logo

trugen jacn

چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى-1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ساقچى تورى بەرپا قىلىپ يەرلىك خەلقنى ئىسكەنجىگە ئېلىش

نەق مەيداندىن ئېلىنغان مەلۇماتلار چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن بۇيان بۇ تۇپراقنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئەڭ گەۋدىلىك سىياسەتلىرىدىن بىرى شەھەرلەردىن يېزا-قىشلاقلارغا قەدەر ساقچى تورى بىلەن زەنجىرسىمان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بەرپا قىلىپ، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىش بولغان.

بۇنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىخانىلار بىلەن تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا كېچە-كۈندۈز كۆزەتتە تۇرۇۋاتقان ئامانلىق خادىملىرى دەلىللەپ كۆرسەتتى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقىي يېزىلىق ساقچىخانىسى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، يېزا تەۋەسىدە ئىككى تەكشۈرۈش توسۇقىنىڭ بارلىقىنى، ھەر بىر توسۇقتا 23 نەپەردىن چارلاش خادىمى كۆزەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىسىمۇ خوتەن يېزىلىرىدىكى تەكشۈرۈش توسۇقلىرىنىڭ تورلاشتۇرۇلغانلىقىنى، يېزا-كەنتلەردىكى ھەرقانداق بىر يولنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى تەكشۈرۈش توسۇقلىرىدا كىملىك ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن بىرقانچىسىنىڭ بارلىقىنى، چارلىغۇچىلارنىڭ 24 سائەتتىن كۆزەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چىرا ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغساي يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى يېزا-كەنت تەۋەسىدە ساقچىخانا ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاراۋۇلخانىلارنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈستۈن ئاتۇشتىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر يەرلىك ئۇيغۇر تەۋەلىكتە 3 يەردە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ بارلىقىنى، چارلىغۇچى خادىملارنىڭ كېچە-كۈندۈز سەپراس بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش توسۇقلىرىغا «خەلققە قۇلايلىق ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىلدىكى ئىسكەنجىگە ئېلىش سىياسىتىنىڭ، ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىلار ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى پەلەستىندە ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى دەۋرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىجرا بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە تورلاشتۇرۇلغان توسۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىلا ئومۇملىشىپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلاردىمۇ ئىز بېسىپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى يېزا تەۋەسىدە دەسلەپتە 2 يەردە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەنلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، ئىلانلىقتىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ 5 كە كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا گەرچە يېقىندىن بۇيان كۆپ ساندا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى كۆپەيتىلگەچكە ئادەم كۈچىنىڭ يەنىلا يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو تىبەتتە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە لاسادا ھەر بەش-ئون كىلومېتىردا بىردىن تەكشۈرۈش توسۇقى (پوتەي-ئىستاھكام) ياساتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىن تارتىپ قەشقەر، خوتەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەر بىر كوچىدا دېگۈدەك توسۇق ياسىتىپ، يەرلىك خەلقنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.»

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 1995-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى پارچىلاش ۋە ئۆزگەرتىش بولدى. بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ئىنكاسلىرىمۇ يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. مەن بۇ نۇقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئىلگىرى توپلىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى نەزەر-گۈزىرىگە ئالمىدى، دەپ قارايمەن. ھەتتا كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن بىر قىسىم رادىكال مىللىي سىياسىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى رايوننىڭ مۇقىملىقىدا ئۈنۈمسىز نەتىجە بەرمەكتە. ئۇ ھەتتا، خىتاينىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئاساسىي قانۇنىغىمۇ پۈتۈنلەي خىلاپ سىياسەتتۇر.»

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مانجۇلار خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخىي جەريان بىلەن باشقا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، چېن چۈەنگونىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىستىبدات سىياسىتىنى «چېكىدىن ئاشقانلىق» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە قوللانغان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ بولغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىشىنىڭ مۇقەررەر يوسۇندا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە، يەرلىك خەلقلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە باراۋەر سىياسەتنىڭ ئورنىغا بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قاتتىق قول سىياسەتنىڭ ھامان قارشىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/chen-chuengo-05172017133216.html

Share
1415 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.