logo

trugen jacn

پەيغەمبەر ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى

9986512932idos1

تەۋھىد پەيغەمبىرى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ بىلەن دوست پەيغەمبەر ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى

 ئاللاھ ئۆزىگە دوست قىلىپ تاللىغان ئىبراھىم ئەلەيھسسالام، ناھايىتى ئېغىر-بېسىق، مېھرىبان، سۆزىدە سادىق ۋە بارلىق ھاياتىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان پەيغەمبەر ئىدى، شۇنداقلا ناھايىتى مېھماندوست ئىدى. بۇ خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئادەم ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇشرىك دادىسى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدىن باشقا بارلىق دۇئالىرى قوبۇل قىلىنغان، نەسلىدىن كاتتا پەيغەمبەرلەر چىققان. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئېيتقىنىدەك يەھۇدىي ئەمەستى. خىرىستيانلار ئېيتقاندەك، خىرىستيانمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ پەقەتلا ئىنسانلارغا ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى بىر تەۋھىد پەيغەمبىرى ئىدى.
ئۇ، ئەقىل- پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىدى. كائىناتنىڭ ماھىيتىنى بىلىشكە قىزىقاتتى. تەلىپىگە ئاساسەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاسمان ۋە زېمىننىڭ كۆزلەردىن يىراق بەزى ھېكمەتلىرىنى كۆرسەتتى. چۈنكى ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشى ئېتىقادىدىن ھالقىغان قىزىقىش بولماستىن، دىننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈمىدى بىلەن مەيدانغا كەلگەن قىزىقىش ئىدى. چۈنكى ئۇ دۇنيانى، ئاخىرەتنى، جەننەتنى ۋە دوزاخنى ئىنسانلارغا تونۇشتۇرىدىغان پەيغەمبەر ئىدى. ئىنسانلارغا بۇنى يەتكۈزۈشتىن ئاۋال بۇنىڭغا ئۆزى تولۇق ئىشىنىشى لازىم ئىدى. بۇ جەرياندا، ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن جانلىقنىڭ قايتا تىرىلىشىنى نەزىرىيەۋى جەھەتتىن قوبۇل قىلسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى تىلىدى. ئاللاھ بولسا، ئۇنىڭ بۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: ‹ئى رەببىم! ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتسەڭ› دېۋىدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ ئۆزەڭگە ئۆگەتكىن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ ھەر بىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ.› بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» بۇ ئەسلىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالىغا جاۋابتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە گۇمان قىلىۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاشكارا ياكى مەخپىي ساقلاپ كېلىۋاتقان سوئاللىرىنىڭ جاۋابى ئىدى.
تارىخ ۋە تەپسىر مەنبەلىرىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان، پەقەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللەر ئالدىدا يېڭىلىپ قىلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ جازالىماقچى بولغا كىشىنىڭ نەمرۇد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئىبراھىمنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئايالى سارە، كۇيىئوغلى لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە يېقىنلىرى نەمرۇد دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئالدى بىلەن ھارران رايونىغا، ئاندىن ئىيوردانىيە رايونىغا كۆچۈپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. كېيىنچە مىسىرغا كۆچۈپ كەتكەن. مىسىردىكى زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ناھايىتى قىيىن ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىنمۇ ئايرىلىپ زامانىمىزدىكى پەلەستىن رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن.
قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بويىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بەرەكەتلىك جايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام لۇت ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغان. ھەم قەۋمىدىن ھەمدە سەپدىشى لۇت ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئاللاھ تائالادىن ياخشى پەرزەنت تىلىگەن. چۈنكى ئۇنىڭ شۇ چاغقىچىلىك پەقەتلا پەرزنتى بولمىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالدىن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ. بەزى ئائىلەۋى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن ئايالى سارە ۋە ئوغلى ئىسمائىلنى زامانىمىزدىكى مەككە رايونىغا ئاپىرىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: ‹ئى رەببىم! مەككە شەھىرىنى تىنچ – ئامان قىلىپ بەرگىن. مېنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن. ئى رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئى رەببىمىز! ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن. ئۇلارغا تۈرلۈك مېۋىلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساڭا شۈكۈر قىلىدىغان بولسۇن.›» ئۇنىڭ بۇ دۇئاسى بىلەن ھېچقانداق زىرائەت ئۈنمەيدىغان قاقاس چۆل ئاۋاتلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇ يەر شۇنىڭ بىلەن بىر مەدەنىيەتنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن قىپقالغان، لېكىن زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، مەككىنى مەركەز قىلغان تەۋھىد مەشئىلى، ئەنە شۇ تارىختىن ئېتىبارەن دۇنيا ئاسمىنىنى يورۇتۇشقا باشلايدۇ.
مەككىگە قويۇپ كەتكەن ئوغلى ياش قورامىغا يەتكەندە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئىمتىھانى باشلىنىدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە كۆرستىلىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەلەستىن دىيارىدىن مەككىگە جەمئىي ئۈچ قېتىم زىيارەتكە بارىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا، ئائىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارىدۇ. ئىككىنچى قېتىم بارغاندا ئايالى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئوغلىنىمۇ كۆرەلمەي قايتىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا، ئاللاھ تەرىپىدىن كەئبىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش بۇيرۇقى بېرىلگەندە مەككىگە كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھسسالام بەيتۇللاھنى سېلىپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن بارلىق ئىنسانلارنى كەئبىنى تاۋاپ قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ تارىختىن ئېتىبارەن بەيتۇللاھ دەپمۇ ئاتىلىدىغان كەئبە، ئىنسانلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنىڭ مەركىزىي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ياساپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جېبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەجنىڭ قانداق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكى ئىنسانلار بىلەن بىللە بۇ ئىبادەتنى ئورۇندايدۇ. ھەج پائالىيتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە پەلەستىنگە قايتىپ كېتىدۇ. قۇرئاندا ئىسىمى ئېيتىلماستىن ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا نىيەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا چۈشىدە بىلدۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا ئىبراھىم ئەلەيھسسالامغا ئاسماندىن بىر قۇربانلىق قوچقار چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا غەلىبە قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جان- جىگەر يۈرەك پارىسىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلىشىن قورقماسلىقتەك ئالىيجاناب روھى ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئاللاھ يولىدا قۇربان بولۇشقا بولغان رازىلىقى كېيىنكى نەسىللەر ئىچىدە ئۈلگە بولۇپ تىكلىنىدۇ. بۇنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە كېيىنكى نەسىل ئىنسانلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈلگىلىك پائالىيەتلىرى ئەبەدىيلىشىدۇ. ئىبراھىمغا سالام بولسۇم!
يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىچىك ياشتىن باشلاپلا ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە شېرىك كەلتۈرۈشكە كەسكىن قارشى تۇرۇپ كەلدى. بۇ يولدا سۆيۈملۇك ئاتا- ئانىسىدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقمىدى. ئۆمرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بولسا، ئەڭ ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلىشتىن باش تارتمىدى. مەيلى تەۋھىد، مەيلى ئىبادەت جەھەتتىن بولسۇن، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇندىدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، جاپا- مۇشەققەتلىك ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئاللاھنىڭ دوستى بولۇپ تاللاندى. ھەقىقەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ تۇتقان تەۋھىد يولىدىن ماڭغۇچىلار، بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەندى. بۇ ئادەت بىزنىڭ مۇسۇلمان خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئومۇملىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنىڭ «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام» نىڭ مىللىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، دىنىي مىللەتچىلىكنى، ئېتنىك مىللەت ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان چۈشەنچە شەكىللەندىتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
Share
2099 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.