logo

trugen jacn

پەيزىۋات تېرىمدا ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

e211972a-c05a-4664-8406-ec70e9e99023

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

توردا تارقالغان پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى مەسچىت ئالدىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى دەلىللەنگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا مەلۇمات ئىگىلىدى، نەتىجىدە ۋەقەنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى 5 – كەنت مەسچىت ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەگە ساقال قويغان ئىككى نەپەر ياشنىڭ مەسچىتكە كىرىشتىن توسۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تالاش – تارتىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ياش 25 – 30 ياشلار ئارىسىدا، ۋەقە سادىر قىلغان ساقچى 30 – 35 ياش ئارىسىدا بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇچۇرىمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ۋەقەدە ساقچىلارنىڭ ئالدىراپ ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە ئىككى نەپەر ياشقا ئۇۋال بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇنىڭدىن بىر يېرىم ئاي ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇچۇرىمۇ خۇددى ئىلگىرىكى ۋەقەلەردەكلا دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق قامال قىلىنغان، شۇڭا ۋەقە سادىر قىلغان ساقچىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى يەنى مۇكاپاتلانغان ياكى جازالانغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/peyziwat-terim-weqesi-01082016222223.html

Share
1373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.