logo

trugen jacn

چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

2019- يىلى 25- فېۋرال

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجرائاتلىرىنىڭ ئەندىشگە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۆت ھەپتىلىك يىللىق يىغىنى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، دىپلوماتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىزچىل شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

چاۋۇشئوغلۇ گەرچە يىغىندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنىڭ جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

چاۋۇشئوغلۇ يەنە خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىدە مەسۇم ئىنسانلار بىلەن تېرورچىلار ئارىسىنى ئايرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ: «بىز خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ تولۇق قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز ۋە شۇنداق بولۇشىنى كۈتىمىز» دېدى. 

http://turkistantimes.com/uy/news-10225.html
Share
1296 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.