ئۇ مۇخبىرغا «مەن مۇسەللەس زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قىلىۋەتتىم. بىزدە تېخنىكا بار، ئۇيغۇرلار بۇنى بىلمەيدۇ» دېگەن.

بىراق، مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان بۇ مۇسەللەس ئىشلەش تېخنىكىسىنى تېخى جياڭسۇدىن يېڭى چىققان ھەتتا ھېلىھەم بەزى ۋاقىتلاردا جياڭسۇدا ياشايدىغان بۇ خىتاي كۆچمىنىنىڭ بۇنداق ئاسانلا قولغا ئېلىپ، كېڭەيتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدە ئىكەن.

مۇخبىر خەۋىرىدە، چېن فامىلىلىك بۇ كىشىنىڭ مۇسەللەس زاۋۇتى ئۈچۈن بىر مىليون يۈەن ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى، بىراق يەرلىك ئۇيغۇر مۇسەللەس تىجارەتچىلىرىنىڭ بولسا ھېچقاچان بۇنداق ياردەمگە ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ: «چېن نەيباۋنىڭ تىجارىتىنىڭ ئۆزىلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-meblegh-06042015161606.html

Share
1401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.