logo

trugen jacn

پەيزىۋاتتا «ئەكسىلىنقىلاۋىي» تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان ۋە ئالغان 3 كىشى قايتا قاماقتا

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدا 8 يىلنىڭ ئالدىدا ئاتالمىش ئەكسىلىنقىلاۋىي تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان ۋە ئالغان 3 كىشى يېقىندا قايتىدىن قاماققا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى بۇرۇن 6 ئايلىقتىن قاماق جازاسىنى تاماملىغان، بىر نەپىرىنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى ساقلىغانلىقى يېڭىدىن بايقالغان. مەزكۇر تەشۋىقات ۋارىقىنى تەييارلىغان كىشى بارىننىڭ ئىككىنچى كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن كەنت سېكرېتارى مەزكۇر تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى دەپ بېرەلمىدى. سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي كۆچمەنلىرىگە نارازىلىق ۋە ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىشقا چاقىرىق مەزمۇنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزا 1-كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ كەنتىدىن نۆۋەتتە ناھىيىلىك تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 18 كىشىنىڭ ئۈچ نەپىرى 8 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشى سەۋەبلىك تۇتۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 88 يىل ئاۋۋال، بارىن يېزىسىدا بىر ئاتالمىش ئەكسىلىنقىلاۋىي تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە تەشۋىقات ۋارىقىنى تەييارلىدى دەپ ئەيىبلەنگەن باش گۇماندار مۇددەتسىز كېسىلگەن؛ تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقاتقان ۋە بىلىپ-بىلمەي ساقلىغان كۆپلىگەن كىشى ئەينى چاغدا ئوخشىمىغان قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇلاردىن 6 ئايلىقتىن قاماق جازاسىنى تۈگەتكەن خۇدابەردى ئابلىز بىلەن غوپۇر راخمان بۇ قېتىم قايتىدىن تۇتۇلغان؛ ئالىم غوجى تەشۋىقات ۋارىقىنى ساقلىغانلىقى يېڭىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.

پەيزىۋاتتىكى ساقچى ۋە سوت خادىملىرى تەشۋىقات ۋارىقى دېلوسى تولىمۇ سەزگۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر رايونىدا بىر مەھەل ساقچى خادىمى بولغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يولۋاس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ تەخمىنەن مەزمۇنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/peyziwatta-3kishi-qamaqta-06232017203840.html

Share
936 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.