logo

trugen jacn

كەتمەن چىپىش مۇسابىقىسىمۇ ياكى ئۆي ھايۋانلىرى قاتارىدا ئىشلىتىشمۇ؟

1114466136_14250901498381n

خىتاينىڭ دۆلەت خەۋەر ئاگىنىتلىقى  شىنخۇۋا 2015.يىلى 2.ئاينىڭ 28.كۈنىدىكى خەۋىرىدە،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە 2.ئاينىڭ26.كۈنى دىھقانلارنىڭ كەتمەن چىپىش مۇسابىقىسىنى ئۇرۇشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.بۇ دەل خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئىلىۋاتقان كۈنلىرى بولۇپ،ئۇيغۇرلار ھاشارغا  ئاپىرىلىپ ئۆستەڭ چاپقۇزۇلغان.مۇسابىقىدا ئۇتۇپ چىققانلارغا كەتمەن سوغا قىلىنغان


بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائى مىللەتلەرمۇ سۇ قۇرۇلۇشى،ئۆستەڭ قىزىش ئىشلىرىنى توپا قىزىش،تۇپا تۇشۇش ماشىنىلىرى ئارقىلىق قىلماقتا.پەقەتلا ئۇيغۇر دىھقانلىرىنى ئىپتىدائى ئىشلەپچىقىرىش قۇرالى كەتمەنگە لايىق،دەپ قاراۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، بۇگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادا ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى كەتمەنگە مۇھتاج قالدۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھىچ قانداق نۇمۇس ھىس قىلماي،مەتبۇئاتلاردا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى نۇمۇسسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆي ھايۋانلىرى ئورنىدا كۆرۈپ ئىشلىتىشتىن ۋازكەچمەيۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالىدۇر

 

 

 

ماڭا يىقىندا بىر تونۇشم مۇنداق بىر ھىكايىنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى.يۇقىرقى رەسىملەرنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ دەپ بەرگەنلىرى بىردىنلا ئىسىمگە كەلدى.ئۇ تۇنۇشۇم خىتاينىڭ مەلۇم بىر چوڭ شەھرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا،ئۇ شەھەردە خىتاينىڭ ئالاھىدە مەخپى جاسۇس تەربىيلەدىغان بىر مەكتىۋىدە ئۇقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ.ئۇ بىر ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ قاتتىق مەس بولۇپ قالغاندا تونۇشۇمغا ئىچىنى تۈكۈپ مۇنداق دىگەن؛ قارا ئاكا! مەن پارتىيەگە شۇنچىلىك سادىقكى،داداڭنى ياكى ئاناڭنى پارتىيە مەنپەتى ئۈچۈن ئۆلتە،دىسە ئىككىلەنمەي ئۆلتۈرىۋىتىدىغان بىر ئادەم.مەن ناھىيىتى جىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ ئاندىن بۇ يەرگە تاللىنىپ كەلدىم.ئۈرۈمچىدىن يىغىنغا كەلگەن بىر باشلىقىم مىنى يوقلاپ كەپتىكەن.باشلىق دىسەممۇ،دادامنىڭ ئورنىدا دىسەممۇ بۇلىدۇ.كۆڭلىمىز شۇنداق يىقىن.ماڭ نىمە دىدى بىلەمسىز؟ “سىنىڭ يۇرتۇڭدا ھاشار دەيدىغان بىر ئىش بار بىلەمسەن؟ دەيدۇ،بىلىمەن،قىش كۈنلىرى ھەقسىز سۇ قۇرۇلۇشى،ئۆستەڭ چاپىدىغان ئىشلار،دىسەم،ھە،ئەسلىدە ئۇ ھاشار دىگەن ئۇيغۇرلار بىكار قالمىسۇن،بىكار قالسا بۇ خەق ئىش چىقىرىدۇ،دەپ ئىجات قىلغان ئىشىمىز.سىنىڭ مىللىتىڭ بارغۇ! ھايۋاندىن پەرقى يوق.پەرقى پەقەتلا گەپ قىلالايدۇ.ئىشەكنى،ھۈكۈزنى،ئاتنى ئىشلەتكەنسىرى ياۋاشلايدۇ.ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق.ئەقلىڭدە تۇت!” دىدى،شۇنىڭدىن بىرى بۇ گەپلەرىنى ھەزىم قىلالمايۋاتىمەن.مەنمۇ بىر ئۇيغۇر.مىنىڭ كۆزۈمگە قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ گەپنى قىلىدى ئەمەسمۇ،دەپ يىغلىغان
بۇ رەسىملەرنى تورغا خەۋەر چىقىرىپ قويغان خىتايلارمۇ ئوخشاش كۆزقاراشتىكى خىتايلاردۇر.ئۇيغۇر خەلقى بۇنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم

مەنبە

伽师县举办“金坎土曼”劳动竞赛响应群众心声

 

Share
3834 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.