logo

trugen jacn

پۈتۈن دۇنيادا ”بىر ئاۋاز، بىر قەدەم“ نامايىشى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى

 

بۈگۈن يەنى 15-مارت پەيشەنبە كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە تەشكىللىگەن كۆلىمى ئەڭ زور نامايىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۈگۈن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، نيۇ-يورك كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى ۋە ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى تورى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق نازارەت سىياسىتى ۋە يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت كېيىن زورىيىپ، 14 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىچە كېڭەيگەن

 

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار نامايىش ئېلىپ باردى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

15-مارت پەيشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش كۈن ۋە ئوخشاش سائەتتە ئۆتكۈزۈش چاقىرىق قىلىنغان «بىر قەدەم بىر ئاۋاز» نامىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار 15-مارت كۈنى تاكسىم رايونىدا يۈرۈش قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.

بۇ پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر خانىم-قىزلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلار ئالدى بىلەن بەيتئوغلى تۇنىلى ئالدىغا توپلىشىپ، قوللىرىدا تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەر خىل شوئار توپلاپ تاكسىم مەيدانىغا يېقىن گالاتا ساراي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتنىشىپ خانىم-قىزلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشقا، «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى»، «ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى» قاتارلىق چوڭ مېدىيالارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەم نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئالتە ئايدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟، قانچە ئانىنىڭ يۈرىكى ئېزىلىۋاتىدۇ، كۆز ياشلىرى توختىمايۋاتىدۇ، قانچە بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، سىلەر بىلەمسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالىغا يەنە قاچانغىچە سۈكۈت قىلىسىلەر؟ ئەمدى بولسىمۇ سۆزىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار! دىن نامىدا، مىللەت نامىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىززەت-غۇرۇر نامى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمدى سۆزىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار! يېپىق تەربىيەلەش نامى ئاستىدا قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز زۇلۇم دەستىدىن قاتتىق ئىڭراۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ پۈتۈن ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى مۇناسىۋەت قىلىشتا چەكلەندى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقە ۋاسىتىلىرى پۈتۈنلەي چەكلىمە ۋە نازارەت ئاستىدا قوللىنىلىدۇ. قول تېلېفونلاردا دىنى ياكى مىللىي مەزمۇن ياكى رەسىملەر چىقىپ قالسا نەچچە يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تۈرمىگە قامالغانلاردىن خەۋەر ئېلىش، زىيارەت قىلىش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خەۋەر ئېلىش ئىمكانسىز بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ پسىخولوگىيە جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنى جىددىي ۋەزىپىگە چاقىرىق قىلىمىز. ب د ت ۋە دۇنيا ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

نامايىش ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ۋە بىر قانچە تەلەپلەرنى يېزىپ سۇندى.

مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىملارغا خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ھېچ قانداق گۇناھى يوق ئىنسانلارنى سەۋەبسىز يوق قىلىۋەتمەسلىكى، تايلاند ۋە مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ب د ت نىڭ ئىستانبۇلدىكى ئورنىغا سۇنغان. ب د ت نىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىشخانىسى ئالدىغا چىقىپ، ئۇيغۇر ھەيئەتنى كۈتۈۋالغان ۋە تەلەپ-ئىلتىماسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتنى قوبۇل قىلىپ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم، شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىدىن دەم ئېلىشقا چىققان شەمسىقەمەر خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەمسىقەمەر خانىم، بۇ نامايىشقا ئۆزىنىڭ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، بۇ نامايىشنىڭ ئىلگىرىكى نامايىشتىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغانلىقىنى، نەچچە ھەسسە كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئويغىنىپ نارازىلىق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «يېپىق تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قاماش، قاتتىق نازارەت قىلىش قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامىدىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئامېرىكىنىڭ ۋىرىگىنىيە ۋە باشقا شتاتلىرىدىن شۇنىڭدەك باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيەت ۋە جامائەت ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 400 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

بويۇنلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شارپىلارنى تاقىغان ۋە باشلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق ياغلىقلارنى ئارتقان ھەم قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن خانىملار، ئوغۇل-قىزلار ب د ت بىناسى ئالدىدىكى سۈكۈتلۈك نامايىشتىن كېيىن خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شوئارلارنى توۋلاپ كوچا بويلاپ نامايىش قىلغان.

نيۇ-يوركتىكى بۇ نامايىشقا ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردىن بىر قىسىم ئاكتىپلارمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ قاتناشقان. نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئەزىز نەق مەيداندىن مەلۇمات بېرىدۇ.

 

ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىغا ئاۋاز قوشتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

15-مارت كۈنى ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەدىكى نامايىشنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-مارت كۈنى14 دۆلەتتىكى 17 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار نارازىلىق نامايىشى، گەرچە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ئايال ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشقا شۇ دۆلەتلەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغۇچى يەرلىك خەلقلەرمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.

ۋاقىت پەرقى ئامېرىكىدىن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىن بىر كۈن ئىلگىرى بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد ۋە سىدنېي شەھەرلىرىدە، شۇ يەر ۋاقتى 15-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 11-دە «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار نارازىلىق نامايىشى باشلانغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېلدانە ئابباس سۆز قىلىپ، 15-مارت كۈنىدىكى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ 14 دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئادېلايد شەھىرىدىكى نەق مەيدان نامايىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن شەھرىزات غەيرەت، پەرىزات خانىم، ئېلدانە ئابباس ۋە زۇلفىيە ئابدۇللا خانىملار تەرىپىدىن رادىيومىزغا يوللاندى.

نەق مەيداندىكى نامايىش كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە جىمجىت يۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئادېلايد شەھىرىدىكى نامايىش قاتناشچىلىرى يول بويى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى «جازالاش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قويۇپ بېرىلسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەندەك نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلاپ ماڭغان. ياشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ، يول بويى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ ماڭغان.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن پەرىزات خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار ئادېلايد شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىغا كەلگىنىدە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مايكول قاتارلىق بىرقانچە پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نامايىش مەيدانىدىن ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان بىرقانچە ئۇيغۇر ئادېلايد شەھىرىدىكى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» گۇرۇپپىسىدىكى ئاياللار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇلار سۆزلىرىدە بۇ خىل نامايىشلار ئارقىلىق ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيەدىكى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن زۇلپىيە ئابدۇللا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نامايىشنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭلا دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاپلا قالماستىن بەلكى نامايىش مەيدانىغا ئاۋسترالىيەدىكى بىر قانچە تاراتقۇلارنىڭمۇ مۇخبىرلىرى كېلىپ نەق مەيداندىن نامايىش ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ قېتىمقى نامايىش گەرچە «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار گۇرۇپپىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەشكىللىگەن تۇنجى نامايىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

15-مارت كۈنى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار نامايىشى ياپونىيەدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.

15-مارت ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىنچ ئوكيان ئاسىيا-بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى نامايىشقا قاتناشقان ئادەم سانى گەرچە جىق بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، ياپونىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىشتىن باشقا، ياپونىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ مۇنازىرە قوزغىغان.

«بىر ئاۋاز بىر قەدەم ئاياللار گۇرۇپپىسى» نىڭ ياپونىيە بۆلىكىدىكى نامايىشقا قاتناشقان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-مارت توكيودا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا سولانغانلار بولۇپ، نامايىش جەريانىدا بۇ ئاياللارنىڭ تۆككەن كۆز ياشلىرى ئۇلارنى كۆرگەن ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىغان

ئوسلودا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار 15-مارت نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارىغا جور بولغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى، بالىلار ۋە ھەرساھە ئۇيغۇر جامائىتى 15-مارت كۈنى ئوسلو شەھىرىگە جەم بولۇپ، نامايىش ئېلىپ بارغان.

نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەشكىللىشى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەمدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش 2 سائەت داۋام قىلغان.

نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ سۈرىتى بېسىلغان شارپا، ياغلىق ۋە تۈرلۈك بەلگىلەرنى ئۈستىگە ئارتىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ھەمدە ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان. «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدىكى بۇ نامايىش بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرقانچە ئايدىن بۇيان ھازىرلىق قىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئۆزلىرى پەرەز قىلغاندىكىدىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ قېتىملىق نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىشلىرىدا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

16-مارت كۈنى ئوسلو شەھىرىدىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن د ئۇ ق، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى 15-مارت ئوسلو شەھىرىگە جەم بولغان.

د ئۇ ق ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17-18-مارت كۈنلىرى ئوسلو شەھىرىدە يەنە «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن ھەمدە 18-مارت كەچتە نورۇز پائالىيىتى بولۇپ ئۆتىدىكەن

 

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن 15-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئۇلار قوللىرىدا كۆك بايراق ۋە ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى چوڭ مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

بىز گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى ئامانگۈل خانىم ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاياللار نامايىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلنار خانىم گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 ئەتراپىدا خانىم-قىزنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ميۇنخېندا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، نامايىش جەريانىدا كۆپلىگەن نېمىس ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر نامايىشچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ سوراپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلانغان ۋاراقچىلارنى قىزىقىپ ئالغان. بۇ ھەقتە گۈلنار خانىم مەلۇمات بەردى.

نامايىش ھەقققىدە يەنە سۇرەييە خانىممۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان نەۋباھار خانىم بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نامايىشقا كەلگەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بايانات بېرىپ، ھەر دائىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەتجان ئەپەندى نۆلدىن تۆۋەن 8 گرادۇس سوغۇقتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشقا كېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇمىنى ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

15-مارت كۈنى يەنە لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

15-مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئالدىدا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەت 17 شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نارازىلىق پائالىيىتى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى نامايىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

Share
3454 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.