logo

trugen jacn

چار رۇسىيەنىڭ 1871‏-يىلى ئىلىنى بېسىۋېلىشى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چار رۇسىيە 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئاكتىپ ئېلىپ باردى. ئۇ ئۆز ئالدىغا، بىرىنچى نۆۋەتتە، قوقەن، بۇخارا، خىۋە ۋە قازاق خانلىقلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا، تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ۋەزىپىسىنى قويدى. رۇسىيە مەزكۇر خانلىقلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى قوراللانغان ئارمىيەسىنى ئىشقا سالغان ئىدى.

چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا، 1871-يىلىنىڭ ياز پەسلىدە، 1864-يىلى يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، ئىلى ۋادىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخچىسى داۋۇت ئىسىيېفنىڭ «يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» ماۋزۇلۇق كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئىلىنى بېسىۋېلىشتا ئۈچ مەقسەتنى كۆزلىدى: بىرىنچى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتىگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق. ئىككىنچى، ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا مانجۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم كۆرسىتىپ، خىتايدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى يېڭىدىن بېسىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدە مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا يول قويماسلىق.

داۋۇت ئىسىيېفنىڭ يېزىشىچە، 1864-يىلى ئىلىدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق خەلقلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، ئىلى تارانچى-ئۇيغۇر سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ۋە 1867-يىلىدىن باشلاپ، بۇ سۇلتانلىقنى ئەلاخان سۇلتان ئىدارە قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى سىياسەت قوللانغان. بۇ ۋاقىتتا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە، ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدە يەتتىشەھەر دۆلىتى قۇرۇلغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى سۇلايمونوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، يىمىرىلىشىگە بىر نەچچە تاشقى ۋە ئىچكى ئەھۋاللار سەۋەب بولدى. بىرىنچىدىن، ئىلى سۇلتانلىقى «چوڭ ئويۇننىڭ»، يەنى رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. ئابلەت كامالوف بۇ مەسىلىدە رۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ «يەتتىشەھەر دۆلىتى»گە تۇتقان سىياسىتىنىڭمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دەل شۇ ۋاقىتتا يەتتىشەھەر دۆلىتى ھىندىستان ئارقىلىق ئەنگلىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىغان، ئەنگلىيە ياقۇپبەگ بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش يولى تۇتقان. بۇ يەردە شۇنى ھېسابقا ئېلىش كېرەككى، 1871-يىلى رۇسىيە تېخى قوقەن خانلىقىنى بېسىۋالمىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئىلى سۇلتانلىقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخى مۇستەھكەم ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ، باشقا ئاھالىلەرنىڭ، يەنى، ئەڭ ئالدى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولمىغان. رۇسىيە ھاكىمىيىتى ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنى ئەلاخان سۇلتانغا قارشى قويۇش ئوڭايغا چۈشتى. رۇسىيە مانا شۇنىڭدىن پايدىلاندى. مەسىلەن، كولپاكوۋسكىي ئۆزىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى ئاھالىسىگە قىلغان مۇراجىتىدە بارلىق خەلقلەرنى تارانچى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈشكە چاقىرغان».

ئابلەت كامالوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلى سۇلتانىنىڭ ئەتراپىدا بىرلىك بولمىغان ھەم ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ كۆپ بولغان. مەسىلەن، سۇلتاننىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى بولغان بۇشرى جەلىلوف شۇ ۋاقىتتا رۇسلار بېسىۋالغان سۈيدۈڭگە بېرىپ، رۇسىيە گېنېرالى كولپاكوۋسكىي بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا مۇھىم خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن.

بۇ جەرياندا قوشنا ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى جىددىيلەشكەن ئىدى.

رۇسىيە تارىخچىسى ۋلادىمىر موئىسېيېفنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا» ناملىق كىتابىدا رۇسىيە بىلەن ئىلى سۇلتانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىشىگە چېگرا ماجىرالىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا يەنە ئاھالە ئارىسىدا گويا ئەلاخان سۇلتان بىلەن ياقۇپبەگ ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق ئىمزالانغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىشلار تارالغان ئىدى.

مەزكۇر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەھۋاللار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىشقا باشلىغان. بۇ جەريانىدا قازاقلار ئارىسىدىكى رۇسىيەگە قارشى كەيپىياتتىكى تازابېك كۆپ ساندىكى قازاقلارنى باشلاپ، ئىلى سۇلتانلىقى تەۋەسىگە قېچىپ بارىدۇ، رۇسىيە گېنېرالى كولپاكوۋسكىي كۆپ قېتىم ئەلاخان سۇلتانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، تازابېكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلىدۇ.

نەتىجىدە، كولپاكوۋسكىي تازابېكنى تۇتۇش نامى ئاستىدا ئىلى سۇلتانلىقىغا قوشۇن ئەۋەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە رۇس ئەسكەرلىرى بىلەن ئىلى سۇلتانلىقى قوشۇنى ئارىسىدا مازار، ئاقكەنت، قورغاسقا ئوخشاش رايونلاردا جەڭ يۈز بېرىدۇ. دېمەك رۇس قوشۇنى پەقەت 1871-يىلى 22-ئىيۇندا ئىلى سۇلتانلىقى پايتەختى غۇلجىغا كىرەلىگەن بولۇپ، بۇ كۈنى ئەلاخان پۈتكۈل قورال-ياراق ھەم باشقىمۇ مۈلۈكلىرىنى رۇس ئەسكەرلىرىگە تاپشۇردى.

ئەلاخان سۇلتان نېمە ئۈچۈن ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسەتمىدى؟ ئابلەت كامالوف مۇبادا سۇلتان قاتتىق قارشىلىق ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، مۇنداق كىچىك سۇلتانلىقنىڭ رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا رۇسىيە دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىر بولغان. يەنە بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، يەنى رۇسىيەگە قوقەن خانلىقىنى بېسىۋېلىش، شۇنداقلا خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقلىرىنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋېلىش قىيىن بولمىدى. ئىلى سۇلتانلىقىغا قارىغاندا، بۇ خانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلاخان سۇلتان رۇسىيەگە باش ئېگىشنى توغرا كۆرۈپ، ھاجەتسىز قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىلى ۋىلايىتى دائىم رۇسىيەنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايىتى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلەردە بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسلارنىڭ ئىلىنى ئىدارە قىلىشى بۇ ئۆلكىگە خېلى تەرەققىيات ئېلىپ كېلىشى زۆرۈر ئىدى. ئەسلىدىمۇ شۇنداق بولدى. رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ئىلى ئۆلكىسىدە بولۇسلۇقلارنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىنى بەلگىلەپ، بۇ يەردە ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتقان ئىدى».

رۇسىيەنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنى ئىشغال قىلىشى ئون يىلغا، يەنى 1871-يىلدىن 1881-يىلغىچە سوزۇلدى. تارىخچى زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلى ئۇيغۇرلىرى رۇس ئەسكەرلىرىنى تاجاۋۇزچىلار سۈپىتىدە كۆرگەن ئىدى. زۇلپىيە كەرىموۋا، رۇسىيەنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنى بېسىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئون يىل ئىچىدە بۇ ئۆلكىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئىلىنى بېسىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەقەت سىياسىي مەنپەئەتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىشنى كۆزلىدى. ئىلگىرى، يەنى ئىلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە ئەلاخان سۇلتان رۇسىيە بىلەن تىنچلىق ئالاقىلىرىنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇس سودىگەرلىرىنىڭ ئىلىغا كىرىشىگە، ھەتتا بۇ ئەلدىن رۇسىيەگە ئاشلىق ۋە باشقىلارنىڭ ئېلىپ چىقىرىلىشىغىمۇ يول قويمىغان ئىدى. رۇسىيە ئىلى ۋىلايىتىنى بېسىۋېلىشى بىلەنلا سۇلتانلىقنىڭ بۇ قانۇن-قائىدىلىرى كۈچىدىن قالدۇرۇلدى. رۇسلارنىڭ ئون يىل داۋامىدا ئىلى ئۆلكىسىدە بولۇشى بۇ يەرگە بەزى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. رۇسىيە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ھالدا ئىلىدا بانكىلارنى، دۇكانلارنى، مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلارنى ۋە باشقىلارنى سالدى. بۇ، ئەلۋەتتە، يەرلىك ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاز بولسىمۇ ياخشىلىغان ئىدى. 1879-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا تۈزۈلگەن لىۋادىيە شەرتنامىسگە بىنائەن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان، ئون يىل داۋامىدا چىققان چىقىملار رۇسىيەگە تۆلىنىدىغان بولغان ئىدى. بۇ يەردە شۇنداقلا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئەلدىن چىقىرىلىش تەرتىپىمۇ قارار قىلىندى. لېكىن بۇ شەرتنامىگە خىتاي قول قويمىدى».

زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، 1881-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى»دا ئىلگىرىكى «لىۋادىيە شەرتنامىسى»نىڭ بەزى ماددىلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئىمپېرىيە ئاقىۋەتتە بىر كېلىشىمگە كەلگەن ۋە رۇسىيە ئىلىنى چىڭ ئىمپېرىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەم بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى يوسۇندا رۇسىيە تەۋەسىگە، يەنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ ۋادىلىرىغا كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

رۇسىيە ئىلى ۋىلايىتىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا بۇ ئۆلكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى، جەمئىيەت تۈزۈلۈشىنى، ئاھالە تەركىبىنى ياخشى تەتقىق قىلدى ۋە ماتېرىياللارنى توپلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/char-rusiye-05112017182532.html

Share
1145 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.