logo

trugen jacn

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئنسانى مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشى كىرەك

 

 

ئافراسياپ

 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئنسانى مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشى كىرەك

 

ئۆتكەن  يىلى ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ ئىغىر كۇنلەر ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

 

ھەر قانداق ئۇيغۇر، مەيلى ئۇ موللا -زىيالى ،باشلىق -دىېھقان ،چوڭ -كىچىك،باي-كەمبەغەل، جەنۇب-شمالدىن بولۇشدىن قەتئىنەزەر ،ھەممىسى ئوخشاش سەۋەبسز ھالدا ئىغىر قاماققا ياكى زۇلمەتلىك لاگىرغا سولىنۋاتىدۇ،سەۋەبسز ئۆلتۈرلۈۋاتىدۇ.پۇتۇن ھاياتى ،ئائىلىسىنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ.

 

بۇنى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ناھايتى ئوبدان بىلىدۇ،ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ئۆسكەن ،ئۇيغۇر ئەل-ئاغىنىلىرى،دوسلىرى بولغان،ئۇيغۇرنىڭ تۇزىنى يىگەن،سۇيىنى ئىچكەن ھەر قانداق ئنسان ئاڭلىدى ياكى بىلدى .

 

لىكىن غەرپ دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئەڭ ئاز مۆلچەردە، 100  مىڭ دىسەك،نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە جىددى كۆڭۇل بۆلىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەش پىرسەنتىگە يەتمەيدۇ.

 

پۈتۈن كۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئنساندەك ياششىغا بېغشلاپ،ھەممىدىن ۋاز كىچىپ پىدائىيلىق قىلىۋاتقان ،كىچە-كۇندۇز  ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئۇستىدە پىلان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇردىن دۇنيا بويىچە  100نەپەر چىقمايدۇ، مۇتلەق كۆپ قسم پائالىيەتچىلەر ،سۆزلەتۋاتقان ،يېزىۋاتقانلار مۇقىم خىزمىتىدىن ،ئائىلىسدىن ئاشقاندا  ئاندىن ئۇيغۇر ھەققىدە سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ ئەپسۇسلىنىدۇ ياكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن شكايەت قىلىدۇ.زالىم ھۆكۈمەتنى قارغاپ قويىدۇ.

 

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان دۇنياۋى تەسرگە ئىگە خەۋەرلەر ،دۆلەتلەرنىڭ باياناتلىرى ،ئۇچۇرلارنى ئىگەللەشكە ،تارقىتىشقا قىزىزىقىدىغانلارمۇ ئىنتايىن چەكلىك .

 

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق تەقدىر ئىنگىلىز،گىرمان ،ھونگىر، تۈرك، ھەتتا ئەرەب ۋە ھىندىلارنىمۇ ئويلاندۇرۋاتىدۇ، ھەرىكەتكىمۇ كەلتۈرۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدىن چەتئەللىكلەرنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئېشپ كىتىۋاتىدۇ.

 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىمىز گۇزەل، خاتىرجەم ،بىز ئالىم، بىز دوكتۇر،بىز باي،تۇرمۇشىمىز ئېسل دەپ غەمسز ياشاۋاتقانلار ئۆزىنىڭ  مۇشۇ كۇنگە كەلتۇرگەن ئاتا-ئانىسنى قايسى يۇزى بىلەن ،قايسى ۋىجدانى ،قايسى ئنسانيلىق  خسلىتى بىلەن ئۇنتالىسۇن ؟ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بەدىلىگە چەتئەللەردە سياسى پاناھلىققا ئېرشكەن ئۇيغۇرلارچۇ ؟

 

بىز ئۇيغۇرلارچۇ ؟سزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن چىقىشى ئۈچۈن، تۈرمىدە يىتىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئازغىنە بىر قسم پائالىيەتچىلىرىمىزدىنمۇ قىچىۋاتىمىز، ئۇلارنى يالغۇز

 

قويۇۋاتىمىز ، ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن غەيۋەت-شكايەت قىلىۋاتىمىز.ئۇلار قىلىۋاتقان ئەركىنلىكىمىزگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى قوللىماقتا يوق،زىيانلىق ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىرىمىز بار.

 

بۇ قىلغانلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن،ئۇرۇق-تۇققان،ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۈچۈن، سز ۋە بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن يوقىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمدى بولسمۇ ئازراق بولسمۇ ئويغىنىش ،ھەرىكەتلىنىش دەۋرى.

 

ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقى سزنىڭ سادايىڭىزغا مۇھتاج!

 

شۇ تاپتا ،ۋەتەندە تارىخى زۇلۇم ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئەگەر جۇرئەت قىلالسڭىز،سزنىڭ ئنساندەك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشڭىزغا ، ئاۋازىڭىزنى ياڭرىتىشڭىزغا مۇھتاج.

 

ھەرىكىتىمنىڭ تەسرى بولامدۇ دەمسز؟

 

چوقۇم بولىدۇ، سز 24  سائەت ۋاقتىڭىزدىن بىر سائەتنى ئاجرتىڭ،1000دوللار پۇلىڭىزدىن 10 دوللار پۇلىڭىزنى ئاجرىتىڭ،ھەممە ئۇيغۇر تەڭ ھەرىكەتكە كەلسە ،چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ،ئۇيغۇرنىڭ ئشەنچىسى ئاشدۇ،جامائەت روھى يۇكسلىدۇ،دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئويغنىدۇ، ھەرىكەتكە كىلىدۇ.

 

بۇ خەقكە يالۋۇرۇش ئەمەس،كۇچلۇك ۋە رەزىل دۇشمەنگە قارشى خەلقئارالىق ئىتتپاقداش توپلاش ئۇچۇن سەپەرۋەرلىك قىلىشتۇر.ئەمەلىيەتتە ھەقىقى كۆزەتكۇچىلەر ئۇچۇن ، دۇنيا بىز بىلەن ئورتاق زالىم دۇشمىنمىزنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك تونۇشقا باشلىدى،ھس قىلىۋاتىدۇ.

 

دۇنيانىڭ بىز بىلەن كارى يوق ئەمەس،دۇنيا بىز دۇچ كىلىۋاتقان ھەقىقى ئەھۋالنى دەلىل-ئسپاتى  ۋە سانلىق مەلۇماتى بىلەن بىلمەيدۇ،زالىم دۇشمىنمىز ۋەتەنگە بارغان مۇخبىرلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشگە ئازراقمۇ ئىمكان بەرمەيدۇ، شۇڭا مۇخبىرلارمۇ ھەقىقى ئەھۋالنى ئسپات بولمىغاچقا، بىز كۇتكەندەك ئەينەن ۋە تولۇق  يازالمايدۇ، پەقەت كوچا يۇزىدىلا كۆرگەن يۇزەكى قسمىنىلا خەۋەر قىلىدۇ.

 

مىدىيا خەۋىرى بىلەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئشلارنى دۆلەت-ھۆكۇمەتلىرى،پارلامنىت ۋە كومىتىتلار،تەشكىلاتلار تېخىمۇ جەزىملەشتۇرەلمەيدۇ،شۇڭا ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاخباراتنىڭ رولى شۇ قەدەر زوركى ،زالىمنى ۋەيران قىلىدىغان بىردىنبىر قورال ھەقىقەتنىڭ ئاشكارا بولۇشى ۋە بۇ ھەقىقەت ئۇچۇن كۆرەش قىلىدىغان دۇنيا بويلاپ بىر زور قوشۇننىڭ شەكىللىنىشىدۇر.بىزنىڭ بۇگۇنكى ئۇچۇرلاشقان دۇنيادا زالىم دۇشمەننى تولۇق ۋە تەلتۆكۇس يېڭىلەيدىغان بىردىنبىر ئۇرۇشمىز-ئاخبارات ئۇرۇشى ،ئسپات ئۇرۇشىدۇر.خەلقئارا جامائەت پىكرى يۆنۇلۇشىدۇر،ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا بىز يەڭسەك،ختتاي بىزنى داۋاملىق <تىرورچى >نامى بىلەن باستۇرالمايدۇ، ئەگەر زالىمنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئاشكارىلانسا،پۇتۇن دۇنيادىكى ئنسان دەپ قارالغان ھەر قانداق ئنساننى ئورتاق زالىمدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ،ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن مۇداپىئەگە ،قارشلىققا ئۇندەيدۇ.زالىمغا قارشى بىز بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ كۆرەش قىلىشقا ئاتلاندۇرىدۇ.

 

ئەسقاتىدىغان ئورۇنلار:

 

مېدىيالار ،ئنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرى،سز تۇرغان يەرلىك سياسى پارتىيە،پارلامنىت ئەزالىرى ،منستىرلىكلەر ،دۆلەت رەھبەرلىرى

 

ئۇنداقتا سز نىمە قىلالايسز؟(ئىمكانىڭىز بويىچە)

 

تەشكىلاتلارغا ئشەنمسڭىز،ئۆزىڭىز ئايرىم ،شەخس سۈپىتىدە قىلىڭ،

 

ئەگەر ئۆز نامىڭىزنى ئشلەتسەم ،ئائىلەمگە خەۋپ يېتىدۇ دەپ قارسڭىز،باشقا نام ياكى تەخەللۇس قوللىنىڭ.

 

1-قسقا فىلىم ۋە سىن شەكلىدە ئۆزىڭىزنىڭ بېشدىن ئۆتكەن ياكى بىلىدىغانلىرىنى ئىلان قىلىش  ؛

 

2-بېشڭىزدىن ئۆتكەنلەرنى رەتلىك،پاكىتلىق ھالدا يېزىپ چىقىپ،تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى مېدىيالار ۋە كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇش؛

 

3-ئۆز ئسمىڭىزدە مۇراجىئەتنامە چىقىرىش؛

 

4-ئەتراپىڭىزدىكى يەرلىك مىللەتلەر، شەخسلەرنى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش؛

 

5-ئىجتىمائى تاراتقۇلار،فايىس بۇك،تىۋىتىىر ،ئستاگرام،ۋاتىس ئاپ،تىلگىراملار سزنىڭ كۇچلۇك قورالىڭىز ھەر قانداق تىلدىكى ،سۇرەت،خەۋەرلەرنى تارقتىشىمىز كىرەك؛

 

6-ئۆزىڭىز ۋە ئۇرۇق -تۇققانلىرىڭىزنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغان،ئېقتسادى جەھەتتە زىيان تارتىشقا مەجبۇر قىلىنغان،ئالاقە ئۇزۇشكە مەجبۇر قىلىنغان،تۈرمىگە تاشلانغان،يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرىڭىز نامىدىن جاللات چىن چۋەنگو،جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارە باشلىقلىرى،پارتكوم سكىرتالىرىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئۇزۇلدۇرمەي پاش قىلىش ۋە كىشلىك ھوقۇق سوتلىرىغا ئەرز -شكايەت قىلىش؛

 

7-ئويلىغان ئېسل ئىدىيە-پىكىرلىرڭىزنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورتاقلىشش؛

 

8-ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازاپلىرىغا ھسداشلىق قىلىش،ئۇتۇقلىرىغا تەبرىك ۋە بەرىكەت تىلەش؛

 

9-قولىڭىزدىن كەلسە پايدىلىق ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتنى بىرىش،خىزمەتكە ئورۇنلىشش،توي قىلىش،ئوقۇشقا كىرىش ئشلىردا ياردەم قىلىش؛

 

10-ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇتۇق قازىنىش ،ئائىلىسگە ياخشى قاراش.بۇلارنىڭ ھەممىسى كاتتا مۇھىم خىزمەتتۇر؛

 

 

 

ئەزىز ۋە سۆيۇملۇك ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم،زۇلۇم چكىگە يەتكەن بۇگۇنكىدەك بىر كۇندە،زۇلۇمنى پاش قىلماسلىق -زۇلۇمغا ياردەم قىلغانلىقتۇر،

 

زالىمنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلىش ئۇنى قوللىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇددى يورۇقلۇق يوق يەردە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرگەندەك، سۈكۈت قىلىشىڭىز سەۋەبىدىن زۇلۇم كۈچىيىدۇ.

 

ئاتا-ئانىمىز،قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا ئاپەت كەلگەن كۇندە ،بىزنىڭ غەمسز ياششمىز جىنايەتتۇر،يۇز مىڭلىغان مەسۇم بالىلار ئىگە-چاقىسز قىلىۋاتقاندا، بىزنىڭ سۇكۇت قىلىشىمىز ئادىمىيلىك ئەمەستۇر.

 

بىگۇناھ ئنسانلار يوقاپ كىتىۋاتقان،مەخپى ئۆلتۇرلۇۋاتقاندا،دۇشمەن خوتۇن- قىزلىرىمىزنى خورلاۋاتقان ۋە ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،بىزنىڭ ئەركىن دۇنيادا ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغا،ھەرىكەت قىلالايدىغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا سۇكۇتتە تۇرۇشمىزنى ھەر ئىككى دۇنيادا ھىچقانداق ئادوۋكات بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقليالمايمىز.

 

بىز ئەمدى زۇلۇمغا سۇكۇت قىلماسلىقىمىز كىرەك

 

ھەرىكەتتە -بەرىكەت

Share
2513 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.