logo

trugen jacn

پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» غا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

image (2)

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پەيزىۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق قىزىلسۇ يېزىسى تۈزۈپ چىققان ۋە رەسمىي ئىجرا قىلىۋاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ «مەسئۇلىيەتنامە»دىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇنىڭ تەتبىقلىنىشى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى راديومىزدا بېرىلگەن خەۋەر ئارقىلىق بۇ «مەسئۇلىيەتنامە» دىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇ «مەسئۇلىيەتنامە» دىكى ماددىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا قولۇم-قوشنىلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقى سېلىش، ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە خائىن بولۇش ۋە ئۆزئارا جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئۇ كىچىك ۋاقىتلاردىلا مەۋجۇت بولۇپ، خىتايلار كۈتكەندەك چوڭ ئۈنۈم بەرمىگەن ئىكەن، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىلدىكى بىر ئادەم ئىش چىقارسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بۇ ۋەقەگە زورلاپ چاتىدىغان ۋە جازا بېرىدىغان قانۇنسىز قىلمىشنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ رايونلار ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن بۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر خەۋەردار ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇزۇن ۋاقىت سىناق قىلغان ھەمدە بۇنىڭ قىسمەن ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنى كېڭەيتىش كويىغا چۈشكەن.

ھامۇت گۆكتۈرۈك ئەپەندى پەيزىۋات ناھىيىسى ئىجرا قىلىۋاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادەتلىرىگە مەنسۇپ بىر قىسىم مەزمۇنلارنىڭ «قانۇنسىز پائالىيەتلەر» قاتارىغا ئۆتۈپ قالغانلىقىنى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا قارشى ئېلىنىدىغان ھاراق ياكى تاماكا تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ مەسئۇلىيەتنامىدا پاش قىلىنىدىغان «گۇمانلىق» ھەرىكەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

29e6e9ce-16b8-49dd-8aa5-4aea692047fb

ئۇ يەنە بۇ خىلدىكى تۈزۈمنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىنلىكىنى، ئەمما پۈتۈن دۇنيا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان 21-ئەسىردە بۇ خىلدىكى سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ تولىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىش ۋە قەبىھلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى چېتىپ جازالاش قىلمىشىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندا ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ خىلدىكى بىر ئادەم «گۇناھ» قىلسا، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوشۇپ جازالايدىغان ئۇسۇلنىڭ خىتاي تارىخىدىكى فېئودال پادىشاھلارنىڭ دائىملىق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا مۇشۇ خىلدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلى 30-ئىيۇل كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىر داموللىنى ئۆلتۈرگەن نۇرمۇھەممەد ئابدۇلھەمىد، غېنى ھەسەن، تۇرغۇن تۇرسۇن قاتارلىق ياشلار بىردەك پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىن ئىكەن. 2014-يىلى 18-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنىپ، ھازىر پەيزىۋات ناھىيىسىدە تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» نىڭ جۈمە تاھىر داموللىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، شۇ ۋەقەگە جاۋابەن تۈزۈپ چىقىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/peyziwat-muqimliq-11162015150007.html

Share
1472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.