logo

trugen jacn

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەلىك ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان زامانىي دەل بۇگۈندۇر

 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەلىك ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان زامانىي دەل بۇگۈندۇر

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت 

 

2020. يىلى 6.ئاينىڭ 17.كۈنى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر تارىخى كۈن بولدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئامېرىكا دۆلەت پرېزىدېنتى دونالد ترامپ “ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى”نى ماقۇللاپ ئىمزا قويدى. قانۇن بۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. بۇ قانۇن لاھىيەسى، گەرچە ئۇيغۇر مىللىتىنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جىسمانى جەھەتتىن جازالاندۇرۇش كۈچى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى خەلقارا سوتقا تارتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۈچلۈك سىگنالدۇر. بۇ قانۇن لاھىيەسى ماددىلىرىدا جىددىي ئەمەلىي تەدبىرلەرمۇ ئورتىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىگى توغرۇلۇق دوكلات ھازىرلىشى دەرھال باشلىنىدۇ ۋە 180 كۈندىن كېيىن جاللات چىن چۇۋەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي قىرغىنچىلىقتا قولى بولغان مۇھىم نوقتىلاردىكى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئامېرىكىغا كىرىش ۋىيزىسى بەرمەسلىك، ۋىيزىسى بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئامېرىكىدىكى مال -مۇلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە جىنايى مەسئۇلىيەتلىرى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

بۇ قانۇن  لاھىيەسى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاي كوممونىستىك پارتىسى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن 70 يىلىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم دۆلەت سەۋىيەسىدە خىتاينىڭ قارشىسىدا تىكىلىپ تۇرۇپ “ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىقنى توختات!” دەپ ۋاقىرىيالىغان ۋە قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولغان مۆجىزىلىك بىر ھادىسە. ماتەم – مۇسىبەتلىك بىر مىللەتنىڭ بېشىنى سىلىغان بىر گىگانت قول، ئۇ قولنىڭ ئىگىسى بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى مېھرى- شەپقەت بىلەن كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتۈپ، “ بۇنىڭدىن كېيىن سەن يېتىم ئەمەس” دەپ باغرىغا بېسىپ، ئەسىرلەپ كۈلكىنى ئۇنۇتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پەسلىك بولسىمۇ يۈزىدە تەبەسسۇم، كۆزلىرىدە نۇر چاقنىشىغا ۋەسىلە بولغان بۇ مىنۇتلار، بۇ كۈنلەر بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تارىخى خاتىرە كۈنىدۇر. ھۆرمەتلىك پرېزدەنت ترامپقا، ھۆرمەتلىك مايىك پومپەيوغا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىغا، ئادالەتپەرۋەر ئامېرىكا خەلقىگە خوشاللىق ۋە مىننەتدارلىغىمىزنى قانچىلىك ئىپادىلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

خوشاللىغىمىزنى زەھەرلەش ئۆچۈن خىتايدىن يېغىۋاتقان تەھدىت

خىتاي كوممونىستىك پارتىسىنىڭ زۇۋانى بولغان مەركىزى تېلېۋىزورى 6.ئاينىڭ 18. كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسىنى “بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەز.” دېدى ۋە بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ يۇرۇققا چىقىشىغا تۆھبە قوشقان سىياسى رەھبەرلەرنى “ ئامېرىكىلىق ئۇزۇن قوللۇق ئادەم سىمان مايمۇنلىرى” دەپ ھاقارەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ”ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى“ غا رەسمىي ئىمزا قويۇشىغا قارشى يازما بايانات ئېلان قىلىپ ”قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ ۋە ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىشى كېرەك” دەپ تەھدىت سالدى.
تېخى 16. ئىيۇن كۈنى خەلق گېزىتىدە “خىتاي- ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ھەرقانداق بىر كۇچ بۇزۇۋېتەلمەيدۇ.” دەپ باش ماقالە ئېلان قىلغان خىتاي، 18. ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقىنى “ئالۋاستى، ئادەمسىمان مايمۇنلىرى…” دەپ ھاقارەت قىلىپلا قالماي “ئامېرىكا ئۆز بېشىنى يەيدۇ”، “كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىشى كېرەك” دەپ ھەيۋە قىلدى. خىتاينىڭ مۇتتەھەملىك بىلەن تولغان پوپوزا خاراكتېرىنى ئالغان سىياسى تەشۋىقاتلىرى كۆڭۈللەرنى غەش قىلسىمۇ، قانۇن لاھىيەسىنىڭ خىتاينى قاتتىق ئالاقزادە قىلىۋەتكەنلىكى ئەڭ بۈيۈك نەتىجىدۇر.

تەھلىللەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ياڭ جيېچى 17-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھاۋاي شتاتىدىكى ئۇچرىشىشتا ياڭ جيېچى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسىنى باستۇرۇپ قويۇش قارشىلىقىدا، ھوڭكوڭ قانۇن لاھىيەسىنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، مايك پومپېيو، خىتاينىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە ھوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ بېرىش كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرغان. مايك پومپېيو بىلەن ياڭ جيېچىنىڭ سۆھبىتى جىددى تالاش- تارتىش ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان 4- سائەتتە ئاقساراي يازما بايانات ئارقىلىق، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لاھىيەسىنى ئىمزالىغانلىغىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت باغلاپ ياتقۇزۇلغان بۇ قوي، بوغۇزىغا خىتاي پىچىقى سۈرۈلۈشتىن قۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىكى ھەل قىلغۇچ مىنۇتلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئامېرىكا بۈيۈك ماددىي ۋە سىياسى مەنپەتلەردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى مىللەت سۈپىتىدە ئەبەدىي ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

تېخىمۇ مۇھىمى خەلقىمىزنىڭ بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق قامال قىلىۋالغان خىتاي، تەشۋىقات قوراللىرى ئارقىلىق قانۇن لاھىيەسىنى تىلغا ئېلىشى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە چارىسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ “ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسىڭ ئامېرىكىدا ئورتىغا چىققانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتىنى بېرىپ قويدى. شەرقى تۈركىستان خەلقى كىلەچەگى ئۈچۈن تەكرار يېڭى ئۈمىتكە ئىگە بولدى. تۈرمەلەرنىڭ قاراڭغۇ كامىرلىرىدا، جازا لاگىرلىرىنىڭ پىت باسقان زەي زىندانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان، خىتاي ئىچى ۋە  ۋەتەندە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇل- قىزلىرى، غايىپ بولغان بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئۈچۈن يىغلاپ كۆزلىرى قۇرىغان بۇلاققا ئايلانغان ئانىلار، ئاتىلار، “قاچان قورقماستىن ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان كۈنلەر كېلەر ئاللاھىم” دەپ سۈكۈت ئىچىدە كۆك يۈزىگە قاراپ ياشلىرىنى يۈرىكىگە ئېقىۋاتقان تەقۋادار مۆمىنلەر…. ھەممەيلەندە ھاياتقا بولغان ئۈمىت تەكرار ياشارغىلى باشلىدى. ئۈمىت ھايات دېمەكتۇر. ئۈمىت روھنىڭ ياشنىشى دېمەكتۇر.

ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈش كۈنى دەل بۇگۈندۇر

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك ساختىكار، يالغانچى، زالىم، ۋەھشى، نومۇسسىز بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى بىز ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىمىز. ۋەتەندە ھايات قالغان خەلقىمىز يەنىلا خىتاينىڭ قولىدا رەھىنە. خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كۈچى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا بولغان نەپرىتىنى يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈستىگە قوسىشى مۇمكىن. ئىنتىقامىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇرت تېشىدىكى ئۇيغۇرلار تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە سەپەرۋەر بولۇپ ھەرىكەتكە ئۆتىشى لازىم.

ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈش كۈنى دەل بۇگۈندۇر. ئالدىنقى يىللاردا ياۋرۇپا پارلامنىتى ئالدىدا، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا كۆپ دۆلەتلەردىن تەشكىللىك كېلىپ زور كۆلەملىك نامايىشلار قىلىندى. ئىستانبۇلدىمۇ كۆپ قېتىم بۈيۈك نامايىشلار بولدى. ھەتتا قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە سەپەر قىلغان پىداكار ئۇيغۇرلار بولدى. يەنە بىر مۇنچە ئاۋانگارتلىرىمىز مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر خەلقى تارتىۋاتقان زۇلمەتلىك قىسمەتلەرنى ئاڭلاتتى. گېرمانىيە،ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مۇھىم غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك پائالىيەتلىرى بولدى.بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتلەرگە، خەلقلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەرمۇ مول تەجرىبە قازاندى.

ھازىرقى مۇھىم نىشان ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتلىرىنى تەشكىللىك، پروگرامىلىق ۋە ئىزچىل زىيارەت قىلىش. سىياسى پارتىلەرنى، پارلامىنېت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ خىتاي قەتلىيامىدا قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىش. مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكىنى ئۈلگە ئېلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
ئۇيغۇرلار يوق، ئامما ئۇيغۇرلارغا دوست دۆلەتلەرگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش. بۇ پائالىيەتنى نەتىجە ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش. مەسىلەن رۇسىيە، ھىندىستان، مالايشىيا، ھىندىنوزىيە… قاتارلىق دۆلەت پارلامىنتلىرىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش، ھېچ بولمىغاندا رۇسىيىنىڭ ۋە ھىندىستاننىڭ ۋاشىڭگىتون، بىرلىن باش ئەلچىخانىلىرىنى بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھارماي- تالماي كۈچ چىقىرىشقا تىگىشلىك دۆلەتلەر ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۇركىيە، ياپونىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، روسىيە، ھىندىستان… قاتارلىقلار بولىشى لازىم. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆزى ۋە دىققىتى ئۇيغۇرلارغا تىكىلىپ تۇرسىلا خىتايلار ئۇيغۇر مىللىتىنى يەپ تۈگىتىشكە جاسارەت قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ياپونىيە، تۇركىيە، روسىيە، ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئورتاق ھەركەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

خىتاي، ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلاشتىن قورقمايدۇ. ئامما، بۇ قىرغىنچىلىقنى دۇنيانىڭ كۆرۈپ، بىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. بۇ فاشىستلىق مىللىي قىرغىنچىلىق پاكىتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ، بۇ پاكىتلارنى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇپ ئەيىبلىشىدىن تېخىمۇ قاتتىق قورقىدۇ. قورققىنى ئۈچۈن 4 يىلدىن بېرى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر، قازاقنىڭ ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلاپ مىللىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمىدىمۇ؟

بىز ئۇيغۇرلار، دۇنيادا كۇچلا ئەمەس، ئادالەتنىڭمۇ بارلىقىنى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بىزدەك ئاجىز، يېتىم بىر مىللەتكە ئىگە چىققانلىقىدىن كۆردۇق. بۇ ئادالەت سېپىگە قوشۇلىدىغان يەنە كۆپ دۆلەت بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. ئامما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇ ئاتا سۆزىنى ئۇنتۇمايلى “ بالا يىغلىمىغۇچە ئانا ئەمچەك سالمايدۇ.”
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەلىك ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان زامانىي كەلدى. ئۇ كۈن دەل بۇگۈندۇر.

2020.يىلى 6.ئاينىڭ 19. كۈنى

Share
8384 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.