logo

trugen jacn

چىرادىكى ۋەقەدە ئەسىرگە چۈشكەن مەتسېلىم مەتكېرىمنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28-يانۋار كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيە بوستان يېزا تاغ كەنتىدە ئىككى ياردەمچى ساقچى ۋە بىر ئامانلىق مۇدىرىنى ئۆلتۈرگەن ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر پىدائىيدىن بىرى مەتسېلىم مەتكېرىم بولۇپ، ئۇ ئىككى سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە 3 ساقچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، لايقا يېزىسىغا كېلىپ ئىككى سەپدىشىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى تۇغقان بىر قېرىندىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، قېرىندىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىغان، نەتىجىدە ئۇ، ئۆزى تونۇمايدىغان بىر دېھقاننىڭ قازناق ئۆيىگە يوشۇرۇنچە كىرىپ بىر كېچە مۆكۈنگەن. ئۇ مۆككەن ئۆيدىكى كىشى ئەتىسى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، نەتىجىدە مەتسېلىم مەتكېرىم تىرىك قولغا چۈشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/chira-weqesi-02022015150054.html

 

Share
1412 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.