logo

trugen jacn

چەتئەلدە ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش سېپىدە مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ دىققىتىگە

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن دات – پەرياد، نالە – زارە ساداسى كېلىۋاتىدۇ. ۋەتەن سىرتىدا، ۋەتەن، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلاردىن ئۆزئارا ماجىرا ساداسى يۈكسىلىۋاتىدۇ. دەل بۇگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا 500 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنى، 300 مىڭ كىشىلىك ساقچى قوشۇنى مەۋجۇت.بۇلارنىڭ قولىدا خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە رادىئاكتىپ قوراللار بار. خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىپ تاشلاشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بۇ قىرغىنچىلىقنى خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ بىلىپ قېلىش ئېھتىمالى. خىتاي ھاكىمىيىتى 4. ئاينىڭ 1. كۈنىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەييارلىق باسقۇچىغا جىددى كىرىشتى. شۇڭا ۋەتەندە بارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى قاتتىق قامال ئاستىدا

چەتئەلدىكى سىياسى كرىزىس

ۋەتەندە ئېغىر تارىخى مىللىي كرىزىس داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ جىددى بىر پەيتتە،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى، باشقا بىر قىسمىغا بىلدۈرمەستىن گوللاندىيەدە “ مىللىي ئالى كېڭەش” ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنە بىر قىسمى، كېڭەش ئاچىدىغانلارغا بىلدۈرمەي ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە بىلىم ئادەملىرى “ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى” مۇزاكىرە قىلىش يېغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە دەرھال ئاچتى
ۋەتەندە خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. چەتئەلدە بىر تەرەپتىن كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس – مۇنازىرە قىزغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رابىيە خانىم دۇق ئىچىدە بىر قىسىم يەردەمچىلىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىق توغرىسىدىكى ھۈكۈمنامىسىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار كىمگە قانداق قارشى تۇرۇپ، نېمە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ پىلانىنى تۈزەش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بولسا، ساددا ۋە ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر ياش دوستلار ئىتتىپاقسىزلىققا ئېچىنىپ بەس- بەس بىلەن دەردلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىش بىلەن مەشغۇل
بىر سېھىرلىك قارا قول شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تاشلايدىغان پەردە تارتىپ قويدى. چەتئەلدە بار بولغان زىددىيەت بومبىسىنى دەل بۇ كۈنلەردە پارتلىتىش كىمنىڭ پىلانى بولىشى مۇمكىن؟ ئارىمىزدىن كىملەرنى ئىشلەتتى؟ ئەقىل ئىگىسى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ كۆرىشى لازىم

ئىككى يېغىننى تەشكىللىگىچىلەرگە سوئال

بىرىنجى: رابىيە خانىم گوللاندىيەدە ئالى كېڭەش ئېچىش قارارىنى دۇق ئىچىدە قانچە كىشى بىلەن قارار قىلدى؟ نىمىشقا دۇق ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياردەمچىلىرىدىن يۇشۇرۇن قارار قوبۇل قىلدى؟ بۇ سوئالغا مەتبۇئات ئارقىلىق جاۋاپ بەرسە مەمنۇن بولىمەن
ئىككىنچى: ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلانغۇچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىرى بار بىر قىسىم زىيالىيلار بولۇپ، يېغىننىڭ دۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئېلان قىلدى. ئامما يېغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دۇق رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۇلار تەشكىلى پىرىنسىپكە ئاساسەن رابىيە خانىمنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى.ئامما ئۇلار يېغىن ئېچىش پىلانىنى رابىيە خانىمدىن مەخپى تۇتقان. بەزىلەر ”رابىيە خانىمنى خەۋەرلەندۈرسەك يېغىنغا توسقۇنلۇق قىلاتتى“ دېيىشى مۇمكىن. چۈنكى، قىبرىستىكى يېغىننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىدا رابىيە خانىمنىڭ قولى بار“ دېگەنلەر بولغان. شۇنداقتىمۇ قاتنىشىدىغان يېغىنغا باشلىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ بېرىش ھەم تەشكىلى ھەم ئەخلاقى زۈرۈرىيەتتۇر
ئۈچىنچى: ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى يېغىنى، شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر ئۆيگە ئوت كېتىۋاتقان ۋە ئۆي ئىچىندە ئىنسانلار كۆيۈۋاتقان بىر خەتەرلىك پەيتكە توغرا كەلگەن. مەن بۇ يېغىننى ئاچقان قېرىنداشلىرىمدىن سوراپ باقاي؛ بىر ئۆيگە ئوت كېتىۋاتسا، ئۇ ئۆي بىزنىڭ ئۆيىمىز بولسا، ئۆي ئىچىدە كۆيۈۋاتقانلار بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە يۈگۈرۈشىمىز، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئىمكانىمىز بولمىسا ”خالايىق ياردەم قىلىڭلار!“ دەپ ۋارقىراپ جار سېلىشىمىز مۇھىممۇ ياكى ئوتنى قانداق ئۆچۈرۈش توغرىسىدىكى نەزەرىيە ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرىشىمىز مۇھىممۇ؟

مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا “ئامېرىكا تارىخى” دېگەن بىر خىتايچە كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. ئاق تەنلىك قۇل سودىگەرلىرى ئافرىقىدىن قارا قۇللارنى سېتىۋېلىپ كېمىلەرگە تولدۇرۇپ ئوكيان ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ ساتقان. بۇ سودا بىر قانچە ئەسىر داۋاملاشقان.كېمە كاپتانلىرى ئۈچۈن دېڭىز يولى خەرىتىسى زۆرۈر. ئامما خەرىتە ناھايىتى قىممەت. كېمىلەر يەنىلا خەرىتە ئېلىشقا مەجبۇر. بىر مۇددەتتىن كېيىن يېڭى يولغا چىقىدىغان كېمىلەرنىڭ ھېچقايسى خەرىتە سېتىۋالماس بولۇپ قالغان. چۈنكى، ئافرىقىدىن ئامېرىكا ساھىللىرىغىچە ھەر كىلومىتىردا بىر قانچە قارا جەسەت لەيلەپ تۇرغاچقا كېمىلەر جەسەتلەرنى بويلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇلغان. يوشۇرۇن خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ پاچاقلىنىش خەۋپىدىن قۇتۇلغان. يول خەرىتىسى ئەلۋەتتە بەك مۇھىم. ئەگەر ئۇ يولدا ماڭىدىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ تۈگەپ كەتسە، يول خەرىتىسىمۇ قىممىتىنى يوقىتىدۇ
مەن، بېرلىندا دېموكراتىك غەرب دۆلەتلەردىن كېلىپ توپلانغان قابىلىيەتلىك، كۆپ تىل بىلىدىغان، پىداكارلىق روھى ئىسپاتلانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ يېغىن ئاخىرىدىكى ئاخباراتىدا “ بىز ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار، ئۆز دۆلەتلىرىمىزگە قايتىپ بېرىپ خىتاينىڭ 1. ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان ”دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى“نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈگىتىش نىزامنامىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل، ئىسپاتلارنى بىز ياشاۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىگە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا جىددى يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئىستىراتېگىيىلىك خەرىتە تەييارلىدۇق…“ دەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەگەر شۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلىنسا ئىدى، جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي خاكىمىيىتى ساراسىمغا چۇشكەن بولاتتى. ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى كەيپىياتى كوتۇرۇلگەن، ئۇمىدى كۇچەيگەن بۇلاتتى. يېغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ئۇنداق بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىمۇ ئۇنداق بولمىدى

بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ ۋىجدانغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن. ۋىجدانمۇ ئۆز ئالدىغا پىداكارلىقنىڭ مەنبەسى بولالمايدۇ. پىداكارلىقنىڭ مەنبەسى سۆيگۈ- مۇھەببەتتۇر. پەرھاتنىڭ شىرىن ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقى بىلىم ياكى ۋىجداننىڭ ئەمەس، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.مەن يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتتۇم:خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىپ تاشلاشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بۇ قىرغىنچىلىقنى خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ بىلىپ قېلىش ئېھتىمالى.چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىھنىنى بۇ نوقتىغا مەركەزلەشتۈرىشى  ئىنتايىن مۇھىم

 
چەتئەلدە ئۆزىمىز ياراتقان كىرزىستىن قانداق قۇتۇلىمىز؟

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىئىھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى ئۈمىت. ئۈمىتسىز ئىنسان تىرىك مۇردا دېمەكتۇر. خىتاينىڭ بىرىنچى ئىستىراتىگىيەسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئۈمىت ۋە ئىشەنچىسىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشتۇر. ۋەتەندە قەپەسكە سۇلانغان قەدىردان خەلقىمىزنىڭ بىرىنجى ئۈمىدى ياراتقان ئاللاھ. ئىككىنجى ئۈمىدى ئۇلار ئۈچۈن چەتئەللەردە جان پىدالىق بىلەن پەرياد قىلىۋاتقان، قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ تىرمىشىۋاتقان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىدۇر. دۇق ۋە چەتەلدىكى ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى بىلەن يۈرىكى كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن تىز ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا سىياسى كىرىزنىڭ ئىچىدىن چىقىشى كېرەك. ئەگەر كۇچ ۋە ئىنىرگىيەمىزنى ئۆزئارا بوغۇشۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، بىز ئۇيغۇرلار ئاللانىڭمۇ، دوس ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭمۇ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىمىز. كىرزىستىن چىقىشنىڭ تەدبىرلىرىنى مەن ئورتىغا قويىمەن، كۆپچىلىك مۇنازىرە قىلىپ تەكلىپلىرىنى ئورتىغا قويسۇن. مەسئۇلىيىتى بولغانلار ھەرىكەتكە ئۆتسۈن
بىرىنچى: رابىيە خانىم دەرھال ۋە ھېچبىر ئالدىنقى شەرت قويماستىن دۇق ئىجرا كومىتېتى ئەزالىرىنى تەلپۈن يېغىنغا چاقىرىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ۋە دەرھال دۇق قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنى قارارلاشتۇرىشى كېرەك. گوللاندىيەدە ئېچىلىدىغان كېڭەش( كۆپچىلىك تەرىپىدىن قارارلاشتۇرىلمىغانلىغى ئۈچۈن) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى لازىم. قۇرۇلتاينىڭ قاچان ۋە قايەردە ئېچلىشى ئاۋازغا قويۇلۇپ قارارلاشتۇرىلىشى لازىم
ئىككىنجى: بۇ قېتىمقى دۇق قۇرۇلتىيىدا يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇپ چېقىلىشى شەرت.
ئۈچىنچى: دۇق نىزامنامىسىغا ئۇيغۇن دېموكراتىك سايلام ئوتكۇزۇلىشى،سايلامغا قەتئىي ھىلى ئارىلاشاشماسلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
تۆتىنچى: ئەگەر دۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي ئىككى، ھەتتا ئۈچ گۇرۇپقا بۆلۈنۈپ كەتسە، زىددىيەت مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە مەسئۇلىيەتنى دۇق رەسىسى بولغان رابىيە خانىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر. شۇڭا قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسىنى قارشى تەرەپ بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارقىلىق تېپىلىشى لازىم. پات- پات خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان رابىيە خانىمنىڭ دۇق ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپا بىلەن دىئالوگ قىلىشتىن چىكىنمەيدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن
بەشىنچى: زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ رابىيە خانىمنى، دولقۇن ئەيسانى، ئۆمەر قاناتنى خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈپ، دۇققا پايدىسىز بىرىلىرىنى دۇقنىڭ بېشىغا ئەكىلىشنى چۈشىنىۋاتقان مەۋھۇم كۇچلارنىڭ شەپىسىنى سېزىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشسا دۇق ئۆزلىگىدىن تارقىلىپ كېتىش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن. ئەگەر دۇق ئىككى ياكى ئۈچ تەشكىلاتقا بۆلۈنۈپ كەتسە ۋە ئىچكى زىددىيەت پەسەيتكىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە بۇنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى دۇق رەئىسى ۋە باشقا رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشلەرگە ئائىت بولىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ھەممەيلەن ئىسىدىن چىقارماسلىقى لازىم

چەتئەلدىكى بىزلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياشىشىغىمۇ ياكى يوقلىشىغىمۇ ياردەمچى بولىدىغانلىغىمىز ئالدىمىزدىكى ئۆتكەلدە ئىسپاتلىنىدۇ

بۇ ماقالىنىڭ بىر كۈنى تارىخ ئالدىدىكى جاۋاپكارلىغىمنىڭ ئىسپاتى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

بەزى مەسىلىلەرنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويمىدىم. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە ئېيتىمەن

بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سالام

 

ئىزھات

يىل 2017-5.ئاينىڭ30. كۈنى

ماقالامدىكى كېمە ھىكايىسىنى خېلى كۆپ ئۇقۇرمەن چۈشەنمىگەندەك تۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئىلكىدە كېمە بار، يول خەرىتىسى يوق. بەزىلەرنىڭ قولىدا يول خەرىتىسى بار، كېمە يوق. يا يول خەرىتىسى بولغانلار كېمىگە ئىگە بولىشى لازىم. ياكى كېمىنى ئىگەللەپ تۇرغانلار يول خەرىتىسىنى قولغا كىرگۈزۈشى لازىم. ۋەيا كى ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بىر كېمىدە ئولتۇرۇپ، يول خەرىتىسىدىن بىرلىكتە پايدىلىنىشى كېرەك.
مەن كۆپۈنچە تۈركچە يېزىپ ئادەتلەنگەچكە ئۇيغۇرچىدا ئىزىپ ئىچىرمىسە بولمايدىغانلىغىغا سەل قاراپتىمەن. بۇ يۈزدىن ئىزھات بېرىشكە توغرا كەلدى.

ھۆرمەت بىلەن: م.ھەزرەت

 

Share
4975 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.