logo

trugen jacn

پەيزىۋات تېرىمدا ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى دەلىللەندى

13c9145d-f41a-44d9-89be-0b8c21e7d71a

شۆھرەت ھوشۇر

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە ۋەقەنىڭ بىر ئاي ئاۋۋال بىر مەسچىت ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى، ئوق چىقارغان خادىمنىڭ پەيزىۋاتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاتۇشلۇق بىر ساقچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ باشقا تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز پەيزىۋاتقا تېلېفون قىلىپ ئاھالە ۋە ساقچى خادىملىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى. نەتىجىدە مەزكۇر ۋەقەنىڭ بىر جۈمە كۈنلۈكتە يۈز بەرگەنلىكى پەيزىۋاتنىڭ گۈللۈك يېزا ساقچىخانىسىغا تەۋە بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى. ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدە نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان بۇ خادىم مەزكۇر ۋەقەگە ساقال قويغان ئىككى نەپەر ياشنىڭ جۈمە نامىزىغا كىرىشتىن توسۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پەيزىۋات تېرىم مەسچىتى ئالدىدا 25-30 ياش ئارىسىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ، 28-35 ياش ئارىسىدىكى بىر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت ئالدىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا داۋام قىلغان تالاش-تارتىشنىڭ تەپسىلاتى، شۇنداقلا ۋەقە سادىر قىلغان خىتاي ساقچىسى بىلەن ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېنىق كىملىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ikki-uyghur-01062016160233.html

Share
1401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.