logo

trugen jacn

چېخ ئۇيغۇرشۇناسى ئوندرېي كلىمېسنىڭ «قەلەم كۈرىشى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

00d5ba5b-9935-4105-9a06-380cb5ba63aa

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ېقىندا خەلقئارادىكى داڭلىق نەشرىيات — «برىلل» نەشرىياتى چېخ ئۇيغۇرشۇناسى ئوندرېي كلىمېس ئەپەندىنىڭ «قەلەم كۈرىشى: ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەنپەئەت ھەققىدىكى تارتىشمىلىرى (1900-1949)» ناملىق ئىلمىي كىتابىنى نەشر قىلغان.

ئوندرېي كلىمېسنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان. بۇ كىتاب تېمىسىنىڭ يېڭىلىقى، ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ موللىقى بىلەن 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە نەشر قىلىنغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئىلمىي ئەسەر بولۇپ قالغان.

ئاپتور ئوندرېي كلىمېس ئەپەندى مەزكۇر كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن رادىئومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىغا قىزىققۇچى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئوتلۇق سالىمىنى يوللىدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بۇ كىتابىمنىڭ نامىنى 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 1940-يىللاردا يازغان شۇ ناملىق يازمىسىنىڭ ماۋزۇسىدىن تاللاپ ئالدىم. مېنىڭچە، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مىللەت، دۆلەت ۋە مىللىي مەنپەئەت يولىدا ئېلىپ بارغان جاپالىق ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىدىيەۋى كۈرەشلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر تېما. يەنە كېلىپ بۇ سەزگۈر بىر تېما. مەن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىپ ئوقۇش، تەكشۈرۈش ۋە ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا بۇ تېما ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش يولىنى تاللىۋالدىم.»

image

«قەلەم كۈرىشى» ناملىق بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندا، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر خەلقىدە ھازىرقى زامان مىللىي ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى ۋە مىللىيەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرگە بېغىشلانغان ئەسەردۇر.

مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن مەزكۇر كىتاب 4 چوڭ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان.

بىرىنچى بۆلۈمدە 1900-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇيغۇرلاردا مەيدانغا كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللەتچىلىك، يەنى تۈركلۈك كىملىكى ۋە تۈركلۈك مىللىي ئېڭىنىڭ بىخلىرى ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىككىنچى بۆلۈمدە 1900-يىلىدىن 1920-يىللارغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مىللىي ئىدىيە ۋە مىللەت ھەققىدە ئېلىپ بارغان كۆپ قاتلاملىقى تارتىشمىلىرى يورۇتۇلغان.

ئۈچىنچى بۆلۈمدە 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئىتىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇش جەريانلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

تۆتىنچى بۆلۈمدە 1940-يىللاردا ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەركەز قىلغان «سوۋېتچە» ئىدېئولوگىيە گۇرۇھى بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» ۋەكىللىكىدىكى تۈرك مىللەتچىلىكى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر بايان قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا، ئاپتور ئوندرېي ئەپەندى يەنە مەزكۇر كىتابىنى يېزىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/uyghurshunas-03262015164457.html

Share
1650 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.