logo

trugen jacn

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەھبۇس ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا دۇنيا جامائىتىنى نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ 2014‏-يىلى 15‏-يانۋار كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇ باشقۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ شۇ كۈنلۈكتە تاقالغانلىقى ئەسلىتىلگەن باياناتتا، ئىلھام توختىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شەرقى ئاسىيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كېدرىك ئالۋىئانى ئىلھام توختىنىڭ توردا پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسز كېسىلگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «مانا بۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلىقىنىڭ تىپىك بىر مىسالى،» دېگەن.

باياناتتا ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى، قولغا ئېلىنىپ 8 ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەخپىي سوتلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ يىل 48 ياشقا تولغانلىقى، ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ تۈرمىدە ئۆتۈشكە مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 1985‏-يىلى فىرانسىيەدە قۇرۇلغان، ب د ت دا مەسلىھەتچىلىك ئورنى بولغان شۇنداقلا ۋاشىنگتون، بېرلىن، ۋېنا، مادرىد، تەيبېي قاتارلىق شەھەرلەردە شۆبە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بولغان نوپۇزلۇق بىر خەلقئارلىق تەشكىلاتتۇر

 

Share
8200 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.