logo

trugen jacn

پەيزىۋاتتىكى ساقچى: قولۇمدا سوت ئېچىلماستىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىلەر بار

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ پەيزىۋاتقا قاراتقان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا شاپتۇل يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى قولىدا تۇتقۇنلار ھەققىدە سوت ئېچىلماي تۇرۇپ چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىلەر بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ مەسئۇل كەنتتىن 46 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلغان، بۇلاردىن 30 نەپىرى كېسىلگەن، ئەمما سوت ئېچىلمىغان. ئۇ، كېسىلگەنلەردىن 26 نەپىرىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئۆزى تولدۇرۇپ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ يەنە قولىدا بوش ھۆكۈمنامىدىن ئۈچى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. يېڭىسارنىڭ ساغان كەنتىدىكى بىر تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتىمۇ مەھەللىسىدىكى تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلمىغانلىقى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھۆكۈمنامىنى ئۆيمۇ-ئۆي تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىللاردىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى سىياسىي مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئائىلە ئەزالىرىنى قاتناشتۇرمىغان ھالدا مەخپىي شەكىلدە سوت ئېچىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلغان بۇ يىلقى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا قولغا ئېلىنغانلار سانى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە سوت ئورۇنلىرىنىڭ مەخپىي سوت ئېچىشقىمۇ ۋاقتى يەتمىگەن؛ نەتىجىدە سوت ھۆكۈمى يېزىلغان ھۆكۈمنامە گىراپپىلىرى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن. ساقچى خادىملىرى قوللىرىدىكى ئالدىن تەييارلانغان سوت ھۆكۈمنامىسىدىكى بوش ئورۇنغا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى ۋە كېسىلگەن يىلىنى تولدۇرغاندىن كېيىن، بۇ ھۆكۈمنامىنى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

جەمئىيەتتە تارقالغان بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇ مەسئۇل بولغان كەنتتىن 46 كىشى تۇتۇلغان. بۇلاردىن 30 نەپىرى كېسىلگەن. كېسىۋېتىلگەن 26 كىشىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئۇ ئۆزى تولدۇرۇپ ئائىلىسىگە تارقىتىپ بەرگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، سوت ئېچىلماي تۇرۇپ ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ھۆكۈمنامىلەردە مەھكۇملارنىڭ ئىسمى ۋە كېسىلگەن يىلى يېزىلمىغان، ئەمما قىلمىشى، ئەيىبنامىسى ۋە خىتاي قانۇنى بويىچە جازاسى يېزىلغان.

بۇ ساقچى خادىمى يەنە قولىدا 3 گۇماندار ئۈستىدىن چىقىرىلغان بوش ھۆكۈمنامە بارلىقىنى، ئەمما تۇتقۇنلار ئۈستىدىكى سوراق ۋە تەكشۈرۈشنىڭ تۈگىمىگەنلىكى، تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر گىراپىغا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە يىلىنى تولدۇرۇپ ئائىلىسىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدا 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن سابىق مەھبۇس ئابدۇۋاسىپ ئۆمەر ئۈستىدىن سوت ئېچىلمىغان. ئەمما ئالاقىدار خادىملار ئابدۇۋاسىپ ئۆمەر ۋە كەنتتىكى باشقا مەھكۇملار جازا لاگېرىغا يوللانغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكۈمنامىنى مەھكۇم ئائىلىلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سوت ئېچىلماستىن چىقىرىلغان بۇ خىل ھۆكۈمنامىلەر كۆپىنچە ھاللاردا يېزىلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن تولدۇرۇلغان، ساقچىلار ۋە كەنت سېكرېتارلىرىدىن تەرىپىدىن تارقىتىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/sotsiz-hokumname-10262017154235.html

Share
1896 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.