logo

trugen jacn

چاڭچۈن شەھىرىدە 4 ئۇيغۇر ياش «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

 

جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مەخپىي ھالدا سوتلانغانلىقى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

يېقىندا بىر تور بەتتە چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىگە ئائىت ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلى بۇ يىل 6- ئاينىڭ 25-كۈنى چاڭچۈن شەھىرىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئارىدا ئۈچ نەپىرىنىڭ 18 ئايدىن 3 -يىلغىچە بولغان قاماق جازاسى بىلەن جازالانغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ تۆت نەپەر ياشنىڭ ئىسىملىرى مەمەت رىشىت، يۇنۇس ئابدۇغېنى، ئابدۇسەمەت خالىق ۋە رىزۋانگۈل خالىقتىن ئىبارەت بولۇپ، رىزۋانگۈل خالىقنىڭ «جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغان. دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى 90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى تېخى ئەمدى 19 ياش ئىكەن.

ئۇلار يېڭىسار، يوپۇرغا ۋە قاراقاش ناھىيىلىرىدىن بولۇپ، ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئىكەن. سوتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ بالىلارنىڭ مەمەت رىشىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىنى رادىكاللىق، تېررورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش مەزمۇن قىلىنغان ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى، ۋىدىيولارنى تارقاتقانلىقى ۋە ھەتتا «جىھاد» قىلىش ئۈچۈن چاڭچۈن شەھىرىدىكى بىر باغچىغا يىغىلىپ، تېررورلۇق ۋىدىيولىرىنى تەقلىد قىلىپ تۇرۇپ، بەدەن مەشىقى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇسەمەت خالىق ۋە رىزۋانگۈل خالىقلار قېرىنداش بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ئارقىلىق تۈركىيەگە ئوقۇشقا ماڭماقچى بولۇپ تۇرغاندا خوڭكوڭدا قولغا ئېلىنىپ جۇخەي ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بايانات بېرىپ، بۇ سوتنى ئادىل دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ياشلارنىڭ سوتىنىڭ مەخپىي بولغانلىقىنى، سوت ئۇقتۇرۇشىدىن بۇ بالىلارغا ئۆز ئالدىغا ئادۋوكات يالاش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنىڭ بىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «سوتتا بېكىتىلگەن جىنايەتلەر ئۈچۈن ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىلمىگەن، بۇنى ئادىل سوت دەپ قاراشقا بولمايدۇ. مانا بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر چەتئەللەرگە قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مىسال» دېدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا يەنە، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىمۇ «تېررورلۇق» قا چېتىپ تۇتقۇن قىلغانلىقى تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-uyghur-10182016160333.html

Share
1162 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.