logo

trugen jacn
26 ئىيۇن 2014

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى

00e04c4d0a96102c342c11

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقنىڭ نامى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. چىڭگىزخان ئاخىرقى ئۆمرىدە بويسۇندۇرغان زëمىنلىرىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇللارنىڭ تۆت خانلىقى بولغان قىپچاق خانلىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، ئوگداي خانلىقى، ئىلىكخان خانلىقى بارلىققا كەلگەن. بۇ تۆت خانلىقنىڭ ئىچىدە چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى (1221-يىلدىن 1370-يىللارغىچە) بىر قەدەر چوڭ خانلىق بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زëمىنى شەرقتە ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى قاراشەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلار، جەنۇب تەرىپى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالمىلىق شەھىرى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاستانىسى شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. چاغاتايخان ئوگداي بىلەن قارشىلىشىپ، ئوگدايخاننىڭ سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغان. 14-ئەسىرنىڭ بëشى (مىلادىيە 1318-يىل)دا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى شەرقىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى ۋە غەربىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئالمىلىق شەھىرى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. يëرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كëيىن غەربىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى تëمۇر ئىمپëرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، شەرقىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 1514-يىلى يەكەن خانلىقى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قëزىلىش ئەھۋالى
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان پۇللارغا داىر خاتىرىلەر خëلى كۆپ ئۇچرايدۇ. چاڭدë 1259-يىلى ‹‹غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە بولات شەھىرى (بۈگۈنكى بورتالا)نىڭ غەربىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇل ئىشلىتىلىدۇ، پۇلغا يëزىق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پۇلنىڭ تۆت چاسا تۆشۈكى يوق دەپ يازغان. بۇ بايانلار شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، تۆشۈكى يوق پۇللارنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بëرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان پۇللار 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە چەت ئەللىك ئاتالمىش ëكىسپëدىتسىيەچىلەر تەرىپىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قëزىۋëلىنىپ، چەت ئەللەرگە ëلىپ چىقىپ كëتىلگەن. ئەنگلىيەلىك سىتەيىن كۇچادىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئۈچ دانە پۇلىنى تاپقانلىقىنى، شۇنداقلا ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونى›› ناملىق كىتابىدا، بۇ پۇللارنىڭ مىلادىيە 14-ئەسىردە قۇيۇلغان پۇللار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ياپونىيەلىك داگۇ گۇاڭرۇي تۇرپان، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ياپونىيەگە ëلىپ كەتكەن، ئەمما چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سەككىز دانە كۈمۈش پۇلىنى ëلىمىزنىڭ لۇشۈن مۇزëيىغا قالدۇرۇپ قويغان.

00e04c4d0a96102c344b12
ëلىمىزنىڭ مەشھۇر ئارخëئولوگىيە ئالىمى خۇاڭ ۋëنبى ئەپەندى ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخëئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە 1928-، 1929-يىللار تۇرپاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنڭ بەش دانە كۈمۈش پۇلى ۋە ئىككى دانە مىس پۇلىغا ëرىشكەنلىكىنى ëلان قىلغان. ئۇ ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى ئالمىلىق شەھىرى ھەققىدە مۇلاھىزە›› (بۇ ماقالە ‹‹ئارخëئولوگىيە›› ژۇرنىلىنىڭ 1963-يىللىق 10-سانىدا ëلان قىلىنغان) ناملىق ماقالىسىدە، دëھقانلار ئالمىلىق شەھىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئۈزۈلدۈرمەي قëزىۋالغان دëيىلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كëيىن سانجى، گۇچۇڭ، فۇكاڭ، مورى، قورغاس، بورتالا، تارباغاتاي، كۇچا، قەشقەر، قەشقەر كونا شەھەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى كەينى كەينىدىن قëزىۋëلىنغان. 1977-يىلى سانجى ناھىيەسىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ëلىپ بëرىلغاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 1364دانە كۈمۈش پۇلى قëزىۋëلىنغان. 1990-يىلى بورتالادىكى دالتا قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 1600 دانىدىن كۆپرەك مىس پۇلى قëزىۋëلىنغان بولۇپ، بۇ پۇللار ھازىر بورتالا ئوبلاستلىق مۇزëيدا ساقلىنىۋاتىدۇ.2001-يىل 8-ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر دëھقان ئۆز ئاىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقىنى كولىغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ساپال ئىدىشقا سëلىنغان 800دانىدىن كۆپرەك كۈمۈش پۇلىنى قëزىۋالغان. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر جانلىقىنىڭ ھازىرغىچە قëزىۋëلىنغان پۇللىرى كەم دëگەندە 6400 دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن پۇل 80 دانە، كۈمۈش پۇل 3570دانە، مىس پۇل 2500 دانىدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پارچە–پۇرات قëزىۋëلىنغان پۇللارنىڭ سانى تëخى ئاشكارىلانمىغاچقا، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ كونكرëت سانىنى ئىستاتىستىكا قىلماق تەس.
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى خانلىقى قۇرۇلغان 450 يىل ئىچىدە ھەر بىر خان تەختتە ئولتۇرغاندا ئۆز نامىدا پۇل قۇيۇپ تارقاتقان.خانلىق ئورۇن كۆپ قëتىم ئالمىشىپ تۇرغانلىقتىن، قۇيۇلغان پۇللار تëخىمۇ خىلمۇ-خىل بولغان. پۇل ماتëرىيالىنىڭ سۈپىتى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، Ëغىرلىقى، يëزىقلىرى، بەلگىلىرى ۋە بëزىلىشى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان.

پۇل ماتëرىيالى ۋە ئۇنىڭ شەكلى: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرەب–ئىسلام پۇللىرىنىڭ شەكلى ساقلاپ قëلىنغان. ئالتۇن پۇل دىنار دەپ ئاتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونلىرىدا ئوبوروت قىلىنغان. ئۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ëغىرلىق ئۆلچىمى (4.25گىرام)گە يەتكەن بىر تۈرلۈك ئالتۇن پۇلدىن ئىبارەت. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان ئالتۇن پۇللارنىڭ ëغىرلىقى 3.4 گىرامدىن 10.5 گىرامغىچە، دىيامëتىرى 15 مىللىمëتىردىن 32 مىللىمëتىرغىچە، قëلىنلىقى 1.5 مىللىمëتىردىن 2.7مىللىمëتىرغىچە، تەركىبىدىكى ئالتۇن مىقدارى %60 دىن %70 گىچە كëلىدۇ. كۈمۈش پۇل دەرھەم دەپ ئاتالغان بولۇپ، دەرھەمنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ëغىرلىق مىقدارى ئالتۇن پۇللارنىڭ ئوندىن يەتتىسىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، كۈمۈش پۇلنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ëغىرلىق مىقدارى 2.79 گىرام بولغان. خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىلغان كۈمۈش پۇللارنىڭ ساپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ëغىرلىقى ئۆلچەملىك بولمىغان. ئادەتتە، Ëغىرلىقى 1.4 گىرامدىن 3.4 گىرامغىچە كëلىدىغانلىرى بار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىككى گىرامدىن ئۈچ گىرامغىچە، دىيامëتىرى 17 مىللىمëتىردىن 27 مىللىمëتىرغىچە، قëلىنلىقى بىر مىللىمëتىر ئەتراپىدا كëلىدۇ. مىس پۇل فىلس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاز ساندا سëرىق مىس پۇلمۇ قۇيۇلغان. ëغىرلىقى 1.7 گىرامدىن 3.9 گىرامغىچە، دىيامëتىرى 20مىللىمëتىردىن 24 مىللىمëتىرغىچە، قëلىنلىقى بىر مىللىمëتىردىن 1.5مىللىمëتىرغىچە كëلىدۇ. مىس پۇل بىر خىل قوشۇمچە پۇل بولۇپ، پەقەت بەزى كىچىك كۆلەمدىكى ئاددىي سودا-سëتىقلاردا ئىشلىتىلگەن. قاىدە بويىچە ëيتقاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە زور مىقداردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللار قۇيۇپ تارقىتىلغان بولۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل پۇل تۈزۈمى بولۇشقا تëگىشلىك ئىدى، ئەمما پۇللارنىڭ شەكلى ۋە ëغىرلىقى بىردەك بولمىغان. مëنىڭ قارىشىمچە، خانلىق ئالاھىدە چوڭ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشىسىز ۋە كان بايلىقلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى پەرقلىق بولغانلىقتىن پۇللارنىڭ سۈپىتى ۋە شەكلىمۇ پەرقلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن.
پۇللاردىكى يëزىق ۋە پۇللارنىڭ بëزىلىشى: پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن يëزىقلار ئەرەب يëزىقىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يëزىقى ۋە باسىبا يëزىقلرىمۇ بار. ئىسلام دىنى ئالەمدە پەقەت بىرلا ئاللاغا ëتىقاد قىلىشنى تەكىتلەپ،بارلىق مەبۇتلارغا جۈملىدىن، پادىشاھلارنىڭ مەبۇتلىرىغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۈزىدە يëزىق، ئىمزا ۋە تۈرلۈك نەقىشلەر بار بولۇپ، يëزىقلاردا قۇران كەرىمدىكى سۆزلەر ۋە پادىشاھلارنى مەدھىيەلەيدىغان مەزمۇنلار بار. پۇللارنىڭ ئوڭ يۈزىدە كۆپىنچە ئەرەبچە ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ياكى ئاللاھ بىردىن بىر دëگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. پۇللارنىڭ تەتۈر يۈزىدە كۆپىنچە ئەرەبچە ئادىل، ئۇلۇغ ياكى پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاللاغا مەنسۇپ، ئالەم ئاللاھقا مەنسۇپ، دëگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلۈپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا پادىشاھنىڭ ئىسمى، يىل ۋە يەر نامى چۈشۈرۈلگەن

http://uyghur.xjass.com/lading/content/2011-11/15/content_212278.htm
پۇللارنىڭ قۇيۇلۇش ئۇسۇلى: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇللىرىنى قۇيۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ پىرىسلاش ئارقىلىق پۇل قۇيۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇ خىل ئۇسۇلغا ئاساسەن ئاۋۋال مëتالنى پىششىقلاپ ئۇرۇپ نëپىزلەتكەندىن كëيىن، ئۇ پۇل قëلىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ سوقۇلىدۇ. ئوخشاش بىر خىل پۇلنىڭ قëلىن-نëپىزلىكى، چوڭ-كىچىكلىكى، Ëغىر-يëنىكلىكى، خەتلەرنىڭ قëنىق-سۇسلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، پۇل بەك ئۆلچەمسىز، چۆرىسى قوپال بولۇپ ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى يوق.
پۇل قۇيۇلغان ئورۇن ۋە ۋاقىت: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىدىكى پۇل قۇيغان ئورۇنلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان پۇل قۇيغان ئورۇنلارنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندا پۇللار تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قۇيۇلغان. بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى شەھەرلەردىن خوجەند (بۈگۈنكى تاجىكىستان چëگرىسى ئىچىدە)، سەمەرقەند (بۈگۈنكى ئۆزبëكىستان چëگرىسى ئىچىدە)، بۇخارا (بۈگۈنكى ئۆزبëكىستان چëگرىسى ئىچىدە)، تالاس (بۈگۈنكى قازاقىستان چëگرىسى ئىچىدە)قاتارلىق جايلاردا قۇيۇلغان. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ چëگرىسىدىكى ئالمىلىق، بورتالا، قەشقەر، كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قۇيۇلغان پۇللاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پۇللاردا قۇيۇلغان ئورۇن ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ‹‹ئەڭ چوڭ ئوردا›› دëگەن خەتلەر ئەسكەرتىلگەن، بۇنىڭ دەل پۇل قۇيۇلغان ئورۇننىڭ ئىسمى ئىكەنلىكى ëنىق.ئۈچىنچىدىن، ئالمىلىق چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنڭ سىياسىي ۋە پۇل مۇامىلە مەركىزى جايلاشقان ئورۇن بولغاچقا، ‹‹ئەڭ چوڭ ئوردا›› دëگەن سۆز خانلىق باشقۇرىدىغان ئورگانغا، شۇنداقلا خانلىقنىڭ مەركىزىي پۇل تارقىتىش ئورگىنىغا قارىتىلغان. بۇنىڭدىن ئالمىلىقنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل قۇيۇلغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن ھىجىرىيە يىلنامىسىدىكى سانلارغا ئاساسەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنڭ 13-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يëرىم مەزگىللىرىگىچە قۇيۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قëزىۋëلىنغان بولۇپ، ھۆججەت، ماتëرىيال ۋە ئارخëئولوگىيەلىك ماتëرىياللارغا ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
پۇل قëزىۋëلىنغان ئورۇن 15 كە يەتكەن بولۇپ، تەڭرىتëئىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا، ئاساسلىقى تەڭرىتëغىنىڭ شىمالىي باغرىدىكى لىنىيەلەردىكى ھەرقايسى خارابىلىقلارغا تارقالغان. بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى قëزىۋëلىنغان، بۇ رايونلارنىڭ دەل چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەسىدىكى رايونلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ چëگرىسىدىكى تاۋار ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بىر قانچە مىڭ دانە پۇللاردا ئەسكەرتىلگەن پۇل قۇيۇلغان ئورۇن توققۇزدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ëلىمىزنىڭ شىنجاڭ چëگرىسى ئىچىدە. بۇ شىنجاڭ رايونىدا ئوبوروت قىلىنغان پۇللارنىڭ ئۆز جايىدا قۇيۇلۇپ، ئۆز جايىدا ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بëرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەند قاتارلىق جايلاردىمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ خانلىقىنڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ پۇل شەكلىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى، ئۆزارا ئوبوروت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بëرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قëزىۋëلىنغان سانىدىن قارىغاندا كۈمۈش پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور بولۇپ، كۈمۈش پۇلنىڭ ئومۇمى سانى 3500 دانىدىن ئاشىدۇ. بۇ كۈمۈش پۇلنىڭ خانلىقتا ئاساسلىق ئوبوروت قىلىندىغان پۇل ئىكەنلىكى، مىس پۇلنىڭ قوشۇمچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بëرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى شىنجاڭ تارىخىدا ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى پۇللار ئىچىدە شەكلى ئەڭ نەپىس بولغان پۇل بولۇپ، ئىسلام ئەللىرى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنڭ پۇللىرىدىكى يëزىق ۋە نەقىشلەردىن باي ھەم مەزمۇنلۇق، دىنىي تۈسىنىڭ بىرقەدەر قويۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تارىخىي، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قۇيۇلغان ۋاقتى ۋە ئورنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ پۇللىرىدىن تëخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن. ئومۇمەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى جۇڭگوغا تارقاتقانلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئىسپاتى ھëسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى يىغىپ ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
سۈرەتتە: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللىرى

پايدىلانغان ماتëرىياللار:
(1) ئابدۇقëيۇم خوجا يازغان ‹‹غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت›› ناملىق ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ 267-بëتى.
(2) ‹‹شىنجاڭنىڭ قەدىمكى پۇللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش›› ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالنىڭ 1986-يىللىق 8-سانىنىڭ 20-بëتى.
ئاپتور: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

http://uyghur.xjass.com/lading/content/2011-11/15/content_212278.htm

Share
2753 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.