logo

trugen jacn

پىرېزىدېنت جانابلىرىدىن ئىلتىماس

ئەمەت قادىرى

مۆھتەرەم پىرېزىدېنت جانابلىرى:

«ئۇيغۇر مەسىلىسى»دە كىشىلەرنىڭ قانداق شەكىلدە سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولۇپ، دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» ياكى «مىللەت نۆۋەتتە» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرىنىڭ تۈپكى مەقسىتى پەقەت نوقۇل ھالدا خىتاي كومھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ ھالدا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە فاشىست خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش، پاش قىلىش ۋە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىگە يالۋۇرۇش ئارقىلىق ئائىلە قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئەمەس. خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىستلىق رەزىل ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئەماغىمۇ ئايدىڭ.

مۆھتەرەم پىرېزىدېنت جانابلىرى، بىز سىزنىڭ نۆۋەتتىكى «ئائىلەم قەيەردە؟» ياكى «مىللەت نۆۋەتتە» دەپ ئاتالغان نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا «مىللىي مۇناپىق، مىللىي خائىن» قاتارلىق  بەتناملار بىلەن تۆھمەت چاپلاشتەك بولمىغۇر  ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئاۋارە بولۇشتىن كۆرە ۋە «قارا قورساق زىيالىي»،«سەپسەتە»، «قاقشاش-ۋايساش» قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تولغان نۇتۇقلارنى سۆزلەپ ئۆزىڭىزنى «بىلەرمەن» ۋە «نەزەرىيەچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندىن كۆرە، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىن ھۆكۈمىتى»نىڭ پىرېزىدېنتى نامى بىلەن «ئۇيغۇر داۋاسى» ئۈچۈن باشقا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىڭىز مۇمكىن، دەپ ئويلايمىز. بىز سىزنىڭ  ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ نامىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ھۆكۈمىتىڭىز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى»نى مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىر پارچە ئىلتىماس يېزىش بىلەن بىرگە، پىرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن «دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پىرېزىدېنت جو بايدېن، باش ۋەزىر  بورىس جونسون، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن «ئۇيغۇر داۋاسى» ھەققىدە يۈزتۇرانە سۆھبەتلەردە بولۇشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمىز. بىز سىزنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربى يېتىدۇ، دەپ  ھېسابلايمىز ھەمدە بۇ ئىشلارنى قىلىشقا دەرھال تۇتۇش قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

2021-يىلى 17-فېۋرال

 

Share
1309 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.